تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى داۋاملىق قۇرۇلىدىغان قۇرۇلۇش تۈرلىرىنىڭ ھەممىسىدە ئىش ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى

ئىش باشلاش، ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋاقتى ئىلگىرىكى يىللاردىكىدىن بىر ئاي ئالدىغا سۈرۈلدى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى شى شىن، ۋاڭ يۈجاۋنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئالدىنقى شەرتىدە، 3 - ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى داۋاملىق قۇرۇلىدىغان 2188 تۈردە ئىش %100 ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن، قۇرۇش پىلانلانغان 4536 يېڭى تۈرنىڭ 1693ىدە قۇرۇلۇش باشلانغان، ئاپتونوم رايون بويىچە 80 نۇقتىلىق يېڭى قۇرۇلۇش تۈرىنىڭ 18ىدە قۇرۇلۇش باشلانغان.

بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نۇقتىلىق ۋەزىپە ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلارنى تۇتۇپ، سېلىنمىنىڭ مۇقىم ئېشىشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈردى. ئېكولوگىيەلىك مۇھىت، تەبىئىي بايلىق، سۇچىلىق، ئورمان - ئوتلاق، تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى قاتارلىق تارماقلار بىلەن بىرلىكتە نۇقتىلىق تۈرلەرنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاشنىڭ ئالدىنقى باسقۇچلۇق خىزمىتى بىرلەشمە يىغىن تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ نۇقتىلىق تۈرلىرى ئۈچۈن يېشىل يول ئېچىپ، ئورۇن تاللاش، يەر ئىشلىتىش، مۇھىت تەسىرىنى باھالاش قاتارلىق ئالدىنقى باسقۇچلۇق رەسمىيەتلەرنى بېجىرىشنى ماسلاشتۇرۇپ ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىپ، تۈر قۇرۇلۇشىغا بىرلىكتە تۈرتكە بولدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، كۈندىلىك ئورۇنلاشتۇرۇش، كېڭىشىش مېخانىزمى ئورنىتىپ، تۈرلەرنى ئالغا سىلجىتىش داۋامىدىكى قىيىنچىلىق ۋە مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا ھەل قىلىپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ قىيىن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلدى.

ئاپتونوم رايوننىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، «3 - ئاينىڭ 31 - كۈنىدىن بۇرۇن داۋاملىق قۇرۇلىدىغان تۈرلەرنىڭ ھەممىسىدە ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ قۇرۇلۇش قىلىش، كۆپ قىسىم يېڭىدىن ئىش باشلىنىدىغان تۈرلەردە ئالدىنقى يېرىم يىلدا ئىش باشلاپ قۇرۇلۇش قىلىشقا تىرىشىش» تەلىپىنى چۆرىدەپ، ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى ئاپتونوم رايوندىكى كەسپىي نازارەت، ئىدارىلەر، ھەرقايسى ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر)لەر بىلەن بىرلىكتە پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مەبلەغ سېلىش تۈرلىرىنى رەتلەپ جەملەپ، داۋاملىق قۇرۇلىدىغان تۈر ئامبىرى، يېڭىدىن ئىش باشلىنىدىغان تۈر ئامبىرى، ئاپتونوم رايوننىڭ نۇقتىلىق تۈر ئامبىرىنى تۇنجى قېتىم قۇرۇپ، قۇرۇلۇش مۇددىتىنى تەتۈرسىگە تىزىپ، مەسئۇلىيەتنى ئايدىڭلاشتۇردى.

«بىز <ئۈچ تۈر ئامبىرى>نى تۇتقا قىلىپ، تۈردە ئىش باشلاش، ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋاقتىنى ئىلگىرىكى يىللاردىكىدىن بىر ئاي ئالدىغا سۈرۈپ، ئەمەلىي خىزمەت مىقدارىنى شەكىللەندۈرۈپ، تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسىنىڭ ئېشىشىغا كۈچلۈك تىرەك بولدۇق» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى تۈر قۇرۇلۇشى باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى ياڭ شۆليەن تونۇشتۇرۇپ.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى