تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

كىتاب ھىدى «يۇقۇم»غا قارشى جەڭگە كۈچ قوشىدۇ كىتاب ئوقۇش كەلگۈسىگە يول ئاچىدۇ

پۈتۈن شىنجاڭدىكى كۇتۇپخانا ۋە كىتابخانىلار مول مەزمۇنلۇق توردا كىتاب ئوقۇش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى

كىتاب ھىدى «يۇقۇم»غا قارشى جەڭگە كۈچ قوشىدۇ    كىتاب ئوقۇش كەلگۈسىگە يول ئاچىدۇ

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى جاڭ خەيفېڭ

«بۇ يىللىق دۇنيا كىتاب ئوقۇش كۈنىدە بىز بىر قاتار توردا كىتاب ئوقۇش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزدۇق. بۇنىڭ ئىچىدە، بالىلارنىڭ سېھرىي كۈچكە تولغان كىتابلارنى ئوقۇش بايرىمى مۇكاپاتلىق پائالىيىتىدە بالىلارنى كىتاب ئوقۇشنى داۋاملاشتۇرۇش، كىلاسسىك ئەسەرلەر بىلەن چوڭقۇر تونۇشۇش، ئۆزىنى يۈكسەلدۈرۈشكە ئىلھاملاندۇرۇپ، نەچچە يۈز كىچىك ئوقۇرمەننى قاتنىشىشقا جەلپ قىلدۇق» دېدى 4 - ئاينىڭ 22 - كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق كۇتۇپخانىنىڭ كۇتۇپخانا باشلىقى لى لى مۇخبىرغا.

25 - قېتىملىق دۇنيا كىتاب ئوقۇش كۈنى يېتىپ كېلىش پەيتىدە، پۈتۈن شىنجاڭدىكى كۇتۇپخانا ۋە شىنخۇا كىتابخانىلىرى «كىتاب ھىدى <يۇقۇم>غا قارشى جەڭگە كۈچ قوشىدۇ، كىتاب ئوقۇش كەلگۈسىگە يول ئاچىدۇ» باش تېمىسىدىكى بىر قاتار ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزدى. ئىلگىرىكى يىللاردىكىگە ئوخشىمايدىغان يېرى شۇكى، بۇ يىل يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى دائىملاشتۇرۇش تەدبىرلىرىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئالدىنقى شەرت قىلىنىپ، كىتاب ئوقۇش كۈنىدىكى تۈرلۈك پائالىيەتلەر كېلىشىۋالغاندەكلا تورغا «كۆچۈرۈلدى»، «بۇلۇت كىتاب ئوقۇش» بۇ يىللىق كىتاب ئوقۇش كۈنىدىكى ئەڭ ياخشى مەنزىرىگە ئايلاندى.

زوۋبيەن يوۋبيەن كىتابخانىسىنىڭ ئۈرۈمچىدە ئىككى تارماق كىتابخانىسى بولۇپ، مەركىزىي شەھەردىكى ئوقۇرمەنلەر توپىدا ناھايىتى تەسىر كۈچى بار. 4 - ئاينىڭ 16 - كۈنىدىن 23 - كۈنىگىچە، بۇ كىتابخانا 12 مەيدان توردا بەھرىلىنىش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى، ئۇنىڭ ئىچىدە داڭلىق يازغۇچىلار بىلەن ئوقۇرمەنلەر بىرلىكتە ھېكايە دۇنياسى ئۈستىدە ئىزدىنىش، داڭلىق ئالىملار كۆپچىلىكنى باشلاپ كىلاسسىك ئەسەرلەرنى قايتا ئوقۇش، مۇنەۋۋەر ھۆججەتلىك فىلىم رېژىسسورلىرى بىلەن بەھرىلىنىش يىغىنى، توردا گۈزەل سەنئەت ئەسەرلىرىنى كۆرگەزمە قىلىش قاتارلىقلار بار، يەنە مەخسۇس كىچىك ئوقۇرمەنلەر ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلگەن توردىكى كىلاسسىك سىزما ھېكايىلەر پائالىيىتى بار. ئوقۇرمەنلەر زوۋبيەن يوۋبيەن كىتابخانىسىنىڭ ئۈندىدار سالونىنى قوشۇۋالسىلا ئۈندىدار توپىدا ئاۋازلىق بەھرىلىنەلەيدۇ. بەھرىلىنىش پائالىيىتى نۇرغۇن ئوقۇرمەنلەرنى جەلپ قىلدى.

ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى «80 - يىللاردا تۇغۇلغان» شەھەر ئاھالىسى ليۇ يۈلىڭ زوۋبيەن يوۋبيەن كىتابخانىسىنىڭ مەستانىسى، ئۇ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: «مەن ئىككى مەيدان توردا بەھرىلىنىش پائالىيىتىگە قاتناشتىم، كىتاب ئوقۇشنى قىزغىن سۆيىدىغان نۇرغۇن كىشى ئورتاق بەھرىلەندۇق، ئۆزئارا ئىلھام بەردۇق. گەرچە كىتابخانىدا بولمىساقمۇ، لېكىن قويۇق كىتاب ھىدىنى ھېس قىلالايدىكەنسىز».

«دۇنيا كىتاب ئوقۇش كۈنى كىتابخانىلارنىڭمۇ بايرىمى، بىز پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن توردا كىتاب ئوقۇش پائالىيىتىنى مول، رەڭدار ئۆتكۈزۈپ، چېگرا رايون شەھىرىنى كىتاب ھىدىغا تولدۇرىمىز» دېدى زوۋبيەن يوۋبيەن كىتابخانىسىنىڭ مەسئۇلى ۋاڭ جۇڭ.

بەندې كىتابخانىسى مودا، نەپىس ئۇسلۇبى بىلەن ئۈرۈمچىدە خاسلىق ياراتقان بولۇپ، بۇ يىللىق خەلقئارا كىتاب ئوقۇش كۈنىدە، بۇ كىتابخانا تۇنجى قېتىم دوۋيىندا بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، ئوقۇرمەنلەرگە ئەڭ يېڭى نەشر قىلىنغان ياخشى كىتاب، بازارلىق كىتابلارنى تەۋسىيە قىلدى، مەزمۇنى ئەدەبىيات، سەنئەت، تۇرمۇش قاتارلىق نۇرغۇن جەھەتلەرگە چېتىلىدۇ. ئىككى مەيدان بىۋاسىتە كۆرسىتىشتىن كېيىن، كىتابخانا ئەمدىلا تىزىمغا ئالدۇرغان دوۋيىن نومۇرىنىڭ مەستانىلىرى نەچچە يۈزگە يەتتى. «تۇنجى قېتىم دوۋيىندا بىۋاسىتە كۆرسىتىپ كىتاب تەۋسىيە قىلىش پائالىيىتىنى كۆرۈپ، ئىنتايىن تەسىر كۈچىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم. كۆپچىلىك ھەر ۋاقىت رىياسەتچى بىلەن ھەمتۈرتكە بولالايدىكەن، قاتنىشىش تۇيغۇسى ناھايىتى كۈچلۈك بولىدىكەن. مېنىڭچە بۇ، ياش ئوقۇرمەنلەرنى جەلپ قىلىدىغان ياخشى ئۇسۇل» دېدى ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى «90 - يىللاردا تۇغۇلغان» شەھەر ئاھالىسى ليۇ شياۋمىڭ.

كىتاب ئوقۇش، كىتاب ئاڭلاش، بىۋاسىتە كۆرسىتىشتىن بەھرىلىنىشتىن سىرت، «بۇلۇت كىتاب ئوقۇش»نىڭ مەزمۇنى ۋە شەكلى كۈنسېرى بېيىتىلىپ كۆپ مەنبەلىشىۋاتىدۇ. ئاممىۋى مەدەنىيەت مەيدان - سارايلىرىمۇ ئېقىمغا ئۇيغۇنلىشىپ، «بۇلۇت كىتاب ئوقۇش»نى سۇپا بىلەن تەمىنلىدى. ئاپتونوم رايونلۇق كۇتۇپخانىنىڭ «بۇلۇت تېرمىنال كۇتۇپخانىسى»نىڭ ئوقۇرمەنلىرى 3 مىليون 100 مىڭ كىشىدىن ئېشىپ، جەنۇبىي - شىمالىي شىنجاڭنى قاپلىدى، يەنە ئىچكىرى رايونلاردىمۇ نۇرغۇن ئوقۇرمەنلىرى بار. ئۈرۈمچى كۇتۇپخانىسىمۇ ئوقۇرمەنلەرگە «بۇلۇت تېرمىنال كۇتۇپخانىسى»نىڭ دەرۋازىسىنى كەڭ ئېچىۋېتىپ، ئوقۇرمەنلەرنىڭ ھەر ۋاقىت ھەقسىز كىتاب ئوقۇشى ئۈچۈن نۇرغۇن كىتاب، ژۇرنال بايلىقى بىلەن تەمىنلەپ، ئۈرۈمچىدىكى ئوقۇرمەنلەرگە «بۇلۇت كىتاب ئوقۇش»قا كىرىدىغان يەنە بىر يول ئېچىپ بەردى.

«بۇ يىلقى دۇنيا كىتاب ئوقۇش كۈنىدە، توردا كىتاب ئوقۇش پائالىيەتلىرى مىسلىسىز ئېسىل ۋە مول بولدى، قاتناشقان ئوقۇرمەنلەر سانىنىمۇ ئىلگىرى تەسەۋۋۇر قىلىش تەس ئىدى. <بۇلۇت كىتاب ئوقۇش>نىڭ كېڭەيتىلىپ ئومۇملاشتۇرۇلۇشى پۈتۈن جەمئىيەتتە قويۇق كىتاب ھىدىنى تارىتىش كەيپىياتىنى يارىتىشقا تېخىمۇ پايدىلىق. ئىشىنىمەنكى، بارغانچە كۆپ كىشى بۇ ئۇسۇلدىن پايدىلىنىپ ئۆگىنىپ، ئۆزىنى يۈكسەلدۈرەلەيدۇ» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق كۇتۇپخانىنىڭ كۇتۇپخانا باشلىقى لى لى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى