تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش دائىملاشقان شارائىتتا ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش تەرتىپىنى تېز ئەسلىگە كەلتۈرەيلى

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد ۋەزىيىتىدە يېڭى مۇھىم، زور ئۆزگىرىش بولماقتا، دۇنيا ئىقتىساد - سودىسىنىڭ ئېشىشى ئېغىر زەربىگە ئۇچرىدى، دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى، بولۇپمۇ كەسىپ زەنجىرىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى يېڭى خىرىسقا دۇچ كەلدى.

3 - ئاينىڭ 27 - كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىش ۋەزىيىتىنى تەھلىل قىلىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىشنى تەتقىق قىلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش دائىملاشقان شارائىتتا ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش تەرتىپىنى تېز ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، يۇقۇم پەيدا قىلغان زىياننى كۈچەپ ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈپ، پۈتۈن يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى نىشان - ۋەزىپىلىرىنى تىرىشىپ تاماملاپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىش نىشان - ۋەزىپىلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىگە بىرقەدەر زور زەربە ئېلىپ كېلىشىدىن ساقلانغىلى بولمايدۇ، ھازىر پۈتۈن يەر شارىدا يۇقۇم تېز سۈرئەتتە تارقىلىپ، يامراپ، دۇنيا ئىقتىساد - سودىسىغا ئېغىر زەربە ئېلىپ كەلدى، دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى ئامىللار دەستىلىنىپ كەتتى، بۇ يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى كۆرۈنەرلىك ئاشتى. ھەرقايسى رايونلار، ھەرقايسى تارماقلار قەتئىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ ئىلگىرىلەپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە يارىتىپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى قەتئىي ياخشى قىلىپ، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشى ئىشلەپ، ماكرولۇق سىياسەت ئارقىلىق تاقابىل تۇرۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئىچكى ئېھتىياجنى ئۈنۈملۈك كېڭەيتىش ئارقىلىق ئىقتىسادنىڭ تۆۋەنلەش بېسىمىغا تاقابىل تۇرۇپ، ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە تىرىشىپ پۈتۈن يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى نىشان - ۋەزىپىلەرنى ئورۇنداش كېرەك.

چېگرا ئىچىدە يۇقۇم ۋەزىيىتى پەسىيىشكە يۈزلەنگەندىن كېيىن، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى قانداق قىلىپ بىرتۇتاش ياخشى پىلانلاش ناھايىتى چوڭ خىرىس بولۇۋاتىدۇ. ھەم ئوخشىمىغان رايونلارغا «بىر تاياقتا ھەيدەش» ئۇسۇلىنى قوللىنىشقا، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرتىپىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە توسقۇنلۇق قىلىشقا بولمايدۇ، ھەم ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى بوشاشتۇرۇپ قويۇشقا، قىلغان ئەجىرنى يوققا چىقىرىشقا بولمايدۇ. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مۇنداق ئوتتۇرىغا قويدى: رايونغا ئايرىپ، دەرىجىگە ئايرىپ پەرقلىق ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تاكتىكىسىنى يولغا قويۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش دائىملاشقان شارائىتتا ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش تەرتىپىنى تېزدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈشنىڭ ئۆزى دەل مۇشۇ خىل ئەھۋالغا قارىتىلغان. بۇنىڭدىكى ھالقىلىق سۆز «يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى دائىملاشتۇرۇش». چېگرا ئىچىدە يۇقۇمنىڭ ھېلىھەم «قايتا باش كۆتۈرۈش» خەۋپى بار، چېگرا سىرتىدا يۇقۇم داۋاملىق تېز سۈرئەتتە تارقىلىپ، يامراۋاتىدۇ، كىرىش بېسىمى سىجىل ئېشىۋاتىدۇ، پەقەت يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى دائىملاشتۇرغاندىلا، ئاندىن ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە بىخەتەر، مۇقىم ئالدىنقى شەرت ھازىرلىغىلى بولىدۇ.

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى دائىملاشتۇرۇش دېگەنلىك، دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى يۇقۇم يېڭى ۋەزىيىتىگە ماسلىشىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تاكتىكىسى ۋە تاقابىل تۇرۇش تەدبىرىنى ۋاقتىدا مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مۇھىم نۇقتىنى سىرتتىن كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىچكى جەھەتتە قايتا باش كۆتۈرۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا قويۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل ياخشىلىنىش ھالىتىنى ساقلاشتۇر. ئىچكى جەھەتتە قايتا باش كۆتۈرۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا، ۋاقتىدا بايقاش، تېز سۈرئەتتە بىرتەرەپ قىلىش، دەل جايىدا باشقۇرۇش - تىزگىنلەش، ئۈنۈملۈك قۇتقۇزۇش - داۋالاشتەك دائىملاشقان ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ ۋە تاكامۇللاشتۇرۇپ، بالدۇر بايقاش، بالدۇر مەلۇم قىلىش، بالدۇر ئايرىۋېتىش، بالدۇر داۋالاش تەلىپىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. سىرتتىن كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا، پورتلاردا سەھىيە، كارانتىن قىلىشنى كۈچەيتىپ، چېگرادىن كىرىش تەرتىپىنى ئەلالاشتۇرۇپ، چېگرادىن كىرگەن كىشىلەرنى مەركەزلىك ئايرىۋېتىش تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەۋپ - خەتەر مەنبەسى، خەۋپ - خەتەر نۇقتىسىنى تېز، دەل جايىدا پەرقلەندۈرۈپ ۋە باشقۇرۇپ - تىزگىنلەپ، پۇختا مۇداپىئە لىنىيەسىنى مۇستەھكەملەش كېرەك.

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئالدىنقى شەرتىدە، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش تەرتىپىنى تېزدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. ماكرولۇق سىياسەتنى تەڭشەش ۋە يولغا قويۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئاكتىپ مالىيە سىياسىتىنى تېخىمۇ ئاكتىپ، نەتىجىلىك قىلىپ، مۇقىم، ساغلام پۇل سىياسىتىنى تېخىمۇ جانلىق، مۇۋاپىق قىلىپ، يۈرۈشۈشچانلىقىنىڭ مۇۋاپىق، يېتەرلىك بولۇشىنى ساقلاپ، تۈرلۈك باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىش سىياسەتلىرىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىنى دەل جايىدا پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك. يەرلىك ۋە كارخانىلار ئىنكاس قىلغان قىيىن نۇقتا، توسۇق نۇقتا مەسىلىلىرىگە قارىتا، رەتكە سېلىش، تەھلىل قىلىشنى چىڭ تۇتۇپ، ۋاقتىدا كۈچەپ ھەل قىلىپ، كەسىپ زەنجىرىنىڭ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، مەھسۇلات كۆزلىمە نىشانىغا يېتىش بىلەن ماسلىشىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا مەۋقەنى دۆلەت ئىچى بازىرىغا تېخىمۇ كۆپ قويۇپ، دۆلەت ئىچى بازىرى ئېھتىياجىنى قويۇۋېتىشنى تېزلىتىپ، ئاھالىلەر ئىستېمالىنى كېڭەيتىپ، ئاممىۋى ئىستېمالنى مۇۋاپىق ئاشۇرۇپ، ئەمەلىي دۇكان ئىستېمالىنى قوزغىتىپ، توردا يېڭىچە ئىستېمال قىزغىنلىقىنىڭ پەسەيمەسلىكىنى ساقلاپ، ئىشنى، بازارنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، تۇرمۇش، مۇلازىمەت كەسپىدە نورمال تىجارەت قىلىشقا تەرتىپلىك تۈرتكە بولۇش كېرەك. بولۇپمۇ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسىنى قەتئىي تاماملاپ، يۇقۇمنىڭ تەسىرىنى تىرىشىپ يېڭىپ، ئەستايىدىل بولۇپ، قىيىنىغا تېگىش قىلىپ، خىزمەتلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى چىڭ تۇتۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇش چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىش نىشان - ۋەزىپىلىرىنى قەرەلىدە ئىشقا ئاشۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

ھازىر، ھەرقايسى جايلار ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنىڭ «تېزلىتىش كۇنۇپكىسى»نى بېسىپ، تەرەققىياتنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئۈزلۈكسىز قويۇپ بەردى. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش دائىملاشقان شارائىتتا ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش تەرتىپىنى تېز ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، باتۇرلۇق بىلەن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، خەۋپنى پۇرسەتكە ئايلاندۇرۇشقا ماھىر بولغاندىلا، بىز چوقۇم بارلىق قىيىنچىلىق، خىرىسلارنى يېڭىپ، توسالغۇسىز ئالغا ئىلگىرىلىيەلەيمىز.

(3 - ئاينىڭ 30 - كۈنىدىكى «خەلق گېزىتى»گە بېسىلغان)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى