تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ياخشى تازىلىق ئادىتىنى ئاڭلىقلىققا ئايلاندۇرايلى

شۈ چىڭگۇاڭ

«قولنى يۇيۇپ تۇرۇش، ماسكا تاقاش، پات - پات ھاۋا ئالماشتۇرۇش»تىن تارتىپ، «ئۇدۇل كەلگەن يەرگە تۈكۈرمەسلىك، خالىغانچە ئەخلەت تۆكمەسلىك»كىچە، يەنە «يۆتەلگەندە، چۈشكۈرگەندە ئېغىز - بۇرۇننى تازىلىق قەغىزى ياكى يەڭ بىلەن توسۇۋېلىش»قىچە، يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق ۋەتەنپەرۋەرلىك تازىلىق ھەرىكىتى كومىتېتى ئىشخانىسى چىقارغان «32 - قېتىملىق ۋەتەنپەرۋەرلىك تازىلىق ئېيى پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى تەشەببۇسنامە»دىكى بىر تۈرلۈك مۇھىم مەزمۇن دەل يامان ئادەتنى تاشلاپ، ياخشى تازىلىق ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشتۇر.

يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتە، بىزنىڭ بىر مۇھىم تەجرىبىمىز دەل ھەربىر ئادەم ئۆزىنى ساغلام تۇتۇشتىكى بىرىنچى مەسئۇل كىشى بولۇپ، ئىلىم - پەنگە ھۆرمەت قىلىپ، ساۋاتلارغا ئەمەل قىلىپ، تۇرمۇشتىكى ئىنچىكە تەپسىلاتلاردىن باشلاپ، مۇداپىئەلىنىشكە ئېتىبار بېرىپ، تازىلىققا ئەھمىيەت بېرىشتىن ئىبارەت. ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، ھازىر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋەزىيىتى سىجىل ياخشىلاندى، بىراق خەۋپ - خەتەر يەنىلا مەۋجۇت. ئەگەر بىخۇدلۇق قىلىپ، تەلەي سىناپ بېقىش مەقسىتىدە، خاتا ھالدا مۇداپىئەلىنىشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ ئۆز ئىختىيارىغا قويۇۋېتىشكە تامامەن بولىدۇ دەپ قارىساق، ئۇنداقتا ئۆزىنى مۇداپىئە قىلىش لىنىيەسىنى بوشاشتۇرۇپ، ۋىرۇسنىڭ «ھۇجۇم قىلىش»ىنى پايدىلىق پۇرسەت بىلەن تەمىنلىگەنلىكتىن باشقا نەرسە ئەمەس. ئۆزىمىز، ئائىلىمىزدىكىلەر، باشقىلارنىڭ ساغلاملىقى ئۈچۈن، جەزمەن ئاخىرىدىمۇ باشتىكىدەكلا ئېھتىياتچان بولۇشىمىز، بىر قىسىم ئاساسىي سەھىيە مۇداپىئە تەدبىرلىرىنى جەزمەن كەم - كوتسىز جايىدا قىلىشىمىز كېرەك.

ئەمەلىيەتتە، ساغلام تۇرمۇش ئۇسۇلىنى يېتىلدۈرۈش، ياخشى تازىلىق ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش ھەرقانداق ۋاقىتتا ساغلاملىقنى ساقلاش، كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ئۈنۈملۈك ۋاسىتە. تەتقىقاتلاردىن بايقىلىشىچە، ئادەم تېنىنىڭ ساغلاملىقىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللارنىڭ ئىچىدە، ھەرىكەت ۋە تۇرمۇش ئۇسۇلى %60نى ئىگىلەيدىكەن. شۇڭا، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەزگىلىدە بىز يېتىلدۈرگەن بىر قىسىم ياخشى تازىلىق ئادەتلىرىنى داۋاملىق ساقلىشىمىزنىڭ ناھايىتى زۆرۈرىيىتى بار، بۇنى پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئاڭلىق ھەرىكىتىگە ئايلاندۇرۇپ، ساغلام شىنجاڭ قۇرۇش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىشىمىز كېرەك.

(«سۆز ھەممىگە» ئىستونىغا ماقالە ئەۋەتىش خەت ساندۇقى: xjrbplb@126.com)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى