تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

دائىملاشقان مېخانىزم ئارقىلىق يۇقۇمدىن مۇداپىئەلىنىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەيلى

جاڭ بېي

شەرق شامىلىنىڭ كېلىشى بىلەن تەڭ رەڭمۇرەڭ گۈللەر ئېچىلدى. دۆلىتىمىز چېگراسى ئىچىدە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋەزىيىتىنىڭ ياخشىلىنىش ھالىتىنىڭ داۋاملىق مۇستەھكەملىنىشىگە ئەگىشىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ھاياتىي كۈچى بارغانسېرى كۈچەيدى. ھالبۇكى، ھازىرقى پەيتتە، خەۋپ - خەتەر يەنىلا مەۋجۇت، ۋەزىيەت يەنىلا كەسكىن، كاللىمىزدىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى كۈچەيتىشتىن ئىبارەت بۇ كىرىچنى قەتئىي بوشاشتۇرۇشقا بولمايدۇ، چوقۇم دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مېخانىزمى ئارقىلىق تەستە قولغا كەلگەن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملىشىمىز كېرەك.

خەلقئارا بىلەن دۆلەت ئىچىدىكى ئەمەلىي ئەھۋالغا بىرلەشتۈرۈپ قارىغاندا، نۆۋەتتە پۈتۈن يەر شارىدىكى يۇقۇم كەڭ تارقىلىش باسقۇچىدا تۇرماقتا، دۆلەت ئىچىدىكى يۇقۇمدىمۇ «قايتا باش كۆتۈرۈش» خەۋپ - خەتىرى بار، «سىرتتىن كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىچكى جەھەتتىن قايتىلىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش» خىزمىتىدە ئەگەر ئازراق بوشاڭلىق قىلىنسا، سىجىل ياخشىلىنىۋاتقان ھالەتتە تەكرارلىنىش كۆرۈلىدۇ، ھەتتا قىلغان ئەجىرنىڭ يوققا چىقىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

«قولۋاقنى ئېقىنغا قارشى ھەيدىگەندە بوشاپ كېتىشكە بولمايدۇ، پالاق ئازراقلا توختاپ قالسا قولۋاق ناھايىتى يىراقلارغا ئېقىپ كېتىدۇ»، دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋەزىيىتىدىكى يېڭى مۇھىم، زور ئۆزگىرىشلەر ئالدىدا، بىز قىلچە بىخۇدلۇق قىلساق بولمايدۇ. چوڭ جەھەتتىن ئېيتقاندا، ھەرقايسى جايلار «سىرتتىن كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىچكى جەھەتتىن قايتىلىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش» تەلىپىگە ئاساسەن، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تاكتىكىسى ۋە تاقابىل تۇرۇش تەدبىرىنى ۋاقتىدا مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دائىملاشقان ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مېخانىزمىنى ئورنىتىشى، تاكامۇللاشتۇرۇشى كېرەك. كىچىك جەھەتتىن ئېيتقاندا، بىز ھەربىرىمىز يەنىلا يېتىلدۈرۈپ بولغان شەخسىي قوغدىنىش ئادىتىنى ياخشى داۋاملاشتۇرۇپ، قولنى يۇيۇپ تۇرۇش، ماسكا تاقاش، توپلاشماسلىققا دىققەت قىلىشىمىز كېرەك. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش دائىملاشقان شارائىتتىلا، بىز ئاندىن نورمال ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش تەرتىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كەلتۈرەلەيمىز، گۈزەل باھار مەنزىرىسىگە يۈز كېلەلەيمىز.

(«سۆز ھەممىگە» ئىستونىغا ماقالە ئەۋەتىش خەت ساندۇقى: xjrbplb@126.com)

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى