تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

يەكەندىكى باشلانغۇچ مەكتەپتە يېڭى مەنزىرە: يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش قەھرىمانلىرىنىڭ تام رەسىمى سىزىلدى

  تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىرىمىز چىن جىنلى): يېقىنقى كۈنلەردە، يەكەن ناھىيە كاچۇك يېزىلىق مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ دەرۋازىسىدىن كىرسىڭىزلا، ئالدى بىلەن ئوقۇتۇش بىناسىنىڭ ئىچى-سىرتىدىكى تاملارغا سىزىلغان قول سىزما رەسىملىرى دىققىتىڭىزنى تارتىدۇ. سىرتتىكى تامغا جۇڭ نەنشەن، لى لەنجۈەن قاتارلىق يۇقۇمغا تاقابىل تۇرغۇچىلارنىڭ ئوبرازى ناھايىتى ئوخشىتىپ سىزىلغانىدى؛ ئوقۇتۇش بىناسىنىڭ ئىچدىكى تامغا سىزىلغان دوختۇر، ھەربىي، پىدائىي، خەلق ساقچىلىرى... ھەرقايسى سەپلەرنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش بىرىنچى سېپىدىكى خادىملارنىڭ ئوبرازى ناھايىتى جانلىق تەسۋىرلەنگەنىدى.

  4-ئاينىڭ 15-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاكادېمىك جۇڭ نەنشەننىڭ رەسىمىنىڭ يېنىدا، مەكتەپنىڭ گۈزەل-سەنئەت ئوقۇتقۇچىسى ئىسمايىل مەمەت رەسىم قەلىمى بىلەن لى لەنجۈەننىڭ رەسىمىنىڭ ئاخىرىنى سىزىۋاتاتتى. تامنىڭ يەنە بىر تەرىپىدە «قىيىنچىلىقنى يېڭىپ ئىلگىرىلەيلى، ۋۇخەن غەيرەت قىل» دەپ يېزىلغان قولدا سىزىلغان تام رەسىمى بولۇپ، رەسىمدە مۇداپىئە كىيىمى كىيگەن تېببىي خادىملار پۈتۈن كۈچى بىلەن يۇقۇمنى يېڭىش «يۇقىرى پەللىسى»گە «يامىشىۋاتاتتى».

  «جۇڭ نەنشەن بوۋامنىڭ ھېكايىسىنى ئاڭلاپ ناھايىتى تەسىرلەندىم، مەنمۇ كەلگۈسىدە ئۇنىڭغا ئوخشاش دوختۇر بولىمەن» دېدى 4–يىللىق 3-سىنىپ ئوقۇغۇچىسى ئابدۇرېھىم مەمەت يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشتىكى قەھرىمانلارنىڭ ئوبرازىغا قاراپ. ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى يېزىلىق شىپاخانىنىڭ دوختۇرى بولۇپ، بۇ قېتىمقى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتىدە ئىزچىل شىپاخانىدا ئالدىراش ئىشلىگەنىدى. «گەرچە ئۇلار ماڭا ھەمراھ بولالمىغان بولمىسىمۇ، مەن ئۇلارنىڭ خىزمىتىنىڭ ناھايىتى مۇھىملىقىنى بىلىمەن، ئاتا-ئانام مېنىڭ ئەڭ قايىل بولىدىغان ئادەملىرىم» دېدى ئۇ.

     مەكتەپ پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى شېن ۋېي مۇنداق دېدى: «بىز بۇ قەھرىمان شەخسلەرنىڭ رەسىمى ۋە ھېكايىسى ئارقىلىق بالىلارغا تەسىر كۆرسىتىپ، ئۇلارنى ئۇلۇغۋار غايە تىكلەشكە، قەھرىمانلارنىڭ جان تىكىپ ئېلىشىش روھىغا ۋارىسلىق قىلىشقا يېتەكلىمەكچى. بۇ تام رەسىملىرىنىڭ ھەممىسى مەكتىپىمىزنىڭ گۈزەل سەنئەت ئوقۇتقۇچىلىرى ئەلى ئىدىرىس بىلەن ئىسمايىل مەمەتنىڭ ئەسەرلىرى، ھازىر سىرتقى تام رەسىمىدىن ئۈچ پارچىسى تاماملاندى، كېيىنكى بىر ئاي ئىچىدە، ئوقۇتقۇچىلار يەنە سىرتتىكى تامغا جاڭ ۋېنخۇڭ قاتارلىق باشقا تېببىي خادىملارنىڭ رەسىمىنى ۋە <جۇڭگونىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش رەسىملىك قوللانمىسى> قاتارلىقلارنىڭ رەسىملەرنى سىزىدۇ، ئاخىرىدا ئاز دېگەندە 10 پارچە يۇقۇمغا مۇناسىۋەتلىك تام رەسىمى سىزىپ چىقىلىدۇ. بىنا ئىچىدىكى تامغىمۇ يەنە 15 پارچە قولدا سىزىلغان رەسىم ئېسىلىدۇ. (سۈرەتنى زىيارەت قىلىنغۇچى تەمىنلىگەن)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى