شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ۋۇخەن، 4 - ئاينىڭ 12 - كۈنى تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغان (مۇخبىرلار ۋاڭ شيەن، جېڭ لۇ) ھازىر، پۈتۈن مەملىكەت زېمىنىدا يۇقۇمنىڭ تارقىلىشى ئاساسىي جەھەتتىن توسۇلدى، ۋۇخەننىڭ «ئېچىۋېتىلىشى»گە ئەگىشىپ، ئۈزلۈكسىز كۆرۈلۈۋاتقان يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق كېسەل ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلار كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى. ئىش، ئىشلەپچىقىرىش ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەندىن كېيىن، كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ تارقىتىش خەۋپ - خەتىرىگە قانداق تاقابىل تۇرۇش كېرەك؟ مۇناسىۋەتلىك تارماقلار ۋە يەرلىك ھۆكۈمەتلەر قانداق باشقۇرۇشى - تىزگىنلىشى، قانداق رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈشى كېرەك؟ ئامما ئۆزى مۇداپىئەلىنىشنى قانداق ياخشى ئىشلىشى كېرەك؟
جۇڭگو كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەركىزى سەھىيە جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش مەركىزىنىڭ مۇدىرى لى چۈن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش تەييارلىق خىزمىتى ئىزچىل ئىشلىنىۋاتىدۇ، بۇ، خادىملارنىڭ يۆتكىلىشىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، تارقىلىش ئېھتىماللىقى بولغان خەۋپ - خەتەرگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈندۇر. كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلار بايقالغان ھامان، ئايرىپ كۆزىتىش ۋە تەپسىلىي تارقىلىشچان كېسەللىك ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈشنى ۋاقتىدا قانات يايدۇرۇش، شۇنىڭ بىلەن بىللە، بىر قىسىم نۇقتىلىق سورۇنلار، نۇقتىلىق كىشىلەر توپى، نۇقتىلىق رايونلارنى مەقسەتلىك ھالدا باشقۇرۇش - كونترول قىلىش ۋە كۆزىتىش - ئۆلچەشنى كۈچەيتىش كېرەك. «بۇ خىزمەتلەر ئارقىلىق، بىز تېخىمۇ كۆپ كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلارنى بايقاپ، تارقىلىش پۇرسىتىنى ئازايتىشنى ئۈمىد قىلىمىز».
«كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ مەۋجۇتلۇقى يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ قانۇنىيىتى، قىزىل، تارقىلىشچان زۇكام، SARS قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىدە بەلگىلىك نىسبەتتە كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلار بار بولۇپ، بۇلارنىڭ ھەممىسى جەمئىيەتتە زور كۆلەمدە تارقىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقارمىدى.» مەركەز يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسى مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، بېيجىڭ چاۋياڭ دوختۇرخانىسىنىڭ مۇئاۋىن دوختۇرخانا باشلىقى تۇڭ چاۋخۇي مۇنداق دېدى: 2003 - يىلىدىكى SARS ۋە ئالدىنقى مەزگىلدىكى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى تارقىلىشچان كېسەللىكلەر ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈلگەن دەلىل - ئىسپاتلارنىڭ ھەممىسى كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ بەلگىلىك يۇقتۇرۇشچانلىققا ئىگە ئىكەنلىكىنى، لېكىن يۇقتۇرۇشچانلىقى، تارقىتىشچانلىقىنىڭ چەكلىك بولۇپ، كىشىلەر توپىدا زور كۆلەمدە تارقىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقارمايدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى. دوختۇرخانا، كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئاپپاراتلىرى يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش - داۋالاشتىكى «تۆت بالدۇر» بولۇش تەلىپىنى تولۇق ئەمەلىيلەشتۈرسىلا، كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ تارقىتىش خەۋپ - خەتىرىنى ياخشى كونترول قىلغىلى بولىدۇ.
كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلارنى رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرگەن ھامان، قانداق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ تاقابىل تۇرۇش كېرەك؟
جۇڭگو كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەركىزى سەھىيە جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش مەركىزىنىڭ مۇدىرى لى چۈن مۇنداق دېدى: ھەر دەرىجىلىك، تۈرلۈك داۋالاش - ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتلىرى كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلارنى بايقىسا، ئىككى سائەت ئىچىدە توردا بىۋاسىتە مەلۇم قىلىشى كېرەك. ناھىيە، رايون دەرىجىلىك كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەركىزى كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلار توغرىسىدىكى دوكلاتنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، 24 سائەت ئىچىدە كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ئايرىم كېسەللىك مىسالىنى تەكشۈرۈشنى تاماملىشى كېرەك.
«كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىنىڭ ھەممىسىگە ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى بىلەن ئوخشاش قاتتىق تەدبىر قوللىنىلىدۇ، كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچى بايقالغاندىن كېيىنكى باشقۇرۇش، ئايرىش، تېببىي كۆزىتىشنىڭ ھەممىسى ئىنتايىن قاتتىق بولىدۇ.» لى چۈن مۇنداق دېدى: «كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچى 14 كۈن مەركەزلىك تېببىي كۆزىتىلىشى، كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلگەن ھامان بەلگىلەنگەن دوختۇرخانىغا يۆتكەپ داۋالىتىلىشى كېرەك، ئەگەر ئېنىق دىياگنوز قويغىلى بولسا، ۋاقتىدا ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى قىلىپ ئۆزگەرتىلىشى كېرەك. ئىككى قېتىملىق نوكلېئىك كىسلاتاسى تەكشۈرۈشى مەنپىي چىقىپ، مەركەزلىك تېببىي كۆزىتىشنى بىكار قىلغاندىن كېيىن، يەنە ئىككى ھەپتە ساغلاملىق بويىچە ھەر ۋاقىت زىيارەت قىلىنىشى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئىككىنچى ھەپتىسى ۋە تۆتىنچى ھەپتىسى بەلگىلەنگەن دوختۇرخانىغا ئاپىرىلىپ قايتا تەكشۈرتۈلۈشى كېرەك، كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچى بىلەن قويۇق ئۇچراشقۇچىلارمۇ 14 كۈن مەركەزلىك تېببىي كۆزىتىلىشى كېرەك».
كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن قىسمەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ئالاقزادە كەيپىياتىغا قارىتا، تۇڭ چاۋخۇي مۇنداق بىلدۈردى: ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى بىلەن قويۇق ئۇچراشقۇچىلار كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ئەڭ ئاساسلىق كېلىش مەنبەسى، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ئاغرىقلىرى بىلەن ئۇچراشمىغان كىشىلەر ئادەتتە يۇقۇملانمايدۇ، ئالاقزادە بولۇش ھاجەتسىز.
لى چۈن مۇنداق دېدى: «ئاممىدا يۇقۇم خەۋپىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئېڭى بولۇشى كېرەك، لېكىن زىيادە ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى يوق، ئەتراپىدا كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىنىڭ بار - يوقلۇقىنى پەرقلەندۈرۈشكە ئامالسىز قالغاندا، ئەڭ مۇھىمى شەخسىي مۇداپىئەلىنىشنى ياخشى قىلىش كېرەك».
مۇتەخەسسىسلەر ئومۇميۈزلۈك مۇنداق قارىدى: كېسەللىك ئالامىتى يوق ۋە گۇمانلىق ئۇچرىشىش تارىخى بولغان ئادەتتىكى كىشىلەرنى نوكلېئىك كىسلاتاسى بويىچە رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈشنىڭ ھاجىتى يوق. ئادەتتىكى كىشىلەر توپىغا نىسبەتەن چوڭ كۆلەملىك تاللاپ تەكشۈرۈشكە ھەم بولمايدۇ، ھەم زۆرۈرىيىتى يوق. ئاممىنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك ئىشى شەخسىي مۇداپىئەلىنىشنى ياخشى قىلىش، ياخشى تازىلىق ئادىتى يېتىلدۈرۈش، ئوزۇقلۇقنى كۈچەيتىش، ياخشى ئارام ئېلىش، ئۆزىنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئۆستۈرۈش.
ئۆلچەملىك مۇداپىئەلىنىشمۇ ئىنتايىن مۇھىم، «بىزنىڭ يەنە بىر قىسىم ئاڭسىز ھەرىكەتلىرىمىز بولۇشى مۇمكىن، بىر قىسىم يامان ئادەتلىرىمىزگە دىققەت قىلمىغان بولۇشىمىز مۇمكىن، مەسىلەن، قول بىلەن ماسكىنىڭ يۈزىنى تۇتقاندىن كېيىن ئاندىن كۆزىمىزنى ئۇۋۇلاش.» لى چۈن مۇنداق دېدى: ئامما بىر تەرەپتىن ئاڭلىق ھالدا شەخسىي مۇداپىئەلىنىشنى ياخشى قىلىشى، بىر تەرەپتىن قانداق ئۆلچەملىك مۇداپىئەلىنىشنى بىلىشى كېرەك.
«يۇقۇم ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن، كۆپچىلىكنىڭ ياخشى تازىلىق ئادەتلىرىنى يېتىلدۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن، بۇ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا پايدىلىق بولۇپلا قالماي، باشقا يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشكىمۇ پايدىلىق.» كۆپلىگەن مۇتەخەسسىس مۇنداق دېدى: ماسكا تازىلىقى، قول يۇيۇش تازىلىقى، ئىجتىمائىي ئالاقە ئارىلىقىنى ساقلاش قاتارلىق ياخشى تازىلىق ئادەتلىرىنى ساقلاپ قېلىش كېرەك.