تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئېھتىياجىغا ئاساسەن ۋەتەنپەرۋەرلىك تازىلىق ھەرىكىتى قانات يايدۇرۇلىدۇ

گوۋۇيۈەن بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش مېخانىزمى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئېھتىياجىغا ئاساسەن ۋەتەنپەرۋەرلىك تازىلىق ھەرىكىتى قانات يايدۇرۇلىدۇ

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4 - ئاينىڭ 12 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار چېن سۇڭ، ليۇ ياڭياڭ) بۇ يىل 4 - ئاي 32 - قېتىملىق ۋەتەنپەرۋەرلىك تازىلىق ئېيى. مەملىكەتلىك ۋەتەنپەرۋەرلىك تازىلىق ھەرىكىتى كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، دۆلەت سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتى پىلان مەھكىمىسىنىڭ مەھكىمە باشلىقى ماۋ چۈنئەن 4 - ئاينىڭ 12 - كۈنى مۇنداق دېدى: بۇ يىلقى ۋەتەنپەرۋەرلىك تازىلىق ئېيى پائالىيىتىدە دىققەتنى نۇقتىلىق سورۇنلارغا مەركەزلەشتۈرۈش، ئاجىز ھالقىلارغا دىققەت قىلىش تەكىتلەندى، شۇنداقلا جەنۇب بىلەن شىمالنىڭ ئوخشاش بولمىغان يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ تارقىلىش ئالاھىدىلىكىگە قارىتا، قاراتمىلىقى بار بولغان كېسەل ۋاسىتىسى جانلىقلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇلۇپ، يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئۈچۈن ياخشى مۇھىت ئاساسى سېلىنىدۇ.

ماۋ چۈنئەن شۇ كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن گوۋۇيۈەن بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش مېخانىزمى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋەزىيىتىدە، مەملىكەتلىك ۋەتەنپەرۋەرلىك تازىلىق ھەرىكىتى كومىتېتى ئىشخانىسى، دۆلەت سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتى مەملىكەتلىك ۋەتەنپەرۋەرلىك تازىلىق ھەرىكىتى كومىتېتىنىڭ ھەرقايسى ئەزا ئورۇنلىرى بىلەن بىرلىكتە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنىڭ ئوخشاش بولمىغان باسقۇچتىكى تەلىپىگە قارىتا، دىققەتنى بازار مۇھىتى، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش مۇھىتى قاتارلىقلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ بىر قاتار مەخسۇس ھەرىكەتنى ئورۇنلاشتۇرما قىلدى، قانات يايدۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، شەھەر - يېزىلاردىكى ئەخلەت، يۇندىلارنى بىر تەرەپ قىلىش، ھاجەتخانىلارنىڭ رەتلىك، پاكىز بولۇشى قاتارلىقلارنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، ئاممىۋى سەھىيە مۇھىتى ئەسلىھەلىرىنى باشقۇرۇش - ئاسراشنى كۈچەيتىپ، شەھەر - يېزىلارنىڭ مۇھىت تازىلىقى قىياپىتىنى ياخشىلاشقا تۈرتكە بولدى. بۇنىڭدىن باشقا، شەخسىي مۇداپىئەلىنىش، ياخشى يېمەك - ئىچمەك ئادىتى يېتىلدۈرۈش، ناچار تازىلىق ئادەتلىرىنى تۈگىتىش قاتارلىقلارنى چۆرىدەپ پەننى ئومۇملاشتۇرۇش تەشۋىقاتىنى قانات يايدۇردى.

ماۋ چۈنئەن مۇنداق دېدى: كېيىنكى قەدەمدە، مەملىكەتلىك ۋەتەنپەرۋەرلىك تازىلىق ھەرىكىتى كومىتېتى ئىشخانىسى ۋە ھەرقايسى ئالاقىدار تارماقلار ۋەتەنپەرۋەرلىك تازىلىق ئېيى پائالىيىتىنى داۋاملىق ياخشى تەشكىللەپ، ھەرقايسى جايلارنىڭ مۇھىتنى تۈزەش، ساغلاملىق بويىچە پەننى ئومۇملاشتۇرۇش قاتارلىق تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ھەرقايسى جايلارنىڭ ياخشى تەجرىبىلىرىنى ۋاقتىدا خۇلاسىلەپ، كېڭەيتىپ، ئايرىم غىزالىنىش تۈزۈمى قاتارلىق ياخشى ئۇسۇللاردا تۈزۈم شەكىللەندۈرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى