تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   پەن-مائارىپ

«ساغلاملىق بىرىنچى دەرسى» بويىچە تەربىيەلەشنى ياخشى قىلىش كېرەك

ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇش باشلاشتا:

«ساغلاملىق بىرىنچى دەرسى» بويىچە تەربىيەلەشنى ياخشى قىلىش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى چاۋ جىن، سۇ لۇپىڭ خەۋەر قىلىدۇ: 4 - ئاينىڭ 8 - كۈنى، شىنجاڭدا تۇنجى تۈركۈمدىكى ئالىي مەكتەپلەر رەسمىي ئوقۇش باشلايدۇ، تېخى ئاخىرلاشمىغان يۇقۇم ئالدىدا، مەكتەپ ۋە ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى داۋاملىق ياخشى ئىشلىشى كېرەك. 4 - ئاينىڭ 7 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەركىزىنىڭ مۇتەخەسسىسى مۇنداق ئەسكەرتتى: ئوقۇش باشلانغاندا ئالدى بىلەن «ساغلاملىق بىرىنچى دەرسى» بويىچە تەربىيەلەش ئېلىپ بېرىپ، پۈتۈن مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارغا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرىنى توغرا ئىگىلىتىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئېڭىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

«مەسئۇلىيەت سۇبيېكتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، مەكتەپلەر ئوقۇش باشلاشتىن بۇرۇن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئاپپاراتى قۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بويىچە جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش لايىھەسى تۈزۈپ، ھەر جەھەتتىن ئوقۇش باشلاش تەييارلىقىنى ياخشى قىلىشى كېرەك.» ئاپتونوم رايونلۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەركىزى يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش - داۋالاش ئورنىنىڭ مۇدىرى، مۇدىر ۋىراچ مەخمۇت مۇنداق دېدى: مەكتەپلەر يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ماددىي ئەشيالىرىنى ئالدىن ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دېزىنفېكسىيەلەش مەشغۇلات تەرتىپى ۋە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرى بويىچە تەربىيەلەشنى قەرەللىك قانات يايدۇرۇشى؛ ئوقۇش باشلانغاندىن كېيىنكى بىرىنچى سائەتلىك دەرستە ساغلاملىق بويىچە تەربىيەلەشنى ئورۇنلاشتۇرۇشى كېرەك.

ئوقۇش باشلانغاندىن كېيىن، مەكتەپلەر ئەتىگەنلىك، چۈشلۈك تەكشۈرۈش تۈزۈمى ۋە ساغلاملىقنى كۆزىتىش - ئۆلچەش مېخانىزمىنى نۇقتىلىق ئەمەلىيلەشتۈرۈشى، ئوقۇتقۇچى، ئىشچى - خىزمەتچىلەر ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەتىل مەزگىلىدىكى سىرتقا چىقىش، قايتىش سەپىرى ھەم تەن ساغلاملىقى ئەھۋالىنى توغرا ئىگىلەپ، ساغلاملىق ئەھۋالىنى رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇشى؛ ھەر كۈنى ساغلاملىق ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، «كۈندە دوكلات قىلىش» «نۆل دوكلات قىلىش» تۈزۈمىنى يولغا قويۇشى كېرەك. «ئەتىگەنلىك، چۈشلۈك تەكشۈرۈش بەدەن تېمپېراتۇرىسىنىڭ نورمال ياكى ئەمەسلىكىنى ئۆلچەشنى ئۆز ئىچىگە ئېلىپلا قالماي (℃37.3≤)، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يەنە ئوقۇغۇچىلاردا قىزىش، قۇرۇق يۆتىلىش، ماغدۇرسىزلىنىش، دىمىقى پۈتۈپ قېلىش، بۇرنىدىن سۇ ئېقىش، گېلى ئاغرىش، ئىچى سۈرۈش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئالاقىدار كېسەللىك ئالامەتلىرىنىڭ بار - يوقلۇقىنى ئىگىلەپ، تىزىملاشنى ياخشى قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.» مەخمۇت مۇنداق تەكىتلىدى: مەكتەپلەر خادىملاردا قىزىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلگەندە ۋاقىتلىق ئايرىش ئۈچۈن ئايرىش ئۆيى تەييارلىشى ھەم كېيىنكى قەدەمدىكى تەدبىرنى قوللىنىشى كېرەك.

يېپىق ھالەتتە باشقۇرۇلىدىغان مەكتەپلەردە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنىڭ قىيىن نۇقتىسى ئادەم زىچ توپلاشقان ئورۇنلاردا. بۇنىڭغا قارىتا مەخمۇت مۇنداق بىلدۈردى: «كۆپرەك ھاۋا ئالماشتۇرۇش، دائىم دېزىنفېكسىيەلەش» ئۈنۈملۈك تەدبىر. مەسىلەن، سىنىپ، ياتاق، كۇتۇپخانا، ئوقۇغۇچىلار تەجرىبىخانىسى، زال ئىچى تەنتەربىيە پائالىيەت سورۇنى، ئاشخانا، ئوقۇتقۇچىلار ئىشخانىسى، تازىلىق ئۆيى قاتارلىق رايونلاردا ھەر كۈنى ھاۋا ئالماشتۇرۇش ئۈچ قېتىمدىن كەم بولماسلىقى، ھەر قېتىم 30 مىنۇتتىن كەم بولماسلىقى كېرەك. غىزالىنىش جەھەتتە، تاماق يەتكۈزۈش تۈزۈمى ئورنىتىش ياكى ۋاقىت ئايرىپ غىزالىنىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، سورۇننى ياخشى دېزىنفېكسىيەلەش ۋە قاچا - قۇچىلارنى بىر ئادەم بىردىن ئىشلىتىش، ئىشلىتىپ بولۇپلا دېزىنفېكسىيەلەش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئوقۇتۇش رايونى، ياتاق، كۇتۇپخانا، تازىلىق ئۆيى قاتارلىق سورۇنلارنى قەرەللىك دېزىنفېكسىيەلەش ھەم خاتىرىلەش، بولۇپمۇ ئىشىك تۇتقۇچى، جۈمەك، پەلەمپەي تۇتقۇچى، ياتاقتىكى كارىۋاتلارنىڭ توسۇقى، ئۆي ئىچى چېنىقىش سايمانلىرى قاتارلىقلارنىڭ ئەڭ كۆپ ئۇچرىشىش يۈزىنى ھەر لىتىرىدا 250 - 500 مىللىگىرام ئۈنۈملۈك خىلور بولغان خىلور تەركىبلىك دېزىنفېكسىيە دورىسى بىلەن سۈرتۈش كېرەك.

«ئوقۇغۇچىلار ئۆزىمۇ مۇداپىئە ئېڭىنى كۈچەيتىپ، شەخسىي تازىلىققا ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك.» مەخمۇت مۇنداق تەكلىپ بەردى: دەرس ۋاقتىدا ئوقۇتقۇچىلار، ئىشچى - خىزمەتچىلەر ۋە ئوقۇغۇچىلار داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان بىر قېتىملىق ماسكا تاقىشى، ياتاقتا ۋە سىرتتىكى ئادەم ئاز جايلاردا ئاندىن ماسكىنى ئېلىۋېتىشى؛ غىزالانغاندا «ئىمتىھان مەيدانى» شەكلىنى قوللىنىپ، ئوخشاش يۆنىلىشكە قاراپ ئولتۇرۇشى، ئەڭ ئاخىرقى دەقىقىدە ئاندىن ماسكىنى ئېلىۋېتىشى، يىغىلىپ تاماق يېمەسلىكى، تاماق يېيىش جەريانىدا پاراڭلاشماسلىقى كېرەك. تۇرمۇش، ئۆگىنىشتە مەدەنىي قائىدە - يوسۇنلارغا ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك، مەسىلەن، چۈشكۈرگەندە ياكى يۆتەلگەندە ئېغىز - بۇرۇننى تازىلىق قەغىزى بىلەن توسۇۋېلىش ياكى جەينەك، يەڭ بىلەن توسۇۋېلىش، خالىغان يەرگە تۈكۈرمەسلىك، ئېغىز - بۇرۇن ئاجرالمىلىرىنى تازىلىق قەغىزى بىلەن ئوراپ قاپقاقلىق ئەخلەت ساندۇقىغا تاشلاش كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا، ئەتىياز پەسلى نەپەس يولى يۇقۇملۇق كېسەللىرى كۆپ يۈزبېرىدىغان پەسىل، ئەگەر قىزىش، قۇرۇق يۆتىلىش، ماغدۇرسىزلىنىش، دىمىقى پۈتۈپ قېلىش، بۇرنىدىن سۇ ئېقىش، گېلى ئاغرىش، ئىچى سۈرۈش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلسە، يۇقىرىغا ئەينەن مەلۇم قىلىپ، ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈپ، باشقا ساۋاقداشلارغا يۇقتۇرۇپ قويۇشتىن ساقلىنىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى