تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ھېچنېمىدىن قورقماي بېرىش  ئامان - ئېسەن قايتىپ كېلىش

− شىنجاڭنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر تۈركۈم خۇبېيغا ياردەم بېرىش داۋالاش ئەترىتىدىكى ئەترەت ئەزالىرىنىڭ شىنجاڭغا قايتقانلىقى توغرىسىدا تېز يازما

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى چاۋ جىن، جاۋ جىيۈن

3 - ئاينىڭ 30 - كۈنى، شىنجاڭنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر تۈركۈم خۇبېيغا ياردەم بېرىش داۋالاش ئەترىتىدىكى 158 ئەترەت ئەزاسى ۋەزىپىسىنى تولۇق تاماملاپ، ھۆددىگە ئېلىنغان ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ يۇرتىغا قايتىپ كەلدى.

(شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى زوۋ يى فوتوسى)

3 - ئاينىڭ 30 - كۈنى سائەت 16دىن ئاشقان چاغ. يەنىلا ئۈرۈمچى دىۋوپۇ خەلقئارا ئايروپورتىنىڭ ئايروپىلان توختىتىش مەيدانى، ئايروپىلان ئىشىكى ئېچىلدى، شىنجاڭنىڭ خۇبېيغا ياردەم بېرىش داۋالاش ئەترىتىدىكى ئۇچىسىغا كۆك رەڭلىك، ئاپېلسىن رەڭلىك، قېنىق قىزىل رەڭلىك ئەترەت كىيىمى كىيگەن 158 ئەترەت ئەزاسى تەبەسسۇم بىلەن ئايروپىلان شوتىسىدىن چۈشتى.

«قەھرىمانلارنىڭ زەپەر قۇچۇپ قايتىپ كەلگەنلىكىنى قارشى ئالىمىز!» ئايروپىلان توختىتىش مەيدانىدا قىزغىن ئالقىش ساداسى ياڭرىدى. ئەترەت ئەزالىرى جاۋابەن: «بىز ئۆيگە قايتىپ كەلدۇق!» دەپ توۋلاشتى.

«54 كۈن ئىلگىرى مەن ئۇلارنى ئۇزىتىپ قويغاندا، ئۇلارنىڭ قارشى يۆنىلىشتە ماڭغان قەدەملىرى مەزمۇت، قەتئىي ئىدى. بۈگۈنكى كۈندە، مەن ئۇلارنىڭ تىنچ - ئامان قايتىپ كەلگەنلىكىنى كۈتۈۋالدىم». خېلى بالدۇرلا ئايروپىلاننىڭ كېلىشىنى كۈتۈپ تۇرغان ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە ساغلاملىق كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى يۈ ئەيپىڭنىڭ بۇ سۆزى سەمىمىي ھەم چوڭقۇر مېھىرلىك ئىدى.

كۆك رەڭ سالماقلىققا ۋەكىللىك قىلىدۇ. كۆك رەڭلىك ئەترەت كىيىمى كىيگەن ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى ئېغىر ئاغرىقلارنى قۇتقۇزۇش - داۋالاش ئەترىتىدىكى 142 ئەترەت ئەزاسى ۋۇخەن داشۆسى خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ شەرقىي دوختۇرخانىسىدا ئىككى ئايغا يېقىن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىغا گىرىپتار بولغان ئېغىر ئاغرىقلارنى قۇتقۇزۇش - داۋالاش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، «جۇڭيى تېبابىتى بىلەن غەرب تېبابىتى بىرلەشتۈرۈلگەن كىلىنىكىلىق داۋالاش+ئىنچىكە، ئەستايىدىل ئادىمىيەت غەمخورلۇقى» داۋالاش لايىھەسىنى يولغا قويۇپ، گۇمانىي، قىيىن، خەتەرلىك، ئېغىر كېسەللەر مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ داۋالاپ ساقايتىش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈش، كېسەل بىلەن ئۆلۈش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش جەھەتتىكى رولىنى جارى قىلدۇردى. 3 - ئاينىڭ 26 - كۈنىگىچە جەمئىي 110 ئاغرىقنى قوبۇل قىلىپ داۋالىدى، بۇنىڭ ئىچىدە 86 ئېغىر ئاغرىقنىڭ كېسىلى يېنىكلىدى، 84 ئاغرىق ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىقتى. ئۇلارغا «مەملىكەتلىك سەھىيە ساغلاملىق سىستېمىسى بويىچە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىدىكى ئىلغار كوللېكتىپ» دېگەن نام بېرىلدى.

ئاپېلسىن رەڭ ئىللىقلىققا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 13 تېببىي خادىمدىن تەشكىللەنگەن شىنجاڭ ھۆكۈمەت قارىمىقىدا بولمىغان داۋالاش ئاپپاراتلىرى جەمئىيىتىنىڭ خۇبېيغا ياردەم بېرىش داۋالاش ئەترىتى 2 - ئاينىڭ 20 - كۈنى ۋۇخەنگە يېتىپ بېرىپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ۋۇخەن شاڭجى دوختۇرخانىسى، ۋۇخەن شەھىرى خەنياڭ دوختۇرخانىسىدا يېنىك ئاغرىقلارنى قۇتقۇزۇش - پەرۋىش قىلىش خىزمىتىنى ئۈستىگە ئالدى.

قېنىق قىزىل رەڭ قىزغىنلىققا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 2 - ئاينىڭ 17 - كۈنى، قېنىق قىزىل رەڭلىك ئەترەت كىيىمى كىيگەن ئاپتونوم رايونلۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەركىزىدىكى كەسپىي تايانچلاردىن تەشكىللەنگەن شىنجاڭنىڭ خۇبېيغا ياردەم بېرىپ كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئەترىتى ۋۇخەنگە يېتىپ باردى. بۇ ئەترەتنىڭ گەرچە ئۈچلا ئەزاسى بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار جاپادىن قورقماي، ۋۇخەن شەھىرى ئىقتىساد - تەرەققىيات رايونى، دۇڭخۇ مەنزىرە رايونى، دۇڭخۇ يۇقىرى يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونىدىن ئىبارەت ئۈچ كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش نۇقتىسىدا 40 كۈن تارقىلىشچان كېسەللىك ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈش قاتارلىق خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، يۇقۇم مەنبەسىنى ئىزدەپ، تارقىلىش زەنجىرىنى رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈپ، يۇقۇملۇق كېسەل ساھەسىدىكى «ھولمىس» دەپ ئاتالدى.

ئىلگىرى ھايات - ماماتتا بىللە بولۇپ، بۈگۈنكى كۈندە ياش تۆكۈپ خوشلىشىش. 3 - ئاينىڭ 30 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، بۇ 158 ئەترەت ئەزاسى ۋۇخەن − ئۆزى جاسارەت بىلەن قوغداشقا قاتناشقان بۇ شەھەر بىلەن خوشلاشقاندا، شۇ جايدىكى خەلق ئۇلارنى قىزغىن ئۇزىتىپ قويدى.

قىپقىزىل لەۋھەلەر، چوڭقۇر تەزىم قىلىشلار، ياش تۆكۈپ خوشلىشىشلارغا ۋۇخەن خەلقىنىڭ سۆزلەپ تۈگەتكىلى بولمايدىغان قىيالماسلىقى ۋە مىننەتدارلىقى يۇغۇرۇلغانىدى.

ئاپتوبۇس ئىچىدە ئەترەت ئەزالىرى كۆزىگە ياش ئالدى. ئاپتوبۇسنىڭ سىرتىدا باھاردىكى پېتىۋاتقان قۇياشنىڭ ئالتۇن نۇرلىرى ئەترەت ئەزالىرىغا، يول بويىدىكى ئۇلارنى ئۇزىتىۋاتقان كىشىلەرگە چېچىلىپ، چەكسىز ئىللىقلىق بېغىشلىدى.

«ئامان بول ۋۇخەن!» تيەنخې ئايرودۇرۇمىدا، شىنجاڭنىڭ خۇبېيغا ياردەم بېرىش داۋالاش ئەترىتى ئەڭ چوڭقۇر تىلەكلىرىنى بۇ قەھرىمان شەھەرگە قالدۇردى.

ئاق خالات كىيگەندە، ئۇلار خەۋپ - خەتەردىن قورقمايدىغان جەڭچىلەر؛ جەڭ ساۋۇتىنى سالغاندا، ئۇلار كۆڭلى يۇمشاق ئاتا - ئانىلار ياكى پەرزەنتلەر.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى ئېغىر كېسەللەر تېببىي بۆلۈمىنىڭ سېسترالار باشلىقى ۋاڭ سەيخۇڭ جەڭگە ئاتلانغاندا، ئوغلى ئۇنىڭغا «مۇداپىئە نىقابى» ياساپ بەرگەن، ئۈستىگە «ۋۇخەن غەيرەت قىل، ئاپا غەيرەت قىل!» دېگەن خەتلەرنى يازغانىدى. قايتىش ئالدىدا ئۇ ئوغلىدىن: «ساڭا قانداق سوۋغات كېرەك؟» دەپ سورىغاندا، ئوغلى: «ئاپا، مەن پەقەت سېنىڭ تىنچ - ئامان قايتىپ كېلىشىڭنىلا ئۈمىد قىلىمەن!» دېدى.

«بىز پەقەت باشقا شەھەرگە ئالمىشىپ ئۆز خىزمىتىمىزنى ياخشى ئىشلىدۇق، خالاس.» داۋالاش ئەترىتىنىڭ ئۇرۇش سېپىدە پارتىيەگە كىرگەن ئەترەت ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى كادىرلار ساقلىق ساقلاش مەركىزىنىڭ مەسئۇل ۋىراچى سەيسېنگاۋۋا مۇنداق دېدى: «قايتقىنىمىزدا شۇ جايدىكى نۇرغۇن تەشكىلاتلار ۋە ئامما يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش خاتىرە بۇيۇملىرىنى سوۋغا قىلدى، مەن ئەتىۋارلاپ ساقلايمەن! بالام چوڭ بولغاندا، مەن ئۇنىڭغا بىزنىڭ ئىلگىرى ھەممە بىر نىيەتتە بولۇپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرغانلىقىمىزنى سۆزلەپ بېرىمەن».

داۋالاش ئەترىتىدىكى سېسترا گو يۈتىڭ «ئەڭ قىممەتلىك سوۋغات» − خۇبېيغا ياردەم بېرىپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئايروپىلانغا چىقىش خاتىرە كارتىسىنى قولىدىن چۈشۈرمىدى. «مېنىڭچە بۇمۇ بىر ئوردېن، ئۇنىڭدا بىز <90 - يىللاردا تۇغۇلغانلار>نىڭ ياشلىق كۈچى، مەسئۇلىيىتى ۋە مەسئۇلىيەتچانلىقى خاتىرىلەنگەن» دېدى ئۇ.

«ئاغرىقلارنىڭ ساقىيىشى بىزنىڭ ئەڭ چوڭ شەرىپىمىز! بۇ شەرەپ بارلىق سەپداشلارنىڭ بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىشىدىن كەلگەن، ھەربىرىمىزنىڭ مەڭگۈ ئەستە ساقلىشىمىزغا ئەرزىيدۇ!» مەملىكەتلىك سەھىيە - ساغلاملىق سىستېمىسى بويىچە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىدىكى ئىلغار شەخس دېگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشكەن ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى نەپەس ۋە ئېغىر كېسەللەر تېببىي بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى گوۋ ئەنشۈەن ۋە بۇ دوختۇرخانا پەرۋىش بۆلۈمى تاشقى كېسەللەر رايونىنىڭ سېسترالار باشلىقى بېن يەنلى مۇنداق دېدى: «مەيلى قەيەردە بولسۇن، تاكى يۇقۇم ئۈستىدىن ئۈزۈل - كېسىل غەلىبە قىلغۇچە داۋاملىق جەڭ قىلىمىز.» ئۇلارنىڭ ئاددىي سۆزلىرىدىن نەق مەيداندىكى كىشىلەر يەنە بىر قېتىم كۆزلىرىگە ئىسسىق ياش ئالدى.

قەھرىمانلار زەپەر قۇچۇپ قايتىپ كەلدى. «قوغدىغۇچىلار قىسىمى» ئۇلارنى مۇھاپىزەت قىلدى. ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتى ئەۋەتكەن ئاپتوموبىل ئەترىتى داۋالاش ئەترىتىدىكىلەرنى ئايروپورتتىن دەم ئېلىش ئورنىغا بارغۇچە يول بويى مۇھاپىزەت قىلىپ ماڭدى. «قەھرىمانلارنىڭ زەپەر قۇچۇپ قايتىپ كەلگەنلىكىنى قارشى ئالىمىز، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ بىرىنچى سېپىدىكى قەھرىمانلارغا ئېھتىرام » دېگەن لوزۇنكا ئېسىلغان ئاپتوموبىل ئەترىتى شەھەر رايونىدىن ئۆتكەنلا يەردە ئاپتوموبىللار سىگنال بېرىپ ئېھتىرام بىلدۈردى، پىيادىلەر قوللىرىنى پۇلاڭلىتىپ سالام بەردى.

قايتىپ كەلگەن قەھرىمانلارنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن، ئارقا سەپ كاپالىتى خىزمەتچى خادىملىرى دەم ئېلىش ئورنىدا ئەترەت ئەزالىرىغا كۆڭۈل قويۇپ ئىللىق «كىچىك ئۆي» تەييارلىدى. ئاق كىرلىك سېلىنغان كارىۋاتقا يۈرەك شەكىللىك شاكىلات ۋە بىر كارتىنى قۇچاقلىۋالغان بىر چوڭ ئاق ئېيىق قويۇلغان، كارتىغا: «قەدىرلىكىم، بۇ كۈنلەردە مەن سىزگە ھەمراھ بولىمەن، ھاببا!» دەپ يېزىلغانىدى، ئۆيگە ھەر خىل كىتابلار تىزىلغان بولۇپ، ئەترەت ئەزالىرىنىڭ «چاي ئىچكەچ كىتاب كۆرۈش، ئۆيدە ئولتۇرۇپ دەم ئېلىش» ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇراتتى. پولۇ بىلەن تونۇر كاۋاپ مېھمانساراينىڭ يۇرتىغا قايتىپ كەلگەن ئەترەت ئەزالىرىغا كۆڭۈل قويۇپ تەييارلىغان تۇنجى كەچلىك تامىقى ئىدى.

داۋالاش ئەترىتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى قان بۆلۈمىنىڭ دوختۇرى نيې يۈلىڭ ئاچىسىنىڭ ئۆزلىرى چۈشكەن مېھمانسارايغا يېقىن جايدىكى قارشى ئېلىۋاتقان كىشىلەر توپى ئارىسىدا يىراقتىن قول پۇلاڭلاتقانلىقىنى كۆرۈپ مۇنداق دېدى: «بۇ قېتىمقى سەپىرىمدىن پۇشايمان قىلمايمەن، ئۆيگە قايتىپ كەلسە بەك ياخشى بولىدىكەن».

يېڭى دەۋردىكى ئەڭ سۆيۈملۈك كىشىلەر، سىلەرنىڭ ئۆيگە قايتىپ كەلگەنلىكىڭلارنى قارشى ئالىمىز!

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى