تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى دائىملاشتۇرۇش جەريانىدا ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىش سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك

لى پېڭشىن سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى دائىملاشتۇرۇش جەريانىدا ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىش سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 4 - ئاينىڭ 10 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مائارىپ خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لى پېڭشىن سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ سانجى شەھىرىگە بېرىپ، مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇش باشلاش، دەرسنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئىشلەپچىقىرىشى، كارخانىلارنىڭ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى قاتارلىق خىزمەتلەرنى نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا ھەقىقىي بىرلىككە كەلتۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى باشتىكىدەكلا ئېھتىياتچانلىق بىلەن ياخشى تۇتۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى دائىملاشتۇرۇش داۋامىدا ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىش سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى نىشان - ۋەزىپىلەرنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنداشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە ئومۇميۈزلۈك غەلىبە قىلىش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش، جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى ساقلاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

سانجى شەھەرلىك 7 - ئوتتۇرا مەكتەپتە، لى پېڭشىن بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەشنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، مەكتەپ نۆۋەتچىلىك ئىشخانىسى، ياتاق، ئاشخانا، ۋاقىتلىق قالدۇرۇپ كۆزىتىش ئورنى قاتارلىق جايلارغا كىرىپ، ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپكە قايتىش، مۇۋاپىق ۋاقىت ئارىلىقى قالدۇرۇپ غىزالىنىش، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى، مۇھىتنى دېزىنفېكسىيەلەش، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ماددىي ئەشيالىرىنى زاپاس ساقلاش ھەم مائارىپ ئوقۇتۇشىنى قانات يايدۇرۇش ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: سالاھىيەتنى تەكشۈرۈش، بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەش، ماسكا تاقاش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سىنىپ، ياتاق، ئاشخانا قاتارلىق ئادەم زىچ توپلاشقان رايون ۋە نۇقتىلىق ئورۇنلارنى دېزىنفېكسىيەلەش، ھاۋالاندۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى تۇتۇپ، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىلىملىرى تەشۋىقات تەربىيەسىنى ئەستايىدىل قانات يايدۇرۇپ، مۇداپىئە ماددىي ئەشيالىرىنى تەقسىملەش، زاپاس ساقلاشنى پۇختا ياخشى ئىشلەپ، بىخەتەر، تەرتىپلىك، نۇقسانسىز بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. نورمال ئوقۇتۇش تەرتىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كەلتۈرۈش بىلەن بىللە، ئوقۇتۇش مەزمۇنى ئىسلاھاتى ھەم ئوقۇتۇش ئەندىزىسى ۋە مېتودىدا يېڭىلىق يارىتىشنى قانات يايدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، دەرسخانا ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، ئوقۇتۇش ۋەزىپىسىنى يۇقىرى سۈپەتلىك تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

لى پېڭشىن يەنە سانجى شەھىرى سەنگۇڭ بازىرى ئەرگۇڭ كەنتىگە كېلىپ، كۈزگى بۇغداينىڭ كۆكلەش ئەھۋالى ۋە ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئەھۋالىنى نەق مەيداندا تەكشۈردى؛ شىنجاڭ غەربىي قىسىم ئېكولوگىيەلىك چارۋىچىلىق چەكلىك شىركىتىدە، 5000 ئىنەكنى ئېكولوگىيەلىك بېقىش قۇرۇلۇش تۈرى ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. لى پېڭشىن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: سانجى ئوبلاستى 1 - كەسىپنىڭ سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار»غا مۇلازىمەت قىلىپ، پەن - تېخنىكا تىرىكىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، تىيانشاننىڭ شىمالىي ئېتىكىدە زامانىۋى يېزا ئىگىلىك ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىشى كېرەك. سىياسەت جەھەتتىن يۆلەش سىستېمىسىنى ئورنىتىپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بىر تۈركۈم دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق باشلامچى كارخانىلىرىنى كۈچەپ يېتىلدۈرۈپ، ئۈلگە كۆرسىتىش، يېتەكلەش رولىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇشى كېرەك. پەن - تېخنىكا تىرىكىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، پەن تەتقىقات ئورۇنلىرى بىلەن ھەمكارلىشىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىش - ئوقۇتۇش - تەتقىقاتنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى كۈچەيتىپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈشى كېرەك.

تۇدۇڭخابا دەريا بويىنى ئۇنىۋېرسال تۈزەش قۇرۇلۇشى ئورنى سانجى شەھىرى ۋە ئۈرۈمچى شەھىرى، بىڭتۇەن 12 - شىسىدىن ھالقىغان بولۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ نۇقتىلىق خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىدۇر، قۇرۇلۇش پۈتكەندىن كېيىن تۇدۇڭخابا دەرياسىنىڭ تەبىئىي ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى ئومۇميۈزلۈك ياخشىلىنىدۇ. لى پېڭشىن تۇدۇڭخابا دەرياسى چوڭ كۆۋرۈكى بويىغا كېلىپ، قۇرۇلۇشنىڭ ئىلگىرىلەش سۈرئىتىنى نەق مەيداندا تەكشۈردى، ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى قوغداشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇش، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىشتە چىڭ تۇرۇپ، تاغ، سۇ، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاق سىستېمىسىنى تۈزەشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تۇدۇڭخابا دەرياسىنىڭ سۇ مەنبەسىنى ساقلاش بوشلۇقىنى قانۇن بويىچە قوغداپ، زۇمرەت سۇنى قوغداش جېڭىنى ياخشى قىلىپ، ياخشى ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئارقىلىق، دەريا بويىدىكى ھەر مىللەت ئاممىغا بەخت يارىتىش كېرەك.

شىنجاڭ ئۇچۇر كەسپى باغچىسىدا، لى پېڭشىن ئەسلىدىكى تۈرلەرنىڭ ئايلىنىش ئەھۋالى ۋە باغچە رايونىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىيات يىرىك پىلانىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. لى پېڭشىن مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى ئارقىلىق نۇقتىلىق تۈر قۇرۇلۇشىغا بىرتۇتاش يېتەكچىلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دۆلەتنىڭ كەسىپ سىياسىتى ۋە سېلىنما يۆنىلىشىنى نىشانلاپ، مەۋقەنى ئۆز ئەۋزەللىكى ۋە كەسىپ ئاساسىغا قويۇپ، ھەقىقىي تۈردە كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىش كېرەك. بولۇپمۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، 5G، سانلىق مەلۇمات مەركىزى ۋەكىللىكىدىكى يېڭى تىپتىكى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىغا سىجىل تۈرتكە بولۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايون ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئۇزاققىچە ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ۋە زاپاس كۈچ قوشۇش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ