تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

جۇڭگونىڭ پاكىستاننىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشىغا ياردەم بېرىش داۋالاش مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى ۋەزىپىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاپ ۋەتەنگە قايتتى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى يۈەن لېي خەۋەر قىلىدۇ: 4 - ئاينىڭ 17 - كۈنى، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ پاكىستاننىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشىغا ياردەم بېرىش داۋالاش مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىدىكى سەككىز كىشى بېكىتىلگەن ۋەزىپىلەرنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاپ ھۆددىگە ئالغان ئايروپىلان بىلەن جۇڭگوغا قايتىپ، شۇ كۈنى سائەت 20دىن 45 مىنۇت ئۆتكەندە ئۈرۈمچى دىۋوپۇ خەلقئارا ئايروپورتىغا يېتىپ كەلدى.

3 - ئاينىڭ 28 - كۈنىدىن 4 - ئاينىڭ 16 - كۈنىگىچە، داۋالاش مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ، پاكىستان پايتەختى ئىسلامئاباد، پەنجاپ ئۆلكىسىنىڭ لاھور شەھىرى، سىندى ئۆلكىسىنىڭ كاراچى شەھىرىگە بېرىپ، ئايرىم - ئايرىم فېدراتسىيە ھۆكۈمىتى، ھەربىي تەرەپ، دۆلەت سەھىيە مەركىزى، يەرلىك سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى، دوختۇرخانا ۋە تېببىي شۆيۈەن، قىزىل يېڭى ئاي جەمئىيىتى بىلەن كەسپىي جەھەتتە پىكىر ئالماشتۇرۇپ، كۆپ قېتىم سىن يىغىنى ئېچىپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا دىياگنوز قويۇش، كىلىنىكىلىق داۋالاش، ئىلمىي ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، تارقىلىشچان كېسەللىكلەرنى تەتقىق قىلىش، ئېغىر كېسەللەرنى قۇتقۇزۇش - داۋالاش ۋە جۇڭيى تېبابىتى دورىلىرىدىن پايدىلىنىش، دوختۇرخانا يۇقۇمىدىن مۇداپىئەلىنىش، تەجرىبىخانىدا تەكشۈرۈپ - ئۆلچەش، فاڭساڭ دوختۇرخانىسى قۇرۇلۇشى قاتارلىقلار توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى ھەم ئىنچىكە خىزمەت ئىشلەش ئارقىلىق پاكىستان تەرەپكە ھەقىقىي تۈردە يولغا قويۇشقا بولىدىغان كۆپ تۈرلۈك كونكرېت تەكلىپ بېرىپ، جۇڭگونىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش تەجرىبىلىرىدىن تەڭ بەھرىمەن بولدى.

مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى يەنە پاكىستاندىكى تېببىي خادىملارغا شەخسىي قوغدىنىش، تەجرىبىخانىدا تەكشۈرۈپ - ئۆلچەش، ئېغىر كېسەل ۋە خەتەرلىك، ئېغىر كېسەل ئاغرىق مىساللىرىنى دىياگنوز قويۇپ داۋالاش قاتارلىق جەھەتلەردە تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرۇپ، پاكىستاننىڭ «يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، دىياگنوز قويۇپ داۋالاش قوللانمىسى»نى مۇكەممەللەشتۈرۈشىگە ياردەم بېرىپ، پاكىستاننى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئىلغاپ تەكشۈرۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش جەھەتلەردە ئۈنۈملۈك ياردەم بىلەن تەمىنلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى پاكىستاندا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىمىز، جۇڭگو مەبلەغ سالغان كارخانىلار، خۇارېن، خۇاچياۋلار ۋە پاكىستاندا ئوقۇۋاتقان جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلار قاتارلىقلارغا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا يېتەكچىلىك قىلىش ۋە پەننى ئومۇملاشتۇرۇش جەھەتتە تەشۋىق - تەربىيەنى قانات يايدۇردى.

پاكىستاندىكى مەزگىلدە، مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى 21 مەيدان يىغىن ئېچىپ، 14 مەيدان قېتىم تەربىيەلەش ئۆتكۈزۈپ، 134 قېتىم تېخنىكا جەھەتتىن يېتەكلەشنى قانات يايدۇرۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق جۇڭگو - پاكىستاننىڭ «جانجىگەر» دوستلۇقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پاكىستان بىلەن قول تۇتۇشۇپ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا ئورتاق تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن گەۋدىلىك تۆھپە قوشۇپ، پاكىستاندىكى ھەر ساھە زاتلىرىنىڭ كەڭ تەرىپلىشىگە ئېرىشتى. پاكىستان زۇڭتۇڭى ئالۋى داۋالاش مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى بىلەن كۆرۈشكەندە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو تەرەپنىڭ پاكىستان تەرەپكە زور مىقداردا يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ماددىي ئەشياسى ياردەم قىلغانلىقىغا ھەم مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنى پاكىستانغا ئەۋەتىپ ياردەم بەرگەنلىكىگە، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىمەن، بۇ، جۇڭگو - پاكىستاننىڭ پۈتۈن ھاۋا رايىلىق ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتى ۋە ئۇزاق سىناقلاردىن ئۆتكەن چوڭقۇر دوستلۇقىنى تولۇق نامايان قىلدى. پاكىستان تەرەپ جۇڭگونىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش تەدبىرىنى ئالقىشلايدۇ، جۇڭگو تەجرىبىسى پاكىستان تەرەپنىڭ يۇقۇم ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشىغا ياردەم بېرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ