تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

يۇقۇمنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىلەن بىللە، ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى پائال، تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىش كېرەك

مەركەز يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى «پىكىر» بېسىپ تارقاتتى

يۇقۇمنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىلەن بىللە، ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى پائال، تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىش كېرەك

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4 - ئاينىڭ 9 - كۈنى تېلېگراممىسى يېقىندا، مەركەز يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى «يۇقۇمنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىلەن بىللە، ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى پائال، تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر»(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «پىكىر» دېيىلىدۇ)نى بېسىپ تارقاتتى.

«پىكىر»دە مۇنداق كۆرسىتىلدى: ھەرقايسى رايونلار، ھەرقايسى تارماقلار پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، «سىرتتىن كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىچكى جەھەتتە قايتا كۆرۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش»تەك ئومۇميۈزلۈك ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى دائىملاشتۇرۇش شەرتىدە، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش تەرتىپىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى تېزلىتىپ، ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى پائال، تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىشى كېرەك.

«پىكىر»دە مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: بىرىنچى، جايلار ۋە ئورۇنلارنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىكى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىش كېرەك. «پۈتۈن مەملىكەت بويىچە خەۋپ - خەتىرى ئوخشاش بولمىغان رايونلاردىكى كارخانىلار، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرى كۆرسەتمىسى» قاتارلىق تەلەپلەرنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھاۋا ئالماشتۇرۇش، دېزىنفېكسىيە قىلىش، ساغلاملىقنى كۆزىتىپ ئۆلچەش ۋە كىرىش - چىقىشنى باشقۇرۇشنى ياخشى قىلىپ، ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ ئۆزى مۇداپىئە كۆرۈش تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كىشىلەرنىڭ توپلىشىش ۋە كوللېكتىپ پائالىيەت قىلىشىنى ئىمكانقەدەر ئازايتىش كېرەك. ئىككىنچى، دائىملاشقان ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىلەن جىددىي بىر تەرەپ قىلىشنى بىرلەشتۈرۈش كېرەك. قىزىتما ئامبۇلاتورىيەسى ۋە ئالدىن تەكشۈرۈش، ئايرىپ دىياگنوز قويۇش قاتارلىق تۈزۈملەرنى ساقلاپ قېلىپ، يۇقۇمنى جىددىي بىر تەرەپ قىلىش تەرتىپىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، يۇقۇم يۈزبەرگەن ھامان دەرھال تاقابىل تۇرۇش تەييارلىق لايىھەسىنى قوزغىتىش ھەم دەل جايىدا باشقۇرۇش - تىزگىنلەشنى يولغا قويۇش، يۇقۇم ئۇچۇرلىرىنى ئوچۇق - ئاشكارا ئېلان قىلىش كېرەك. ئۈچىنچى، رايونغا ئايرىپ، دەرىجىگە ئايرىپ ئىشلەپچىقىرىش تەرتىپىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش كېرەك. خەۋپ - خەتەر تۆۋەن بولغان رايونلار جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش خاراكتېرلىك ئادەتتىن تاشقىرى ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى دائىملاشقان ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشكە ئۆزگەرتىپ، نورمال ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش تەرتىپىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ۋاقتىدا ئەمەلدىن قالدۇرۇشى، تەكشۈرۈپ تەستىقلاش، ئەنگە ئېلىش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، كارخانىلارنىڭ ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىنى كېچىكتۈرمەسلىكى كېرەك. تۆتىنچى، پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىدە ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. كارخانىلارنىڭ ئىشچى ئىشلىتىش، مەبلەغ، خام ماتېرىيال بىلەن تەمىنلەش ۋە مۇھىم، زور تۈرلەردە ئىش باشلاش، ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قاتارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشىغا ۋاقتىدا ياردەم بېرىپ، تەمىنات زەنجىرىدىكى يادرولۇق كارخانىلارنىڭ بىرلەمچى، ئىككىلەمچى كارخانىلار، بولۇپمۇ يۈرۈشلەشكەن ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇشىنى قوللاش كېرەك. يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى ۋە مۇھىم قوشۇمچە يېمەكلىكلەرنى مۇقىم ئىشلەپچىقىرىش، تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىشنى ياخشى تۇتۇپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرىنىڭ تىجارىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كەلتۈرۈش كېرەك. بەشىنچى، مۇلازىمەت كەسپىنىڭ ئىشنى، بازارنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. خەۋپ - خەتەر تۆۋەن بولغان رايونلاردا ئىشنى، بازارنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋاقتىنى تىجارەتچىلەر ئۆز ئالدىغا قارار قىلىپ، ئالدىن كېلىشىش، تارقاقلاشتۇرۇش، ئادەم ئېقىمىغا چەك قويۇش قاتارلىقلار ئارقىلىق ئادەملەرنىڭ زىچلىق دەرىجىسىنى كونترول قىلىش كېرەك. پۈتۈن مەملىكەت خاراكتېرلىك مەدەنىيەت، تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىنى ھەم ئۆلكە ھالقىغان، چېگرا ھالقىغان ساياھەت قاتارلىقلارنى ۋاقتىنچە ئەسلىگە كەلتۈرمەسلىك كېرەك. ئەشيا ئوبوروتى، تېز يوللانما كەسىپلىرىگە مۇناسىۋەتلىك ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تېز يوللانما خادىملىرىنىڭ مەھەللە(كەنت)لەرگە كىرىپ تەقسىملەپ يەتكۈزۈپ بېرىشىگە رۇخسەت قىلىش كېرەك. ئالتىنچى، يولۇچىلار تىرانسپورتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە ئىش ئورنىغا قايتقانلارغا مۇلازىمەت قىلىشنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. خەۋپ - خەتەر تۆۋەن بولغان رايونلار ئارىسىدىكى ئادەم ئېقىمى(چېگرادىن كىرىدىغانلار بۇنىڭ سىرتىدا)غا يەنە توسۇق قۇرۇشقا بولمايدۇ. ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئالدىنقى شەرتىدە، شەھەر - يېزا يوللىرى، ئاممىۋى قاتناش - تىرانسپورت مۇلازىمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كەلتۈرۈش كېرەك. خەۋپ - خەتەر تۆۋەن بولغان رايونلاردىكى كىشىلەرگە قارىتا ئىش ئورنىغا چىقىشتىن ئىلگىرى ئايرىۋېتىشنى يولغا قويمىسىمۇ بولىدۇ. يەتتىنچى، قاتناش تەرتىپى كاپالىتىنى كۈچەيتىش كېرەك. خۇبېيدىن ئايرىلىدىغان، ۋۇخەندىن ئايرىلىدىغان يوللارنى باشقۇرۇش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرى بىكار قىلىنغاندىن كېيىنكى قاتناش تەرتىپى كاپالىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئالدىنقى شەرتىدە، خۇبېي ئۆلكىسى ۋە ۋۇخەن شەھىرىگە كىرىپ چىقىدىغان يوللار، سۇ يولى، ئاۋىياتسىيە، تۆمۈريول يولۇچىلار تىرانسپورتىنى تەرتىپلىك ئەسلىگە كەلتۈرۈش كېرەك. چېگرادىن كىرگەن كىشىلەر، ئاپتوموبىللارنى قاتتىق باشقۇرۇپ، سىرتتىن كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە خەلقئارا ئەشيا ئوبوروت يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇش خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەش كېرەك.

«پىكىر»دە مۇنۇلار تەكىتلەندى: ھەرقايسى رايونلار، ھەرقايسى تارماقلار ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقتىن قاتتىق ساقلىنىپ، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىدىكى «بىر تاياقتا ھەيدەش»، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەلىپىنى «قاتلاممۇقاتلام يۈكلەش»نى قەتئىي تۈزىتىپ، ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە كۆرسەتكۈچ چۈشۈرۈش، ساختا سانلىق مەلۇمات يوللاش قاتارلىق قىلمىشلارنى توسۇپ، تۈرلۈك مەلۇمات جەدۋەللىرىنى زور كۈچ بىلەن بىرىكتۈرۈپ، مىقدارى، قېتىم سانىنى قاتتىق تىزگىنلەش، نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش كېرەك. رىغبەتلەندۈرۈش مېخانىزمى ۋە خاتالىقنى سىغدۇرۇش، خاتالىقنى تۈزىتىش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ ۋە تاكامۇللاشتۇرۇپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە يارىتىش، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ قىيىنچىلىقنى ھەل قىلىشى، يۈكنى يېنىكلىتىشىگە ھەقىقىي ياردەم بېرىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى