تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى ۋوگزالىدىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش «قاراۋۇلى»

  تىيانشان تورى خەۋىرى: «كۆپچىلىك چوقۇم ئەستايىدىل بولايلى، ھەربىر يولۇچىنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئەستايىدىل، تەپسىلىي تەكشۈرۈپ، ئۇلارنىڭ سەپەر خاتىرىسىنى توغرا خاتىرىلىۋېلىڭلار.» 3-ئاينىڭ 31-كۈنى، ئۈرۈمچى ۋوگزالىدا جۈنىڭ ۋوگزالغا كەلگەن يولۇچىلارنى كۈتۈۋېلىشقا تەييارلىق قىلىۋاتقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش خادىملىرىنى خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرماقتا.

  جۈنىڭ ئۈرۈمچى ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونى ئەشيا ئوبوروتى ۋە تاموژند باشقۇرۇش مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ مۇدىرى، 1-ئاينىڭ 29-كۈنى، جۈنىڭ تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۈرۈمچى ۋوگزالىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىگە قاتناشتى ھەمدە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى بولدى.

  ئىككى ئايدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، جۈنىڭ ۋە باشقا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش خادىملىرى ئۈرۈمچى ۋوگزالىنى چىڭ ساقلاپ، تۈرلۈك يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمەتلىرىنى قانات يايدۇرۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق بۇ شەھەرنى قوغدىدى.

  ھازىر ئۈرۈمچى ۋوگزالىدا يولۇچى ئېقىمى بىر قەدەر كۆپ. «پۈتۈن كۈچ بىلەن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش زىممىمىزدىكى مەسئۇلىيەت، شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، كۆپچىلىكنىڭ ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى بىلەن، بىز چوقۇم ئەڭ ئاخىرقى غەلىبىنى قولغا كەلتۈرەلەيمىز» دېدى جۈنىڭ.

 شىنجاڭ ئۆگىنىش سۇپىسىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 库尔班江·克衣木

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • 2 ئالتۇن مېدال، 2 كۈمۈش مېدال، 2 مىس مېدال
  • ئەمەلىي ئىشلەشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش | تولۇق غەيرەتكە كېلىپ ئىشقا ئاتلىنىش، ئاتاكىغا ئۆتۈپ تۇنجى ئىشنى غەلىبىلىك باشلاش
  • رەڭدار قىشلىق تەتىل