تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر تۈركۈم خۇبېيغا ياردەم بېرىش داۋالاش ئەترىتىدىكى ئەترەت ئەزالىرى ئامان - ئېسەن قايتىپ كەلدى

شىنجاڭ گېزىتىنىڭ پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى جاۋ جىيۈن، چاۋ جىن خەۋەر قىلىدۇ: 3 - ئاينىڭ 30 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، شىنجاڭنىڭ خۇبېيغا ياردەم بېرىش داۋالاش ئەترىتىدىكى ئەڭ ئاخىرقى بىر تۈركۈم 158 ئەترەت ئەزاسى بۇرچىنى تاماملاپ، ۋۇخەندىن ئايروپىلان بىلەن ئۈرۈمچى دىۋوپۇ خەلقئارا ئايروپورتىغا يېتىپ كەلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن گۇرۇپپا باشلىقى لى پېڭشىن ئايروپورتقا چىقىپ كۈتۈۋالدى، ئۇ ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت ھەم پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە ۋاكالىتەن قەھرىمانلارنىڭ زەپەر قۇچۇپ قايتىپ كەلگەنلىكىنى قىزغىن قارشى ئالدى، داۋالاش ئەترىتىدىكى ئەترەت ئەزالىرىغا ئالىي ئېھتىرام بىلدۈردى ۋە چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتتى.

بۇ تۈركۈمدە قايتىپ كەلگەنلەر ئاساسلىقى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسىدىكى 142 تېببىي خادىمدىن تەشكىللەنگەن شىنجاڭنىڭ 3 - تۈركۈمدىكى خۇبېيغا ياردەم بېرىش داۋالاش ئەترىتى، 13 تېببىي خادىمدىن تەشكىللەنگەن شىنجاڭ ھۆكۈمەت قارىمىقىدا بولمىغان داۋالاش ئاپپاراتلىرى جەمئىيىتىنىڭ خۇبېيغا ياردەم بېرىش داۋالاش ئەترىتى ھەم ئاپتونوم رايونلۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەركىزىدىكى ئۈچ كەسپىي تايانچتىن تەشكىللەنگەن شىنجاڭنىڭ خۇبېيغا ياردەم بېرىش كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئەترىتى. بۇنىڭ بىلەن شىنجاڭنىڭ خۇبېيغا ياردەم بېرىش داۋالاش ئەترىتىدىكى 509 ئەترەت ئەزاسى (بىڭتۇەننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)نىڭ ھەممىسى شىنجاڭغا قايتىپ كەلدى.

ئايروپىلان ئامان - ئېسەن قونغاندىن كېيىن، ئەترەت ئەزالىرى غەلىبە كۈلكىسى، ئۆيگە قايتىش شادلىقى بىلەن ئايروپىلان شوتىسىدىن چۈشتى. ئۇلارنى كۈتۈۋالغىنى ئايروپىلان توختىتىش مەيدانىدىكى «يۇقۇملۇق كېسەلگە قارشى تۇرۇشنىڭ بىرىنچى سېپىدە كۈرەش قىلغان قەھرىمانلارغا ئېھتىرام»، «تېببىي خادىملار تولۇق قوراللىنىپ، ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇردى، مېھىر - مۇھەببەتنىڭ چېكى بولماس، قەھرىمانلار زەپەر قۇچۇپ قايتىپ كەلدى» قاتارلىق قارشى ئېلىش لوزۇنكىلىرى، يۇرتىدىكى خەلق ئىنتىزار بولغان تەبەسسۇم، ئەڭ گۈزەل گۈل ۋە قىزغىن ئالقىش سادالىرى بولدى.

لى پېڭشىن مۇنداق دېدى: يۇقۇم يۈزبەرگەندىن بۇيان، داۋالاش ئەترىتىدىكى بارلىق يولداشلار پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ چاقىرىقىغا ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇپ، بۇيرۇق بېرىلگەن ھامان ھەرىكەتكە كېلىپ، كېچىلەپ ياردەمگە ئاتلىنىپ، كىچىك ئائىلىسىدىن كېچىپ، كۆپچىلىك ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ بىرىنچى سېپىدىكى ئىش ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، ئۆزىنى ئۇنتۇغان ھالدا خىزمەت قىلىپ، خەۋپ - خەتەردىن قورقماي، مەسئۇلىيەتنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىسىگە ئېلىپ، بۇ قېتىمقى خۇبېينىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشىغا ياردەم بېرىش ۋەزىپىسىنى تولۇق تاماملاپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت تېببىي خادىملارنىڭ چەكسىز مېھىر - مۇھەببىتى، تېببىي خادىملارنىڭ مېھرىبانلىقى، خەۋپ - خەتەردىن قورقماي، خەۋپ - خەتەرگە قاراپ ئىلگىرىلەشتەك ئۆزىنى بېغىشلاش روھىنى نامايان قىلىپ، پارتىيەنىڭ غېمىنى يېيىش، دۆلەتنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىش، خەلق ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشتەك ئالىيجاناب پەزىلىتىنى نامايان قىلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت ھەم پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىغا بىر پارچە مۇنەۋۋەر جاۋاب قەغىزى تاپشۇردى. سىلەر ئەڭ گۈزەل قارشى يۆنىلىشتە يۈرگۈچىلەر، يېڭى دەۋردىكى ئەڭ سۆيۈملۈك كىشىلەر، يۇرت خەلقىنىڭ پەخرى!

لى پېڭشىن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەر ھەم ئالاقىدار تەرەپلەر كۆڭۈل بۆلۈش، غەمخورلۇق قىلىش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭغا قايتقان تېببىي خادىملارنىڭ دەم ئېلىش، تەرتىپكە سېلىنىش، مۇلازىمەت كاپالىتى خىزمىتىنى كۆڭۈل قويۇپ ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇشى كېرەك. يۇقۇمغا قارشى جەڭنىڭ بىرىنچى سېپىدە جاسارەت بىلەن جەڭ قىلغان تېببىي خىزمەتچىلەرنىڭ تەسىرلىك ئىش ئىزلىرىنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىپ، پۈتكۈل جەمئىيەتنى يېڭى دەۋردىكى ئەڭ سۆيۈملۈك، ئەڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر ئاق خالاتلىق جەڭچىلەردىن ئۆگىنىشكە يېتەكلەپ، ئاكتىپ ئېنېرگىيەنى مۇجەسسەملەپ، روھنى ئۇرغۇتۇپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ قوش غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇش، ۋەتەن ئارزۇسىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈچ قوشۇش كېرەك.

ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن تيەن ۋېن، مەڭلىك سىيىت بىللە كۈتۈۋالدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى