تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

جۇڭگونىڭ قازاقىستاننىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشىغا ياردەم بېرىش داۋالاش مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى ۋەزىپىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاپ ۋەتەنگە قايتىپ كەلدى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى يۈەن لېي خەۋەر قىلىدۇ: جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ قازاقىستاننىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشىغا ياردەم بېرىش داۋالاش مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىدىكى ئون كىشى خىزمەت ۋەزىپىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاپ، 4 - ئاينىڭ 23 - كۈنى ئايروپىلاندا ئۈرۈمچى دىۋوپۇ خەلقئارا ئايروپورتىغا يېتىپ كەلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى تيەن ۋېن ئايروپورتقا چىقىپ كۈتۈۋالدى.

ئۆتكەن 14 كۈندە، داۋالاش مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ نۇرسۇلتان، قاراغاندا ۋە ئالمۇتاغا بېرىپ، قازاقىستاندىكى كەسىپداشلار بىلەن بىرلىكتە بىرىنچى سەپكە چوڭقۇر چۆكۈپ، قازاقىستان ئاممىۋى سەھىيە مەركىزىنىڭ جىددىي ھەرىكەت مەركىزى، دۆلەت ئىلىم - پەن، يۈرەك تاشقى كېسەللىكلەر مەركىزى، بېكىتىلگەن ئايرىۋېتىش سورۇنلىرى قاتارلىق جايلارغا بېرىپ خىزمەتلەرنى قانات يايدۇردى. قازاقىستان سەھىيە مىنىستىرلىقى، ئاممىۋى سەھىيە مەركىزى، تېببىي مەكتەپ قاتارلىق تارماقلار بىلەن 44 مەيدان(قېتىم) توردا ۋە تور سىرتىدا يىغىن ئېچىپ پىكىر ئالماشتۇرۇپ، جۇڭگو تەرەپنىڭ ئاغرىق مىساللىرىنى ئىلغاپ تەكشۈرۈش، يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، ئاغرىق مىساللىرىنى باشقۇرۇش، كىلىنىكىلىق دىياگنوز قويۇش - داۋالاش، ئېغىر كېسەللەرنى كۆزىتىش، مەھەللىلەرنىڭ ساغلاملىق باشقۇرۇشى ۋە تەجرىبىخانا مەشغۇلاتى قاتارلىق جەھەتلەردىكى تەجرىبىلىرىدىن تەڭ بەھرىمەن بولۇپ، قازاقىستان تەرەپنىڭ قازاقىستان 6 - نۇسخا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىغا دىياگنوز قويۇش قوللانمىسىنى تۈزۈشىگە ياردەملەشتى ھەم 10 مىڭدىن ئارتۇق تېببىي خادىم، ئاممىۋى سەھىيە خادىمى، تەجرىبىخانا خادىمى، مەھەللە ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خادىمىنى 35 مەيدان(قېتىم) مەسلىھەت بېرىش ۋە تەربىيەلەش بىلەن تەمىنلىدى. مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى يەنە سىندا كۆرۈشۈش شەكلى ئارقىلىق قازاقىستاندىكى خۇارىن - خۇاچياۋلار، جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلار ۋە شۇ جايدىكى جۇڭگو مەبلەغ سالغان كارخانا خادىملىرىغا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، داۋالاش بىلىملىرى توغرىسىدا لېكسىيە سۆزلىدى.

داۋالاش مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ ئوتتۇرىغا قويغان تەكلىپلىرى، كەسپىي ھەم سەمىمىي ئورتاقلىشىشى قازاقىستان ھۆكۈمىتى، داۋالاش كەسىپداشلىرى، ھەر ساھە ئاممىسىنىڭ كەڭ ئېتىراپ قىلىشى ۋە ماختىشىغا ئېرىشتى. قازاقىستان سەھىيە مىنىستىرى بىرتانوف مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش جەھەتتە مول تەجرىبىلەرنى توپلىدى، بۇ قېتىم جۇڭگونىڭ داۋالاش مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى ئەۋەتىشى قازاقىستاننىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلىشىدە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. قازاقىستاننىڭ 1 - مۇئاۋىن دىپلوماتىيە مىنىستىرى نۇرېشېف جۇڭگو تەرەپ ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق جۇڭگو - قازاقىستاننىڭ ئىناق قوشنىدارچىلىق دوستلۇقى ۋە ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى نامايان قىلدى، دەپ قارىدى، ئۇ، جۇڭگو داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ كامالەتكە يەتكەن ماھارىتىنى، قىزغىن - دوستانىلىقىنى، قازاقىستاندىكى كەسىپداشلار ۋە قازاقىستان خەلقىدە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرۇپ، قازاقىستاننىڭ يۇقۇم ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشىنى كۈچلۈك ياردەم بىلەن تەمىنلىگەنلىكىنى ماختىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ