4 - ئاينىڭ 9 - كۈنى، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ قازاقىستانغا بېرىپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش داۋالاش مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى ئۈرۈمچى دىۋوپۇ خەلقئارا ئايروپورتىدا يولغا چىقىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.
(شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى جوۋ پېڭ فوتوسى)
شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى يۈەن لېي خەۋەر قىلىدۇ: قازاقىستان ھۆكۈمىتىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، 4 - ئاينىڭ 9 - كۈنى، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ قازاقىستانغا بېرىپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش داۋالاش مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى ئۈرۈمچىدىن يولغا چىقتى، ئۇلار قازاقىستانغا بېرىپ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشقا ياردەملىشىدۇ. مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنى دۆلەت سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتى تەشكىللىگەن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تاللاپ ئەۋەتكەن.
مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىدا جەمئىي ئون ئادەم بولۇپ، ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى، شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى 1 - دوختۇرخانا، ئاپتونوم رايونلۇق جۇڭيى دوختۇرخانىسى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق دوستلۇق دوختۇرخانىسى، ئىلى ئوبلاستلىق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەركىزىدىن كەلگەن، كەسىپ ساھەلىرى نەپەس يولى، ئېغىر كېسەللەر، يۇقۇملىنىش، جۇڭيى تېبابىتى، پەرۋىش قىلىش، ئاممىۋى سەھىيە قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى شۇ جايدىكى داۋالاش ئاپپاراتلىرى ۋە مۇتەخەسسىسلەر بىلەن تەجرىبىلەردىن تەڭ بەھرىمەن بولۇش ۋە ئالماشتۇرۇشنى قانات يايدۇرۇش، جۇڭگونىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش تەجرىبىلىرىنى تونۇشتۇرۇش، قازاقىستان تەرەپنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرى ۋە داۋالاش تەرتىپىگە بىرلەشتۈرۈپ، قازاقىستاننىڭ ئاغرىقلارنى تاللاپ تەكشۈرۈش، يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، ئاغرىقلارنى باشقۇرۇش، كىلىنىكىلىق داۋالاش، مەھەللىلەرنىڭ ساغلاملىق باشقۇرۇشى ۋە تەجرىبىخانا قاتارلىق خىزمەتلىرىگە يېتەكچىلىك قىلىش ۋە مەسلىھەت بېرىش، قازاقىستاننىڭ تېببىي خادىملىرى، ئاممىۋى سەھىيە خادىملىرى، تەجرىبىخانا خادىملىرى، مەھەللىلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خادىملىرىنى تەربىيەلەش ۋە ئۇلارغا يېتەكچىلىك قىلىش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.
مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى يەنە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئىئانە قىلغان داۋالاش - قۇتقۇزۇش ماددىي ئەشيالىرىنى بىللە ئېلىپ ماڭغان بولۇپ، بۇلار بىر قېتىملىق داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان 49 مىڭ 600 دانە ماسكا، داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان 4800 دانە N95 ماسكا، داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان 2000 يۈرۈش مۇداپىئە كىيىمى، ئىككى دانە جاراھەتلەندۈرمەي نەپەسلەندۈرۈش ماشىنىسى قاتارلىق يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش داۋالاش ماددىي ئەشيالىرى ۋە بىر تۈركۈم قۇتقۇزۇش - داۋالاش دورىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.