شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى سۇ لۇپىڭ
ئاممىۋى قاتناش قورالىغا ئولتۇرغاندا قايسى ئىشلارغا دىققەت قىلىش كېرەك؟ بازار ئايلىنىپ مال سېتىۋالغاندا مۇداپىئەنى قانداق ياخشى ئىشلەش كېرەك؟ ئاشخانىغا بېرىپ تاماق يېگەندە قانداق قىلغاندا بىخەتەر، پاكىز بولىدۇ؟ 3 - ئاينىڭ 29 - كۈنى، ئاممىۋى سورۇنلاردا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا قارىتا، ئاپتونوم رايونلۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەركىزى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنى بىر تەرەپ قىلىش، تارقىلىشچان كېسەللەر ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈش خىزمىتى گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى لى فەن مۇھىم نۇقتىلارنى كۆرسىتىپ بەردى.
«ئاممىۋى قاتناش قوراللىرىنى باشقۇرغۇچى تەرەپ قاتناش قوراللىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش لايىھەسىنى تۈزۈپ، شوپۇر، پويىز خادىملىرىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشى كېرەك.» لى فەن مۇنداق دېدى: باشقۇرغۇچى تەرەپ شوپۇرلارنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنى، مەسىلەن، قىزىغان - قىزىمىغانلىقى، يۆتەلگەن - يۆتەلمىگەنلىكى، يۇقۇم رايونى ياكى چەت ئەلگە بارغان - بارمىغانلىقىنى ۋاقتىدا ئىگىلىشى كېرەك، سالامەتلىك ئەھۋالى ياخشى، يۇقۇم رايونىغا بېرىپ باقمىغان شوپۇر، پويىز خادىملىرىلا ئىش ئورنىغا چىقسا بولىدۇ. ئىش ئورنىدىكى مەزگىلدە، باشقۇرغۇچى تەرەپ ھەر كۈنى شوپۇر ۋە پويىز خادىملىرىنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى، سالامەتلىك ئەھۋالىنى ئۆلچەپ تەكشۈرۈشى كېرەك.
«لايىھە تۈزگەندە، مەسىلەن، پويىز، خەلق ئاۋىياتسىيەسى قاتارلىق ئۇزۇن يوللۇق قاتناش قوراللىرىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئۈچ رېتىدە زۆرۈر ئايرىش رايونى تەسىس قىلىنىشى كېرەك. ئەگەر سەپەر جەريانىدا يولۇچىلاردا قىزىش، يۆتىلىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلسە، يۆتكەشتىن ئىلگىرى باشقىلار بىلەن ئايرىۋېتىش كېرەك.» لى فەن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئاممىۋى قاتناش قوراللىرىغا زۆرۈر بولغان ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ماددىي ئەشيالىرى، مەسىلەن، بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەش ئۈسكۈنىسى، دېزىنفېكسىيەلەش بۇيۇملىرى، بىر قېتىملىق ماسكا ھەمدە تەشۋىقات ماتېرىياللىرى قاتارلىقلارنى سەپلەش كېرەك. قاتناش مەزگىلىدە، باشقۇرغۇچى تەرەپ قاتناش قوراللىرىنى قەرەللىك دېزىنفېكسىيەلەپ ۋە ھاۋا ئالماشتۇرۇپ، نورمال، بىخەتەر قاتنىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى، تىرانسپورت كۈچىنى ۋاقتىدا تەڭشەپ سەپلەپ، ئادەم ئېقىم مىقدارىنى كونترول قىلىشى كېرەك. ئۇزۇن يوللۇق قاتناش قوراللىرىغا قارىتا، باشقۇرغۇچى تەرەپ مەسىلە كۆرۈلگەندە مەنبەسىنى سۈرۈشتۈرۈشكە قولايلىق بولۇشى ئۈچۈن يولۇچىلارنىڭ ئۇچۇرىنى ئىگىلىشى كېرەك.
ئادەتتىكى يولۇچىلارنىڭ ئاممىۋى قاتناش قورالىغا ئولتۇرۇشىغا قارىتا، لى فەن مۇنداق ئەسكەرتتى: يولۇچىلار ماسكا تاقىشى، يۇقىرى پەللە مەزگىلىدە ئىمكانقەدەر مۇۋاپىق ۋاقىت ئارىلىقى قالدۇرۇپ يول يۈرۈشى، توپلىشىۋالماسلىقى كېرەك. ئاممىۋى ئاپتوبۇسقا ئولتۇرغاندا، ئىمكانقەدەر تارقاق ئولتۇرۇشى، ئارىلىق ساقلىشى؛ يۆتەلگەندە، چۈشكۈرگەندە ئەڭ ياخشىسى قەغەز بىلەن ئېغىز - بۇرۇننى توسۇۋېلىشى، قەغەز بولمىسا جەينەك بىلەن توسۇپ، باشقىلارغا بولغان تەسىرىنى ئازايتىشى كېرەك. ئەگەر قىزىش، يۆتىلىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلسە، ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈشى، داۋالاش ئاپپاراتىنىڭ دىياگنوزىغا ئاساسەن ئاندىن يول يۈرۈشنى ئورۇنلاشتۇرۇشى كېرەك.
سودا ساراي، تاللا بازارلارنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىشىغا قارىتا، لى فەن مۇنداق قارىدى: كارخانىلار يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئائىت تۈزۈم تۈزۈپ، ئىجرا قىلىشقا مەخسۇس ئادەمنى مەسئۇل قىلىشى كېرەك. كارخانا خادىملارنىڭ راست نام تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، خادىملارنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، ھەر كۈنى بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچىشى كېرەك. قىزىپ قالغان خادىملار بايقالسا ئالدى بىلەن دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ داۋالىتىشى، كېسىلى ساقايغاندىن كېيىن ئاندىن ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە بولىدىغان - بولمايدىغانلىقىنى باھالاپ بېكىتىشى؛ چوڭ تىپتىكى سودا ساراي، تاللا بازارلار كۆزىتىش رايونى تەسىس قىلىشى، بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى تاللاپ تەكشۈرگەندە، قىزىپ قالغان خېرىدارلارنى ئۇچراتسا، ئاۋۋال كۆزىتىش رايونىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئاندىن ئالاقىدار تارماقلارغا دوكلات قىلىشى؛ سودا ساراي، تاللا بازارلار ھاۋا ئالماشتۇرۇش، قەرەلىدە دېزىنفېكسىيەلەشكە كاپالەتلىك قىلىشى، ئىمكانقەدەر كىشىلەر ئېقىمى مىقدارىنى كونترول قىلىشى، مەسىلەن، پۇل يىغىش يولىنى كۆپەيتىشى، خېرىدارلارنى تارقاقلاشتۇرۇشى، ئۆچرەت ئارىلىقىنى كېڭەيتىشى؛ سودا ساراي، تاللا بازارلارنىڭ تازىلىق ئۆيلىرىگە قول يۇيۇش سۇيۇقلۇقى، دېزىنفېكسىيەلەش سۇيۇقلۇقى سەپلەپ، خېرىدارلارنىڭ قول يۇيۇشىغا قولايلىق يارىتىشى كېرەك.
«خېرىدارلار ئىمكانقەدەر ھىم - يېپىق لىفىتقا چىقماسلىقى، بىخەتەر يولدا مېڭىشى ياكى پەلەمپەيلىك لىفىتقا چىقىشى، ئىمكانقەدەر پەلەمپەي تۇتقۇچىغا تەگمەسلىكى كېرەك.» لى فەن مۇنداق دېدى: ھەر قېتىم مال سېتىۋېلىشتىن ئىلگىرى تىزىملىك تۇرغۇزۇۋېلىپ، سېتىۋالغان ھامان قايتىش، سودا ساراي، تاللا بازارلاردا ئۇزاق تۇرماسلىق، بۇ جەرياندا ماسكىنى تاقىۋېلىش كېرەك.
ئاشخانىلاردا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا قارىتا، لى فەن مۇنداق تەۋسىيە قىلدى: خادىملارنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، خادىملارنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنى ئىگىلەش، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەربىيەسى، ئاساسىي تازىلىقنى ياخشى ئىشلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، چوقۇم ئىشەنچلىك يېمەكلىك مەنبەسىنى تاللاش كېرەك. ئۆي قۇشلىرىنى ئۆز ئالدىغا بوغۇزلىماسلىق، سېتىۋېلىنغان يېمەكلىك ماتېرىياللىرى چوقۇم لاياقەتلىك بولۇش، يېمەكلىك مەنبەسىنى سۈرۈشتۈرگىلى بولىدىغان بولۇش كېرەك. ئىشىكتىن كىرگەندە بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچىگەندىن سىرت، مەسىلە كۆرۈلسە سۈرۈشتۈرۈشكە قولايلىق بولۇشى ئۈچۈن، كارخانا ياكى يەككە تىجارەتچىلەر يەنە خېرىدارلارنىڭ ئۇچۇرىنى ياخشى خاتىرىلىشى ھەم تاماق يەيدىغانلارنىڭ تاماق يېيىش ۋاقتىنى قىسقارتىشى، پىكىر ئالماشتۇرۇشنى ئازايتىشىنى ئەسكەرتىشى كېرەك. ھەربىر ئۈستەلدىكى مېھمانلارنى كۈتۈۋالغاندا، خىزمەتچى خادىملار جوزا - ئورۇندۇق، تاماق بۇيۇملىرى قاتارلىقلارنى دېزىنفېكسىيەلىشى كېرەك. «غىزالانغاندا، بىز ئايرىم غىزالىنىش تۈزۈمىنى تەشەببۇس قىلىمىز، ئاممىۋى چوكا، ئاممىۋى قوشۇق ئىشلىتىپ، خەتەرنى ئازايتىش كېرەك. سىرتتىن تاماق بۇيرۇتسا ياكى تاماقنى ئېلىپ ئۆيگە قايتسا تېخىمۇ ياخشى.» لى فەن مۇنداق دېدى: «بۇيرۇتۇلغان تاماقنىڭ ئورالمىسىنى دېزىنفېكسىيەلەش تەۋسىيە قىلىنمايدۇ. ئادەتتىكى ئەھۋالدا، بۇيرۇتۇلغان تاماق ئىككى قەۋەت ئوراپ قاچىلىنىدۇ، سىرتقى قەۋەتنى ئېلىۋەتسىلا بولىدۇ. دېزىنفېكسىيە دورىسى بىلەن ئوراش خالتىسىنى دېزىنفېكسىيەلىگەندە يېمەكلىك بۇلغىنىشى مۇمكىن».
«بىز ھەربىر ئادەمنىڭ ھەر ۋاقىت يېنىدا بىر ماسكا ئېلىپ يۈرۈشىنى، ئادەم توپلاشقان جاي، ئاممىۋى سورۇنلارغا بارغاندا چوقۇم ماسكا تاقىشىنى تەشەببۇس قىلىمىز.» لى فەن مۇنداق دەپ ئەسكەرتتى: «ئادەتتىكى داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان ماسكا ئادەتتە سەككىز سائەتتە بىر قېتىم ئالماشتۇرۇلىدۇ، ئۇزاق ۋاقىت ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. ماسكا تاقاشنىڭ ئالدى - كەينىدە قولنى يۇيۇش كېرەك، قول يۇيۇش يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى مۇھىم ھالقا. ماسكا تاقىغاندا چوقۇم بۇرۇن قىسقۇچنى چىڭ قىسىش كېرەك، ماسكىنى يۈزگە قانچىكى چىڭ تاقىغاندا، مۇداپىئە ئۈنۈمى شۇنچە ياخشى بولىدۇ».