تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

«ئۈچ چوڭ ھەرىكەت» يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش تورىنى زىچ توقۇدى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى چاۋ جىننىڭ ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، 32 - قېتىملىق ۋەتەنپەرۋەرلىك تازىلىق ئېيىدا، ئاپتونوم رايونىمىز نۇقتىلىق سورۇنلارنى تازىلاش - تۈزەش، چاشقان - بۈرگىنى بىرتۇتاش يوقىتىش، ساغلاملىق بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇشتىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ ھەرىكەتنى يولغا قويۇشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتە ھەل قىلغۇچ غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈشكە كۈچ قوشىدىكەن.

«ۋەتەنپەرۋەرلىك تازىلىق ھەرىكىتى دۆلىتىمىزنىڭ ئېغىر، زور يۇقۇملۇق كېسەللەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىكى بىر ئەنئەنىۋى ئەڭگۈشتەرى، بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار ۋەتەنپەرۋەرلىك تازىلىق ئېيىنىڭ <يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا مەن بار، ۋەتەنپەرۋەرلىك تازىلىق ھەرىكىتى ماڭا ھەمراھ> باش تېمىسىغا بىرلەشتۈرۈپ، دىققەتنى نۇقتىلىق سورۇنلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاجىز ھالقىلارغا دىققەت قىلىپ، پائالىيەت مەزمۇنىدا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشكە مۇلازىمەت قىلىشنى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرىدۇ.» ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتى پىلان - تەرەققىيات ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشقارما باشلىقى خۇاڭ ۋۇپىڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇ يىل، ئاپتونوم رايونىمىز ۋەتەنپەرۋەرلىك تازىلىق ئېيى پائالىيىتىدە دىققەتنى كارخانا، كەسپىي ئورۇن، مەھەللە، يېزا - كەنت، بازار، ۋوگزال، ئائىلە قاتارلىق تۈرلۈك ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش سورۇنلىرى ۋە ئاممىۋى قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ مۇھىتىنى تۈزەشكە نۇقتىلىق مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىلمىي ئۇسۇل قوللىنىپ، كۈندىلىك دېزىنفېكسىيە قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرىدۇ. يېزا رايونلىرى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشكە بىرلەشتۈرۈپ، كەنتلەرنى پاكىزلاش ھەرىكىتىنى مەركەزلىك قانات يايدۇرۇپ، ئۆلۈك بۇلۇڭ، قاراڭغۇ رايونلارنى تازىلاشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، «مەينەتچىلىكنى تازىلاش»نى «قالايمىقانچىلىقنى تۈزەش»كە كېڭەيتىدۇ، كەنتلەرنى تازىلاشنى ئۆي ئىچىنى، ھويلا - ئاراننى، كەنت ئەتراپىنى تازىلاشقا كېڭەيتىدۇ.

تەلەپ بويىچە، ھەرقايسى جايلار يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش داۋامىدا بايقالغان مۇھىت تازىلىقى مەسىلىسى، بولۇپمۇ كونا ئولتۇراق رايون، شەھەردىكى كەنت، شەھەر - يېزا تۇتاشقان ئورۇن، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرى، كىچىك يېمەك - ئىچمەك دۇكىنى، ھۈنەرۋەنچىلىك دۇكىنى، كۆچمە يايما قاتارلىق مۇھىت تازىلىقىنى باشقۇرۇشتىكى ئاجىز ھالقىلار ۋە ئۇزاقتىن بۇيان ساقلىنىپ كېلىۋاتقان بەزى «كونا، چوڭ، قىيىن» مەسىلىلەرگە قارىتا، ئۆز رايونىنىڭ پاكىز شەھەر - بازار بەرپا قىلىش، ساغلام شەھەر، ساغلام كەنت - بازار قۇرۇلۇشى، مەدەنىي شەھەر، مەدەنىي كەنت - بازار بەرپا قىلىش ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەرگە بىرلەشتۈرۈپ، مەسىلە تىزىملىكىنى رەتلەپ تۇرغۇزۇپ، ۋاقتىدا تۈزىتىپ، ئەمەلىيلەشتۈرىدۇ.

بۇ يىل، ئاپتونوم رايونىمىز ۋەتەنپەرۋەرلىك تازىلىق ئېيى پائالىيىتىدە يەنە دۆلەت بويىچە پاكىز شەھەر - بازار بەرپا قىلىش، ساغلام شىنجاڭ ھەرىكىتى، يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ياشاش مۇھىتىنى تۈزەش خىزمىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، پائالىيەت مەزمۇنىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ساغلاملىق جەھەتتىكى ئېرىشىش تۇيغۇسىنى ئاشۇرىدۇ. خۇاڭ ۋۇپىڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: ھەرقايسى جايلار مۇھىت تازىلىقىنى تۈزەشنى ئاساس، دورا بىلەن دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروپ ئۆلتۈرۈشنى قوشۇمچە قىلغان كېسەل ۋاسىتىلىرىنىڭ بىيولوگىيەلىك ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇۋاتىدۇ. ھەم ھەرىكەتكە كېلىپ ئۆلۈك بۇلۇڭنى تازىلاش، يىغىلىپ قالغان سۇنى تۈگىتىش، ھەم چاشقان يوقىتىش، سۈۋەرەك يوقىتىش، پاشا يوقىتىش، چىۋىن يوقىتىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش كېرەك. جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاست يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا يېزىلاردا بۈرگىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ۋاقىتنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئۇسۇلنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئورۇنلاشتۇرمىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، بۈرگە يوقىتىش مەخسۇس ھەرىكىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يېزىلاردا پاكىز ھاجەتخانىغا ئۆزگەرتىشنى داۋاملىق ياخشى تۇتۇپ، يېزىلاردا پاكىز ھاجەتخانىغا ئۆزگەرتىشنى ئۆلچەملەشتۈرۈش، قېلىپلاشتۇرۇش، تۈزۈملەشتۈرۈشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، يېزىلاردىكى ئاممىنىڭ ھاجەتخانىغا كىرىشى قىيىن بولۇش، ھاجەتخانا تېپىشى تەس بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەرنى ھەقىقىي ھەل قىلىشى كېرەك.

ھازىر، تىيانشاننىڭ جەنۇبى، شىمالىدا يۇقۇملۇق كېسەللەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىلىملىرى، شەخسىي مۇداپىئە قوللانمىسى قاتارلىقلار كەڭ تەشۋىق قىلىنىپ، ھەر مىللەت ئامما ياخشى ئادەتنى يېتىلدۈرۈپ، مەدەنىيەتسىز، تازىلىققا ئەھمىيەت بەرمەيدىغان ناچار ئادەتلەرنى تۈگىتىشكە يېتەكلىنىپ، ئاممىنىڭ مەدەنىي، ساغلام، يېشىل، مۇھىت ئاسرايدىغان تۇرمۇش ئۇسۇلىنى يېتىلدۈرۈشى تەشەببۇس قىلىنماقتا.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • سۈرەتتىكى شىنجاڭ | چاقىلىقتىكى توغراقلار تىك قەد كۆتۈرۈپ، قۇم-بورانغا تاقابىل تۇرماقتا
  • شىنجاڭ خوتەن شۆيۈەنى يەنە 16 تولۇق كۇرس كەسپىنى ئىلتىماس قىلدى
  • شىنجاڭدىن ئىككى كىشى 2023 «جۇڭگو غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى يىللىق نامزاتى»لىقىغا كۆرسىتىلدى