تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش جېڭىدە دۆلەت دەرۋازىسىنى بىرلىكتە قوغدىغان ساقچى ئەر-خوتۇن

  تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىرىمىز ۋاڭ جىڭجىڭ، ئىختىيارىي مۇخبىر لى كاڭچاڭ، فۇ شۈچۈن خەۋىرى، فوتوسى)؛ ئۇچىسىغا مۇداپىئە كىيىمى كىيگەن ئىككى كىشى ئاپتوموبىل ئىشىكىنى كۈچەپ تارتىپ تار يوچۇق ئاچتى، بىرى بورانغا يۈزلىنىپ، بەدىنى بىلەن ئاپتوموبىل ئىشىكىنى تىرەپ تۇردى، يەنە بىرى قازاقىستاندىن چېگرا ئىچىگە كىرگەن ئاپتوموبىلنىڭ شوپۇر بۆلۈمچىسىگە كىرىپ تەكشۈردى.

  4-ئاينىڭ 9-كۈنى، ئالاتاۋ ئېغىزىدا 12 بال بوران چىقتى، شىنجاڭ ئالاتاۋ ئېغىزى چېگرادىن كىرىش-چىقىش چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش پونكىتى 2-ئەترىتىنىڭ خەلق ساقچىسى ياۋ شىنجيې خىزمەتدىشى بىلەن قازاقىستاندىن كېلىپ چېگرادىن كىرگەن ئاپتوموبىلنى تەكشۈرۈۋاتاتتى. «مۇداپىئە كىيىمى كىيىپ، 12 بال بوراندا بۇ يەردىن ئۆتكەن ئاپتوموبىللارنى تەكشۈرۈپ، ئۆزۈمنى لەگلەكتەك، ھەر ۋاقىت ئۇچۇپ كېتىدىغاندەك ھېس قىلدىم» دېدى ياۋ شىنجيې.

  ياۋ شىنجيېغا ئانچە يىراق بولمىغان جايدىكى چېگرادىن كىرىش-چىقىشنى بىرلەشمە تەكشۈرۈش زالىدا، ئۇنىڭ خوتۇنى جاڭ شياۋجياۋ خىزمەت ۋەزىپىسى ئىجرا قىلىۋاتاتتى، 1-ئاينىڭ 25-كۈنىدىن بۇيان، ئەر-خوتۇن ئىككىيلەن ئىزچىل چېگرادىكى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش بىرىنچى سېپىدە چىڭ تۇردى. «ئىككىمىز دۆلەت دەرۋازىسىدىكى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش بىرىنچى سېپىدە چىڭ تۇردۇق، ئەڭ پەخىرلەنگىنىم چېگرادىن كىرىپ-چىققان چەت ئەللىكلەرنىڭ جۇڭگونىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتىگە ئاپېرىن ئېيتقانلىقى بولدى» دېدى جاڭ شياۋجياۋ.

  2010-يىل توي قىلغاندىن بۇيان، ياۋ شىنجيې بىلەن جاڭ شياۋجياۋ ئايرىم-ئايرىم تاشيول چېگرا ئېغىزى ۋە تۆمۈريول چېگرا ئېغىزىدا خىزمەت قىلدى، ئىككىسى خىزمەت داۋامىدا ناھايىتى ئاز كۆرۈشەتتى، خىزمەت ئورنىمۇ بىر يەردە ئەمەس ئىدى. يۇقۇم مەزگىلىدە، ئىدارە ئۇلارنىڭ ئالاھىدە ئەھۋالىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئەر-خوتۇن ئىككىسىنى بىر ئورۇندا خىزمەت قىلىشقا تەڭشىدى، ياۋ شىنجيې چېگرا ئېغىزىغا كىرىپ-چىققان ئاپتوموبىل ۋە يولۇچىلارنى تەكشۈرۈشكە مەسئۇل بولدى، جاڭ شياۋجياۋ سانلىق مەلۇماتلارنى يوللاش، چۈشۈرۈش ۋە توپلاش خىزمىتىگە مەسئۇل بولدى.

  «خوتۇنۇم جاڭ شياۋجياۋ خىزمەت قىلغاندا ياخشى تۇرغىنى بىلەن، كەچتە بالىمىز بىلەن سىنلىق كۆرۈشكەندە يىغلايدۇ» دېدى ياۋ شىجيې زىيارەت داۋامىدا.

  ئەر-خوتۇن ئىككىسىنىڭ بەش ياشلىق قىزى مەنمەن جىڭ ناھىيەسىدىكى مومىسىنىڭ ئۆيىدە بولۇپ، گەرچە ئۆزلىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى بىر سائەتتىن ئارتۇقراق مۇساپە بولسىمۇ، ئىككى ئايدىن بۇيان كۆرۈشۈپ باقمىدى. يېقىندا مەنمەننىڭ پۇتى يارىلىنىپ، ئۇنىڭ بىلەن سىنلىق پاراڭلاشقاندا، جاڭ شياۋجياۋ قىزىنىڭ يارىسىنى كۆرۈپ باقماقچى بولدى، «يارىسىنى كۆرمىگەندە ئەنسىرەپ قالدىم، كۆرگەندە بىر قاراپلا بىئارام بولدۇم، ئۆزۈمنى ئەيىبلەپ كەتتىم» دېدى جاڭ شياۋجياۋ.

  ياۋ شىجيې بىر تەرەپتىن ئامال قىلىپ دوستلىرى ئارقىلىق قىزىغا دورا يەتكۈزۈپ بەرسە، يەنە بىر تەرەپتىن خوتۇنىنى بەزلەپ، ئەھۋال ياخشىلانغاندا بىللە بېرىپ قىزىنى كۆرۈپ كەلمەكچى بولدى.

  جاڭ شياۋجياۋ مۇنداق دېدى: «چەت ئەللىكلەر بىلەن پىكىرلەشكەندە، نۇرغۇن كىشىنىڭ جۇڭگونىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتىگە ئاپېرىن ئېيتقانلىقىنى ئاڭلىدىم، مۇشۇنداق ۋاقىتتا، مەن چەكسىز پەخىرلەندىم، ھازىر قىزىمنىڭ پۇتى ياخشى بولۇپ قالدى، بىزمۇ پات ئارىدا قىزىمىزنى كۆرگىلى بارىمىز» دېدى ئۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى