59 كېچە-كۈندۈز جاسارەت بىلەن جەڭ قىلىپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ئاغرىقىدىن 529 كىشىنى داۋالاپ ساقايتتى...3-ئاينىڭ 26-كۈنى، شىنجاڭنىڭ يەنە بىر تۈركۈم خۇبېيغا ياردەم بېرىش داۋالاش ئەترىتىدىكى 142 كىشى ۋەزىپىسىنى تاماملاپ ئامان-ئېسەن ئۆيلىرىگە قايتتى.
ئۇلار جەڭگە ئاتلانغاندا تىيانشان باغرىنى قار قاپلىغانىدى، قايتىپ كەلگەندە باھار جىلۋە قىلىپ ئۆرۈكلەر چېچەكلىدى. قەھرىمانلار زەپەر قۇچۇپ قايتىپ كەلدى، نۇرغۇنلىغان شىنجاڭلىق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى بىلەن كەسكىن جەڭ قىلغان ئاشۇ كۈنلەرنى ئىختىيارسىز ئېسىگە ئالدى...
پەيتنى چىڭ تۇتۇپ ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرما قىلدى
2020-يىلى 1-ئايدىكى شىنجاڭدا، ھەر مىللەت ئامما خۇشال-خورام چاغان ئۆتكۈزۈشكە تەييارلىق قىلىۋاتقاندا، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ ئاستا-ئاستا قىستاپ كېلىۋاتقانلىقىنى ھېچكىممۇ ئويلاپ باقمىغانىدى.
1 - ئاينىڭ 21 - كۈنى، ئاپتونوم رايون پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ۋە پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە سىن يىغىنى ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى توغرىسىدا بەرگەن مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇردى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى تەتقىق قىلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى.
بۈگۈنگە قەدەر، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى چۆرىدەپ، ئاپتونوم رايون 30 قېتىمدىن ئارتۇق يىغىن ئېچىپ، يۇقۇمنىڭ ئۆزگىرىشىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇرما قىلدى.
يىغىن پۇقرالارنىڭ كۆڭلىنى خاتىرجەم قىلدى
ئاپتونوم رايون خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى ئەڭ مۇھىم خىزمەت دەپ قاراپ تۇتۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ۋە قوماندانلىق ئىشتابى قۇرۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش بىرىنچى سېپى خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىشنى يۇقىرى پەللىدىن ئالغا سىلجىتتى.
ئۈرۈمچىدىن شىنجاڭنىڭ شەرقىي چوڭ دەرۋازىسى قومۇلغىچە، ئاندىن ئەڭ غەربىدىكى قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى، ئەڭ شىمالىي ئۇچىدىكى ئالتاي ۋىلايىتى، ئەڭ جەنۇبىدىكى خوتەن ۋىلايىتىگىچە، ھەر مىللەت ئامما ھەرىكەتكە كېلىپ، نۇرغۇن كىشى ئىش ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىگە قاتناشتى.
ئاغرىق مىسالىنى كۆزىتىپ تەكشۈرۈش، تاللاپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتتى
ئادەم كۆپ يىغىلىدىغان سورۇنلار ھاۋا ئالماشتۇرۇش، دېزىنفېكسىيە قىلىش، بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەشنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈردى، داۋالاش ئاپپاراتلىرى ئالدىن تەكشۈرۈش، ئايرىپ دىياگنوز قويۇش تۈزۈمىنى ئورناتتى، 2-دەرىجىلىك ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ ھەممىسى قىزىتما ئامبۇلاتورىيەسى تەسىس قىلدى، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر مۇتەخەسسىسلەر تېببىي ئۆمەك تەشكىللەپ ھەر قايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرگە بېرىپ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش، يېتەكچىلىك قىلىشنى قانات يايدۇردى...
ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، بۇ ئالدىنقى باسقۇچلۇق تەييارلىقلار يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ھۇجۇم قىلىپ كەلگەندە ناھايىتى مۇھىم رول ئوينىدى.
1-ئاينىڭ 23-كۈنى سائەت 17:42دە، ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، شىنجاڭدا تۇنجى قېتىم كىرىش خاراكتېرلىك يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىلەن يۇقۇملانغان ئىككى ئاغرىق مىسالىغا ئېنىق دىياگنوز قويۇلغانلىقىنى، ئۇلار بىلەن قويۇق ئۇچراشقان ئۈچ ئادەمنىڭ ئايرىپ تېببىي كۆزىتىشنى قوبۇل قىلىۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلدى.
يۇقۇم كەلدى، يامراش ۋەزىيىتى ئېغىر بولدى.
شۇنىڭدىن كېيىنكى بىر ئايغا يېقىن ۋاقىتتا، شىنجاڭ (بىڭتۇەننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) دا ھەر كۈنى ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى يېڭىدىن كۆپەيدى. ئۈرۈمچى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى، ئاقسۇ ۋىلايىتى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى قاتارلىق جايلاردا ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى كۆرۈلدى.
نۇرغۇن كىشى ھەر كۈنى ئەتىگەندە كۆزىنى ئېچىپ بىرىنچى بولۇپ يۇقۇم ئۇچۇرلىرىنى كۆرۈشكە ئادەتلەندى. كۆپچىلىك تىت - تىت بولدى، تەمتىرىدى، قانداق قىلغاندا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنى توسقىلى بولىدىغانلىقى ئۈستىدە ئويلاندى.
1-ئاينىڭ 24-كۈنى، چاغاننىڭ ئالدىنقى كۈنىدە، كىشىلەر بەس-بەستە ئاشخانىلارغا تېلېفون قىلىپ چاغانلىق تاماق ئالدىن زاكازلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، سىرتقا ئاز چىقىپ، توپلىشىپ تاماق يېمەي، يۇقۇملىنىشىنىڭ ئالدىنى ئالدى.
كەچتە تېلېۋىزوردا مەركىزىي رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسىنىڭ چاغانلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكىگە ۋاقىتلىق قوشۇلغان «يۇقۇمغا زەربە بېرىش» نومۇرىنى كۆرگەن نۇرغۇن تاماشىبىن يىغلاپ كەتتى. كۆپچىلىك بىر مەيدان جەڭنىڭ باشلانغانلىقىنى ھېس قىلدى.
بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىپ، بىرلىشىپ تىزگىنلەپ ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلدى
1 - ئاينىڭ 25 - كۈنى دېھقانلار كالېندارى بويىچە 1 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى يىغىن ئېچىپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى توغرىسىدىكى دوكلاتنى مەخسۇس ئاڭلىدى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، بولۇپمۇ ئاغرىقلارنى داۋالاش خىزمىتىنى قايتا تەتقىق قىلدى، قايتا ئورۇنلاشتۇرما قىلدى، قايتا سەپەرۋەر قىلدى.
يۇقۇم − بۇيرۇق، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش − مەسئۇلىيەت.
بۇ كۈنى، شىنجاڭنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتۈن مەملىكەتتىكى 30 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر ئېغىر، زور تاسادىپىي ئاممىۋى سەھىيە ۋەقەسى 1-دەرىجىلىك لايىھەسىنى يولغا قويدى، بىر مەيدان يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خەلق ئۇرۇشى، ئومۇمىي جېڭى، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭى باشلاندى.
شىنجاڭدىكى ھەر قايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاۋاز قوشۇپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى، خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى ئالدىغا ئۆتۈپ قوماندانلىق قىلىپ، بارلىق بايلىقنى ئىشقا سېلىپ، تۈرلۈك ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنىڭ ئىزچىللاشتۇرۇلۇشى، يولغا قويۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلدى.
پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك داۋالاش ئاپپاراتلىرى قابىل كۈچلەرنى سەپلەپ مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى، داۋالاش ئەترىتى قۇرۇپ، يۇقۇمغا پۈتۈن كۈچى بىلەن تاقابىل تۇرۇپ، خەلقنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى؛ سودا سىستېمىسى سودا يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى ۋە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش ماددىي ئەشيالىرى بىلەن تەمىنلەشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى...
داۋالاش-قۇتقۇزۇش، تەكشۈرۈش خىزمىتى جىددىي ئالغا سىلجىتىلدى، بارلىق تارماقلار، بارلىق كىشىلەر ۋاقىت بىلەن بەيگىگە چۈشتى.
ئاپتونوم رايونلۇق جۇڭيى دوختۇرخانىسى تەرەققىيات رايونى دوختۇرخانىسى بەش كېچە-كۈندۈز جىددىي ئىشلەش ئارقىلىق، بىر مەھەللە سەھىيە مۇلازىمەت مەركىزىنى قىزىتما ئامبۇلاتورىيەسىگە ئۆزگەرتىپ، قاتتىق دېتالدىن يۇمشاق دېتالغىچە دۆلەت ئۆلچىمىگە تولۇق ئۇيغۇنلاشتۇردى.
بەش كۈن ئىچىدە قىزىتما ئامبۇلاتورىيەسىگە ئۆزگەرتىشتىن ئىبارەت مۆجىزىنى تېببىي خادىملار، قۇرۇلۇش ئىشچىلىرى ۋە ئادەتتىكى ئامما بىرلىكتە ياراتتى. «ئەينى چاغدا قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى بازىرى دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلگەن بولۇپ، بىزنىڭ قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرىمىز يوق ئىدى، نۇرغۇن ئاھالىلەر ئۆي بېزەۋاتقان ماتېرىياللىرىنى ئېلىپ چىقتى.» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق جۇڭيى دوختۇرخانىسى تەرەققىيات رايونى دوختۇرخانىسىنىڭ دوختۇرخانا باشلىقى دۈەن لېي.
كىچىك ئىشلاردىن چوڭ ۋەزىيەتنى كۆرۈپ، ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ساقلاپ تۇرماي، تايىنىۋالماي، قىيىنچىلىقنى يېڭىپ، بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش، ئامما ئالدىنى ئېلىش، ئامما تىزگىنلەش «پولات سېپىل»ىنى بەرپا قىلدى.
ئاپتونوم رايون بويىچە 80 مىڭغا يېقىن ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى، 1 مىليون 420 مىڭ ھەر مىللەت پارتىيە ئەزاسى، كادىر ئاۋۋال ئاتاكىغا ئۆتۈپ، تۈرلۈك تەدبىرلەرنى ھەربىر كوچا، ھەربىر يېزا - بازار، ھەربىر مەھەللە، ھەربىر كەنت، ھەربىر دائىرە، ھەربىر ئائىلىگىچە ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈردى.
يۇقۇم دەسلەپ يۈز بەرگەندە، قومۇل شەھىرىنىڭ داۋالاش سەھىيە سىستېمىسىدا خىزمەت قىلىۋاتقان سۇ جيەنجۈن بىلەن ما يەن بىر جۈپ پارتىيە ئەزاسى ئەر-خوتۇن تەشەببۇسكارلىق بىلەن جەڭگە قاتنىشىشنى تەلەپ قىلىپ بىرىنچى سەپكە باردى.
ئەر-خوتۇن ئىككىسىنىڭ بىرى قومۇل شەھەرلىك يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى قوماندانلىق ئىشتابىغا، يەنە بىرى مەركەزلىك تېببىي كۆزىتىش نۇقتىسىغا تەقسىم قىلىنىپ، ئۆيلىرىگە قايتماي خىزمەت قىلدى، ھەر كۈنى تۈن نىسپى بولغاندا، ئاندىن تېلېفون بېرىپ ئامان-ئېسەنلىك سوراشقا ۋاقىت چىقىراتتى.
قىپقىزىل پارتىيە بايرىقىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئاددىي ھەم باتۇر شىنجاڭلىقلار ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئوتتەك قىزغىنلىق بىلەن ئەتراپقا نۇر چاچتى.
ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش قوماندانلىق ئشتابى ئىشخانىسى خۇبېي ۋۇخەندىن شىنجاڭغا كەلگەن، شىنجاڭغا قايتىپ كەلگەن خادىملارغا خەت يېزىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ماسلىشىپ ياخشى ئىشلەپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ساغلاملىقىنى قوغداشنى ئېيتتى. كىشىلەر خەتنى ئوقۇغاندىن كېيىن بەس-بەستە تارقاتتى ھەمدە تەڭ ھەرىكەتكە كېلىشنى مۇراجىئەت قىلدى، شۇنىڭدەك ئۆزلىرىگە «ھەممە ئادەم جەڭچى!» دەپ ئەسكەرتتى.
ئالاھىدە مەزگىلدە، چاغان ئۆتكۈزۈش ئۇسۇلى جىمجىت ئۆزگەردى. كىشىلەر «ئۆيدە تۇرۇش» چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ، ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەرلىرىنى يوقلىمىدى، يىغىلىپ غىزالانمىدى، ئۆزى ۋە ئائىلىسىدىكىلەرنى ياخشى باشقۇرۇپ، ۋىرۇسنىڭ تارقىلىش مەنبەسى بولماي، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئۈچۈن تۆھپە قوشتى.
ئاغرىقلارنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قۇتقۇزدى، داۋالىدى، ئۇلارغا كۆڭۈل بۆلدى
خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى 1-ئورۇنغا قويۇش شىنجاڭنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش -تىزگىنلەش خىزمىتىنى ئىزچىل قانات يايدۇرۇشىنىڭ مۇھىم تەلىپى.
«يۇقۇملانغان ئاغرىقلارنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قۇتقۇزۇش»، «ئاپتونوم رايون بويىچە ئەڭ ئەلا سۈپەتلىك داۋالاش بايلىقى تەڭشەپ تەقسىملەپ، ئەڭ ئىلغار داۋالاش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، بىر-بىرلەپ لايىھە تۈزۈش»، «ئېغىر ئاغرىقلارنى ئۇنىۋېرسال كۈچى كۈچلۈك نۇقتىلىق داۋالاش ئاپپاراتلىرىغا مەركەزلەشتۈرۈپ داۋالاش»، «ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھاياتى بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى قەتئىي ياخشى قوغداش»... ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا ھەر بىر ئاغرىققا بولغان غەمخورلۇق مۇجەسسەملەنگەن.
يۇقۇم يۈزبەرگەندىن كېيىن، شىنجاڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بويىچە بېكىتىلگەن قۇتقۇزۇش - داۋالاش دوختۇرخانىسىدىن 11نى بەلگىلەپ، ئاپتونوم رايونلۇق داۋالاش - قۇتقۇزۇش مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنى تەشكىللەپ قۇرۇپ، ئېغىر كېسەل، نەپەس يولى، يۇقۇملىنىش، جۇڭيى تېبابىتى دورىلىرى، پەرۋىش قاتارلىق پەنلەر بويىچە 60تىن ئارتۇق مۇتەخەسسىسنى تاللاپ ئەۋەتىپ، كۆپ پەنلەر بويىچە دىياگنوز قويۇش، داۋالاش ئىختىساسلىقلار ئەترىتىدىن توققۇزنى تەشكىللەپ قۇرۇپ، بېكىتىلگەن قۇتقۇزۇش-داۋالاش دوختۇرخانىلىرىغا بېرىپ قۇتقۇزۇش-داۋالاش، يېتەكچىلىك قىلىش، تەربىيەلەش قاتارلىق خىزمەتلەرنى قانات يايدۇردى. كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىش خادىملىرى خۇددى «رازۋېدچىك»لارغا ئوخشاش، ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى بىلەن قويۇق ئۇچراشقانلارنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئىز قوغلاپ تەكشۈردى.
ئاپتونوم رايونلۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزىدىكى تارقىلىشچان كېسەل ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈش خادىملىرى ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىقلار بىلەن قويۇق ئۇچراشقانلارنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرمەكتە.
قۇتقۇزۇش-داۋالاش خىزمىتىنى كۈچلۈك، تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن، شىنجاڭ يەنە 1100 كىشىلىك داۋالاش-پەرۋىش قىلىش كەسپىي تېخنىكا زاپاس خادىملار ئەترىتى قۇرۇپ، بىرىنچى سەپتىكى خادىملار بىلەن مۇۋاپىق تۈردە ئىش ئورنىدا نۆۋەتلىشىپ تۇردى. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى داۋالاش - قۇتقۇزۇش بويىچە يىراق مۇساپىلىك سۇپا قۇرۇپ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى 1161 داۋالاش ئاپپاراتىغا ئۇلاپ، 24 سائەت مۇتەخەسسىسلەر نۆۋەتچىلىك قىلىپ كوللېكتىپ دىياگنوز قويۇش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، ھەرقايسى جايلارنىڭ ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى، خەتەرلىك، ئېغىر ئاغرىق مىسالىنى قۇتقۇزۇش - داۋالاش قاتارلىق خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشىغا قارىتا، «بىر ئادەمگە بىر لايىھە» بويىچە ئىلمىي قۇتقۇزۇش - داۋالاشنى يولغا قويدى.
ئېغىر، خەتەرلىك ئاغرىق مىساللىرىنى قوبۇل قىلىپ داۋالايدىغان بېكىتىلگەن دوختۇرخانىلارغا قارىتا شۇ جاي بىرىنچى ۋاقىتتا ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك خەتەرلىك كېسەل مۇتەخەسسىسلەر ئۆمىكىنى تۇرۇشقا ئەۋەتىپ، ECMO قاتارلىق جىددىي قۇتقۇزۇش ئۈسكۈنىلىرىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئورۇنلاشتۇردى ھەم يىراق مۇساپىلىك سۇپىدىن پايدىلىنىپ، خەتەرلىك ئاغرىقلارغا ھەر كۈنى ئىككى قېتىمدىن ئارتۇق كوللېكتىپ دىياگنوز قويۇپ، قۇتقۇزۇش - داۋالاشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قانات يايدۇردى.
تۇنجى تۈركۈمدىكى ئاغرىقلار دوختۇرخانىدىن چىقتى.
48 ياشلىق لى ئەپەندى، 1-ئاينىڭ 20-كۈنى شىنجاڭغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن قىزىش ئالامىتى كۆرۈلگەن، ئەڭ ئاخىرىدا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ئېغىر ئاغرىقى دەپ ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان، دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالىنىش مەزگىلىدە بىر مەزگىل ھوشسىز ياتقان. نۇرغۇن پەنلەرگە چېتىلىدىغان دىياگنوز قويۇپ داۋالاش لايىھەسىنىڭ يولغا قويۇلۇشى بىلەن، لى ئەپەندى 2-ئاينىڭ 11-كۈنى ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىقىپ، ئاپتونوم رايون بويىچە تۇنجى تۈركۈمدە ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققان ئاغرىقلارنىڭ بىرى بولۇپ قالغان.
ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىقلارنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، شىنجاڭدا جەمئىي 2850 دىن ئارتۇق بىرىنچى سەپتىكى تىببىي خادىم داۋالاش-قۇتقۇزۇشقا قاتناشتى. تىرىشىش نەتىجىسىدە، شىنجاڭ 3-ئاينىڭ 8-كۈنى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ئاغرىقىنى نۆللەشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇردى، 3-ئاينىڭ 27-كۈنىگىچە، ئۇدا 39 كۈن يېڭىدىن ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى كۆرۈلمىدى.
تۇنجى تۈركۈمدە دوختۇرخانىدىن چىققان ئاغرىق گۇ ئەپەندى مۇنداق دېدى: «تېببىي خادىملار ھەر كۈنى ھالىمىزدىن خەۋەر ئېلىۋاتىدۇ، بىز ھەر قانداق قىينچىلقتىنى يېڭىپ، چوقۇم بۇ كېسەل ئۈستىدىن غالىب كېلەلەيمىز.»
شىنجاڭنىڭ 1-تۈركۈمدىكى خۇبېيغا ياردەم بېرىش داۋالاش ئەترىتى يولغا چىقتى.
قول تۇتۇشۇپ خۇبېيغا ياردەم بېرىلدى
يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشتە پۈتۈن مەملىكەت بىر تاختا شاھمات.
خۇبېي يۇقۇم ئەھۋالى ئېغىر بولغان ئاپەت رايونى، ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئاساسىي جەڭ مەيدانى، خۇبېي قىيىنچىلىققا يولۇققاندا، شىنجاڭ «جاپادىمۇ، ھالاۋەتتىمۇ بىللە بولۇپ» ۋاقىتلىق قىيىنچىلىقنى ئورتاق يەڭدى.
1-ئاينىڭ 28-كۈنى، شىنجاڭنىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى خۇبېيغا ياردەم بېرىش داۋالاش ئەترىتىدىكى 142 كىشى ۋۇخەن داشۆسى خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ شەرقىي دوختۇرخانا رايونىغا يېتىپ بېرىپ، يەتتە ئاغرىقلار رايونى ۋە ئىككى ICU دا خەتەرلىك، ئېغىر ئاغرىقلارنى قۇتقۇزۇش-داۋالاش خىزمىتىگە مەسئۇل بولدى. شۇ چاغدا ۋۇخەندە، كېسەل كارىۋىتى يېتىشمىگەن، تېببىي خادىملار يېتىشمىگەن بولۇپ، يۇقۇم ئەھۋالى ئەڭ خەتەرلىك ھالدا ئىدى.
شۇنىڭدىن كېيىن، شىنجاڭ (بىڭتۇەننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) يەنە ئارقا-ئارقىدىن ئۈچ داۋالاش ئەترىتىنى خۇبېيغا ياردەمگە ئەۋەتتى.
بۇ ئاق خالاتلىق پەرىشتىلەر ھەم قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ ئىلگىرىلەيدىغان جەڭچى، ھەم بىر دادا، خوتۇن، قىز، ئوغۇل، خەتەرلىك يۇقۇم ئەھۋالى ئالدىدا، ئۇلار قايتىش سەپىرىنىڭ قاچان ئىكەنلىكىنى بىلمەيتتى، گەرچە دەككە-دۈككە بولۇپ ئائىلىسىگە قىيالمىسىمۇ، لېكىن ھېچكىم بۇ سەپتىن چېكىنمىدى.
شىنجاڭنىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى خۇبېيغا ياردەم بېرىش داۋالاش ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزاسى ما لۇڭ خەتەرلىك ئاغرىقلارنى قۇتقۇزۇپ، داۋالاپ، مەركىزىي ۋېناغا نەيچە ئورنىتىش ئوپىراتسىيەسىدىن ئۇدا بىر نەچچىنى قىلىپ، ھېرىپ كەتكەنلىكتىن قوللىرى تىترەپ كەتتى.
شىنجاڭنىڭ 2-تۈركۈمدىكى خۇبېيغا ياردەم بېرىش داۋالاش ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن يېتەكچىسى باھارگۈل تولقىن قاتمۇقات مۇداپىئە كىيىمى كىيىپ، ۋۇخەن مەدەنىيەت يىغىن-كۆرگەزمە مەركىزى فاڭساڭ دوختۇرخانىسىدا كېسەللىك ئالامىتى يېنىك بولغان ئاغرىقلارنى يېتەكلەپ شىنجاڭ ئۇسسۇلى ئويناپ، ئۇلارنىڭ كەيپىياتىنى ئازادە تۇتۇپ، يۇقۇمدىن ئىبارەت ئالۋاستىغا تاقابىل تۇرۇشىغا ياردەم بەردى.
شىنجاڭنىڭ 3-تۈركۈمدىكى خۇبېيغا ياردەم بېرىش داۋالاش ئەترىتىدىكى 10 نەچچە ئەترەت ئەزاسى ھەر كۈنى كىچىك بالىنى بەزلىگەندەك ئالتسخېيمېر كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىر ئاغرىقنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالدى. ئاغرىقنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى رەھمەت ئېيتىش خېتى يېزىپ مۇنداق دېدى: «مەن پۈتۈن ئائىلىمىزدىكىلەرگە ۋاكالىتەن شىنجاڭلىق تېببىي خادىملارغا رەھمەت ئېيتىمەن، خىزمىتى ئالدىراش تۇرۇپمۇ، بىز بىر ئائىلە كىشىلىرىنى بوۋام بىلەن كۆرۈنمە چاستوتىدا كۆرۈشتۈردى...»
شىنجاڭ داۋالاش ئەترىتىنىڭ ناھايىتى جاپا چەككەنلىكى كۆرگەن بىرەيلەن ۋۇخەنگە ئىئانە قىلىنغان ماددىي ئەشيالارنىڭ ئۈستىگە مۇنداق سۆز قالدۇردى: «ۋۇخەن، بىزنىڭ شىنجاڭ سەن ئۈچۈن ئىئانە قىلىپ ئىسكىلاتلارنى قۇرۇغداشقا زارى، بىزنىڭ شىنجاڭ ساڭا ھەممىنى بېرىدۇ، ئەمما بىزنىڭ ۋۇخەنگە ياردەمگە بارغان ئاق خالاتلىق پەرىشتىلىرىمىز ساڭا ئارىيەتكە بېرىلگەن، يۇقۇم ئاخىرلاشقاندا، بىرىنىمۇ كەم قىلماي قايتۇرۇپ بېرىشىڭنى سورايمىز!»
خۇبېينىڭ قىيىن شارائىتتىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، تىيانشاننىڭ جەنۇب-شىمالىدىكى كارخانىلار جەمئىيەت مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتتى، مېھرىبان زاتلار سېخىيلىق بىلەن ئىقتىسادىي ياردەم بەردى.
ۋۇخەن، شياۋگەن قاتارلىق جايلاردىكى دوختۇرخانىلاردا نەپەسلەندۈرگۈچ كەمچىل ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن، شىنجاڭ ئالاھىدە تىرانسىفورماتور پاي چەكلىك شىركىتى 48 سائەت ئىچىدە 80 نەپەسلەندۈرگۈچ سېتىۋېلىپ ئىككى جايدىكى دوختۇرخانىغا يەتكۈزدى.
ئارشاڭ ناھىيەسى كۇندېلۇن چارۋىچىلىق مەيدانىدىكى ياش يىگىت با بايىنتول ئۆيىدىكى 11 ئاتنى سېتىۋېتىپ، 88 مىڭ يۈەن پۇلنى ئارىشاڭ ناھىيەسىگە نىشانلىق ياردەم بېرىدىغان خۇبېي ئۆلكىسى تۇڭچېڭ ناھىيەسىگە ئىئانە قىلدى.
شوپۇر دۇڭ جۈنكاڭ، ليۇ جياڭتاۋلار پىدائىي بولۇش سۈپىتى بىلەن، تۆت كېچە-كۈندۈز ئاپتوموبىل ھەيدەپ، يولبويى تەييار چۆپ يەپ، 30 توننا دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقىنىڭ ئەسلىي سۇيۇقلۇقىنى ۋۇخەنگە يەتكۈزدى.
شىنجاڭلىق ھەدە خې مىڭرۇڭ ۋۇخەندە پىدائىي شوپۇر بولۇپ، ھەر كۈنى تېببىي خادىملارنى خىزمەتكە ئاپىرىپ ئەكەلدى. سەپەرگە قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن، ئۇ كۆپ ۋاقىتلاردا ئاپتوموبىلدا ئۇخلاپ، ئىككى، ئۈچ كۈندە بىر ئۆيىگە قايتتى.
«بىر ئادەمنىڭ ئەڭ گۈزەل ۋاقتى باشقىلار ئۈچۈن تۆھپە قوشۇپ، جەمئىيەت ئۈچۈن ئەھمىيەتلىك ئىش قىلغان ۋاقتىدۇر.» دېدى خې مىڭرۇڭ.
ئومۇمىي خەلقنىڭ «يۇقۇم»غا قارشى تۇرۇشىغا مۇھەببەت مۇجەسسەملەندى
تارىخنى خەلق يازىدۇ، ئۇلۇغ ئىشلارنى خەلق يارىتىدۇ. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە بۇ يىمىرىلمەس ھەقىقەت يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلاندى.
قويۇق ئۇچراشقانلارنى رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش ئۈچۈن، بىر مەزگىل مەھەللە، كەنتلەر يېپىق ھالەتتە باشقۇرۇشنى يولغا قويدى.
كەڭ خەلق ئاممىسى ئۆيدە خىزمەت قىلىش، ئۆيدە «يۇقۇمغا قارشى تۇرۇش» چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشتى، كۆكتات ۋە نەرسە-كېرەكلەرنى سېتىۋېلىش، سۇ ۋە توك ھەققى تاپشۇرۇشتا كادىرلار، مەھەللە كادىرلىرى، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى، پىدائىيلار ئاھالىلەرنىڭ سودا-سېتىق ئىشلىرىغا ياردەملىشىپ، ۋاكالىتەن سېتىۋېلىپ، ئەمەلىي قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلدى.
يەكەن ناھىيە بازىرى شىمالىي كوچا باشقارمىسىنىڭ كادىرى ئاممىنىڭ قىيىنچىلىقىنى ئىگىلىمەكتە.
قەشقەر ۋىلايىتى يەكەن ناھىيە بازىرى شىمالىي كوچىسىدا، مەھەللە كادىرلىرى ھەر كۈنى ۋېيشىن توپى ئارقىلىق ئاھالىلەرگە كېرەكلىك ماددىي ئەشيا ئۇچۇرلىرىنى توپلاپ، ئائىلىلەرنى ھۆددىگە ئالغان كادىرلار، پىدائىيلار پۈتۈن بازاردىن نەرسە-كېرەك سېتىۋېلىپ ئىشىك ئالدىغا ئاپىرىپ بەردى. ئاھالىلەر ئاغرىپ قالسا، مەھەللە كومىتېتى ئاپىرىپ ئەكىلىشكە مەسئۇل بولدى. ئېغىر كېسەل ۋە سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەل ئاغرىقلىرى دورا سېتىۋالماقچى بولغاندا، مەھەللە كومىتېتى ئالدىن تىزىملاپ، بىرتۇتاش دورا سېتىۋېلىپ ئاھالىلەرنىڭ ئۆيلىرىگە يەتكۈزۈپ بەردى.
بۇ خىل مەشغۇلاتنى شىنجاڭنىڭ ھەممە يېرىدە كۆرگىلى بولىدۇ، پەقەت مەھەللە كادىرلىرى جاپا چېكىپ، دائىم تاماق يېيىش ۋاقتىنى ئۆتكۈزۈۋېتىپ، ھەر كۈنى دېگۈدەك ئالدىراش بولدى.
يۇقۇم سەۋەبىدىن كىشىلەر ئىلگىرى دائىم كۆرۈشۈپ تۇرۇپمۇ تۈزۈك سالام قىلمايدىغان قوشنىلىرى بىلەن قايتىدىن تونۇشتى.
شىخەنزە شەھىرى تاۋيۇەن شۈيشياڭ ئولتۇراق رايونىدا، بۇ يىل 60 ياشقا كىرگەن بىنا باشلىقى ۋاڭ لەنيىڭ ئاھالىلەرگە مال سېتىۋالغۇچى بولۇپ بەردى، ئۇ قىلچە ئاۋارىچىلىق ھېس قىلماي، بېرىپ-كېلىپ قاتىراپ كۆپچىلىك ئۈچۈن ئەڭ يېڭى يېمەكلىكلەرنى سېتىۋېلىپ ئىشىك ئالدىغىچە يەتكۈزۈپ بەردى.
يۇقۇم سەۋەبىدىن نۇرغۇن كىشى كىشىلىك ھاياتتىكى «N-قېتىملىق تۇنجى قېتىم»نى كۈتۈۋالدى. بەزىلەر دوۋيىن يوللاشنى ئۆگەندى، بەزىلەر تۇنجى قېتىم چوڭلار بىلەن بىللە بەدەن چېنىقتۇرۇش گىمناستىكىسى ئوينىدى، يەنە بەزىلەر تۇنجى قېتىم بالىلىرىنىڭ چېچىنى ياسىدى...
تارباغاتاي ۋىلايىتى ساۋەن ناھىيەسى ئۇلان ئۇس بازىرى شىياۋ مياۋ كەنتىدە، كەنت ئاھالىسى گاۋ خۇافېڭ فىلىم كېسىپ تەھرىرلەشنى ئۆگەندىن كېيىن، ئۆزى يېزىپ ئۆزى ئورۇندىغان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش مۇزىكىسىنى قىسقا فىلىم قىلىپ ئىشلەپ، ۋېيشىن توپى ۋە دوۋيىندا تارقاتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: «يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا قۇربىم يېتىدىغان ئىشنى قىلدىم.»
كەسپىي ئەدەبىيات - سەنئەت خىزمەتچىلىرىمۇ ھەرىكەتكە كېلىپ، ناخشا، شېئىر، گۈزەل سەنئەت، خەتتاتلىق قاتارلىق ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلىپ، جاسارەت بىلەن جەڭ قىلىۋاتقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش بىرىنچى سېپىدىكى كادىرلار، ئاممىغا ئىلھام بەردى.
ئۆيلىرىدە «يۇقۇمغا قارشى تۇرۇۋاتقان»لارنىڭ بېسىمىنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن، شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرى پىسخىكىلىق يېتەكلەشنى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ، تور، تېلېفون قاتارلىقلارغا تايىنىپ، ھەر مىللەت ئاممىغا پىسخىكا جەھەتتىن ھەقسىز مەسلىھەت بەردى.
شىنجاڭ روھىي ساغلاملىق مەركىزىنىڭ پىسخىك ياردىمى قىزىق لىنىيەسى ھەتتا ۋۇخەندىن كەلگەن بىر مەسلىھەت سوراش تېلېفونىنى قوبۇل قىلدى. «مەن ۋۇخەندىن تېلېفون بېرىۋاتىمەن، ماڭا ھەمراھ بولۇپ شىنجاڭ توغرىسىدا پاراڭلىشالامسىز؟» بۇ رايون ئاتلىغان يەنە كېلىپ ‹قائىدىگە ئۇيغۇن بولمىغان› تەلەپ مۇتەخەسسىسلەرنىڭ سەۋىرچانلىق بىلەن بەرگەن جاۋابىغا ئېرىشىپ، مەسلىھەت سورىغۇچىنىڭ بۇرۇقتۇرما كەيپىياتى ياخشىلاندى.
نۇرغۇنلىغان مەھەللە كادىرلىرى ۋە پىدائىيلار ئاھالىلەر ئولتۇراق بىناسى ئالدىدا تۇرۇپ ناخشا ئېيتىپ ئاھالىلەرنىڭ بېسىمىنى يېنىكلەتتى. «ۋىرۇس رەھىمسىز، كىشىلەر ئارىسىدا مۇھەببەت بار، گەرچە يورۇق سەھنە بولمىسىمۇ، لېكىن سىز ھەقىقەتەن ياخشى ئېيتتىڭىز.» ناخشا ئاڭلاپ ھۇزۇر ئالغان ئاھالە ماختاپ شۇنداق دېدى.
ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قەدىمى پۇختا، تېز ھەم سىلىق ئېلىندى
ھەر خىل تەسىرلىك ئىشلار ئارىسىدا، بىز قاراڭغۇ تۈنلەرنى ئۆتكۈزۈپ، غالىبىيەتنىڭ پارلاق نۇرىنى كۈتۈۋالدۇق.
يۇقۇم شەھەر ۋە يېزا-كەنتلەرنى «تىنىچلاندۇردى»، بۇ يىلقى ئىش باشلاش ۋاقتىنى خېلىلا كېچىكتۈرۈپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ نورمال ئايلىنىشىغا تەسىر كۆرسەتتى.
2-ئاينىڭ 13-كۈنى، ئاپتونوم رايون ئاچقان يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش -تىزگىنلەش خىزمىتى سىن يىغىنىدا يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاشتىكى چوڭ سىناقتا لاياقەتلىك جاۋاب قەغىزى تاپشۇرۇش ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
«ھەقىقىي تۈردە يۈكنى يېنىكلىتىش، ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى كېڭەيتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى پىكىر»«تېرىقچىلىق مەزگىلىگە دەخلى يەتكۈزمەي ئەتىياز پەسىللىك يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى ياخشى تۇتۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»«يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇپ، ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنىڭ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ ساغلام تەرەققىي قىلىشىنى قوللاش توغرىسىدىكى 16 تۈرلۈك تەدبىر»… مالىيە-باج ئارقىلىق يۆلەش، پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى قاتارلىق ھەرقايسى جەھەتلەردىكى دەل ۋاقتىدا يولغا قويۇلغان سىياسەتلەر كارخانىلارنى غەيرەتكە ئىگە قىلدى.
كەنت قۇرغان كارخانا ئىشلەپچىقىرىشنى تېزلەتتى.
دۆربىلجىن ناھىيەسى تەيخې فۇخۇا پۇرچاق مەھسۇلاتلىرى چەكلىك شىركىتىنىڭ مەسئۇلى لى فېڭنىڭ دېيىشىچە، يەرلىك ھۆكۈمەت ئۇنىڭ كارخانىسىنىڭ ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشى ئۈچۈن 60 توننا كۆمۈر، 80 توننا خام ئەشيانى ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلىپ بەرگەن ھەمدە مەھسۇلات توشۇش قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ، سېتىش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ بەرگەن، «سىياسەتنىڭ قاراتمىلىقى كۈچلۈك، ئۈنۈمدارلىقى يۇقىرى بولۇپ، كارخانىلارنى دەل جايىدا مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەپ، نۇرغۇن يۈكىمىزنى يېنىكلەتتى.»
يىلنىڭ بېشى باھاردىن، دېھقانچىلىق ۋاقتىغا دەخلى يەتكۈزۈلمىدى، دېھقانچىلىق ئىشلىرىغا دەخلى يەتكۈزۈلمىدى.
شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىلەن بىللە، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش تەرتىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، ئەتىياز پەسىللىك يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن تەشكىللىدى. ئېتىز-ئېرىق، مېۋىلىك باغ، باقمىچىلىق مەيدانلىرىدىكى ئالدىراشلىق كارتىنىسى مول ھوسۇلدىن شەپە بەردى.
2020-يىلى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرىدىغان، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىلىدىغان ۋە «13-بەش يىل»لىق يىرىك پىلان ئاخىرلىشىدىغان يىل. بۇرچ ئالدىدا مەسئۇلىيەت تاغدەك ئېغىر.
«نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىلىرىنى قەرەلىدە، يۇقىرى سۈپەتلىك ئورۇنداشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، پارتىيە ۋە خەلققە لاياقەتلىك جاۋاب قەغىزى تاپشۇرۇش»«يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى ياخشى تۇتۇشتا بوشاڭلىق قىلماسلىق، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى ئالغا سىلجىتىشتا تەۋرەنمەسلىكتە چىڭ تۇرۇپ، ئىككى قولدا تۇتۇپ، ئىككىلىسىگە دەخلى يەتكۈزمەي، قوش غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈش» شىنجاڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئومۇمىي ھۇجۇمىنى قوزغاپ، نامراتلىق قالپىقىنى تاشلىمىغان ئون ناھىيە ۋە 559 نامرات كەنتكە قارىتا ۋىۋىسكا ئېسىپ جەڭگە ھەيدەكچىلىك قىلىشنى يولغا قويدى.
شۇنداق قىلىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقى ئارقىسىدا، يۇقۇمنىڭ تەسىرى ئۈزلۈكسىز پەسەيدى، تۇرمۇش توغرا ئىزغا چۈشتى.
زاۋۇتلار «ھاياتىي كۈچكە تولدى»، پويىز، تاكسى، ئايروپىلان قايتىدىن قوزغىلىپ قاتناشقا باشلىدى، سودا ساراي، تاللا بازار، ئۇنىۋېرسال بازار، كوچىغا يېقىن دۇكان، ساياھەت مەنزىرە رايونى ئېچىلىپ خېرىدارلارنى كۈتۈۋالدى، ئوقۇغۇچىلار ئوقۇش باشلىدى، ئاشخانىلار يەنە ئاۋاتلاشتى، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتى يەنە باشلاندى.
ئۇرۇش تېخى ئاخىرلاشمىدى، يەنە چىڭ تۇرۇش كېرەك
يىللار بىر ئىزىدا توختاپ قالماي، ئېقىن سۇدەك ئۆتىدۇ. يۇقۇمنىڭ ئىس-تۈتەكلىرىدىن كېسىپ ئۆتۈپ، شىنجاڭ قۇياش تەپچىپ، گۈللەر ئېچىلىپ، قۇشلار خۇشناۋا قىلغان گۈزەل باھارنى كۈتۈۋالدى، تۇرمۇش ئەسلىدىكى ھالىتىگە قايتتى.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك 80-باشلانغۇچ مەكتەپ 2-يىللىق 3-سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرى يېڭى تارقاتقان كىتابلىرىنى كۆرسەتمەكتە.
بىز ھازىرقى خاتىرجەم ۋاقتىمىزدىن ھۇزۇرلىنىش بىلەن بىرگە شۇنى كۆرۈشىمىز كېرەككى، دۆلەت ئىچىدىكى باشقا جايلاردا يەنە ساقايمىغان ئاغرىقلار بار، بەزىلەر ئايرىپ كۆزىتىلىۋاتىدۇ، چېگرا سىرتىدىن كىرگەن ئاغرىق مىسالى ئۈزلۈكسىز كۆپىيىۋاتىدۇ، پۈتۈن يەر شارىدا يۇقۇم ئەھۋالى كۈنسېرى كەسكىنلىشىۋاتىدۇ.
ئۇرۇش تېخى ئاخىرلاشمىدى، «ئىمتىھان» يەنە ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ، قەدىرلەڭ، قانائەت قىلىڭ، سەۋىرچان بولۇڭ، سانسىزلىغان كىشىلەرنىڭ تىرىشچانلىقىنى يوققا چىقارماڭ.
غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، بىزنىڭ «يۇقۇم»غا قارشى تۇرۇش مۇساپىمىزگە نەزەر سالساق، كىشىنىڭ يۈرەك تارىنى تىترىتىدىغان ئاشۇ كۈنلەر خۇددى تۈنۈگۈنگە ئوخشايدۇ، يۇقۇم زىيان ئېلىپ كەلدى، شۇنداقلا قايتا قوراللىنىپ، قايتا سەپەرگە ئاتلىنىش پۇرسىتى ئېلىپ كەلدى.
تارىخ دولقۇنى ئۈزۈلمەيدۇ، بۇ دولقۇن بىردە تىنچلانسا، بىردە ئۆركەشلەيدۇ. تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى پەقەت مۇشۇ دولقۇن جەريانىدىكى بىر قېتىملىق شىددەتلىك دولقۇندىنلا ئىبارەت.
بۇ قېتىمقى بوران-چاپقۇنلۇق سىناق جەريانىدا، بىز مىسلىسىز قىيىنچىلىق، ئېغىر مۇشكۈلاتلاردىن ھالقىپ ئۆتۈپ، كۆزگە كۆرۈنگەن بالايىئاپەت ۋە يوشۇرۇن خەۋپلەردىن غالىپ كېلىپ، دەھشەتلىك بوران-چاپقۇن بىلەن ئېلىشىپ، دولقۇن يېرىپ زەپەر مارشىنى ياڭراتتۇق، قەھرىمانلىق جاسارىتىمىزنى نامايان قىلدۇق.
«يۇقۇم»غا قارشى تۇرۇش جەريانى بىزنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئۇزۇن سەپەردە ئېرىشكەن قىممەتلىك مەنىۋى بايلىقىمىز بولۇپ، بىزنى باتۇرلارچە ئالغا ئىلگىرىلەشكە، تېخىمۇ پارلاق كەلگۈسىگە يۈرۈش قىلىشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ.