تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاممىۋى سورۇنلاردا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشكە قانداق كۈچەش كېرەك؟

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغان ھازىر، ھەرقايسى جايلار ئارقا - ئارقىدىن ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈردى، ئاممىۋى سورۇن قاتارلىقلاردا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى ياخشى ئىشلەش ئالدىنقى باسقۇچتىكى ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، يۇقۇمنىڭ قايتا يامرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ئىنتايىن مۇھىم. ئىش باشلانغاندىن كېيىن، ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ غىزالىنىشى، يىغىن ئېچىش قاتارلىق ئەمەلىي مەسىلىلەرنى قانداق ھەل قىلىش كېرەك؟ ئالاقىدار تارماقلار ۋە مۇتەخەسسىسلەر بۇنىڭغا مۇنداق ئىنكاس قايتۇردى.

يېقىنقى مەزگىلدە، نۇرغۇن «خىزمەتچى» ئىشخانىسىغا قايتتى. يىغىلىپ يىغىن ئېچىش، ئۆچرەتتە تۇرۇپ غىزالىنىش ۋىرۇسنىڭ تارقىلىشىدىكى «خەۋپ - خەتەر نۇقتىسى» بولۇپ قالامدۇ - قانداق؟

جۇڭگو كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى جاڭ ليۇبو مۇنداق تەكلىپ بەردى: ئىمكانقەدەر يىغىن ئېچىش قېتىم سانىنى ئازايتىش، يىغىن ۋاقتىنى قىسقارتىش كېرەك، ئەگەر تور، سىن، ئۈندىدار قاتارلىق شەكىللەر قوللىنىلسا بىرقەدەر ياخشى بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، يىغىن زالىدا بىرتۇتاش كونترول قىلىنىدىغان ھاۋا تەڭشىگۈچ بولسا، تولۇق يېڭى شامال چىقىرىدىغان قىلىپ تەڭشەپ ياكى ئەڭ يۇقىرى چەكتە ئېچىپ، ئىمكانقەدەر ھاۋانىڭ ساپ بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

جۇڭگو كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەركىزى مۇھىت ۋە ساغلاملىققا ئالاقىدار مەھسۇلاتلار بىخەتەرلىكى ئورنىنىڭ باشلىقى شى شياۋمىڭ مۇنداق دېدى: ئاشخانىدا غىزالىنىشتا بىخەتەر بولۇش پۈتكۈل يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنىڭ ئاچقۇچلۇق ھالقىسى. ئاشخانا خىزمەتچىلىرىنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرتۈش تۈزۈمىنى ئورنىتىش؛ قازان - قومۇچ، قاچا - قۇچىلارنى، ئاشخانا مۇھىتىنى پاكىزلاش، دېزىنفېكسىيەلەشنى كۈچەيتىش؛ ئاشخانىغا قول دېزىنفېكسىيەلەش سۇيۇقلۇقى قاتارلىقلارنى سەپلەش ھەم ئاشخانىغا كىرگەن خادىملارنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش؛ تىجارەت مەزگىلىدە ئىشىك - دېرىزىنى ئېچىپ، ئاشخانا ھاۋاسىنىڭ ئالمىشىپ تۇرۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

بەزى ساھەلەردىكى ئالاھىدە خىزمەت سورۇنلىرى، مەسىلەن، قۇدۇق ئاستى مەشغۇلات بوشلۇقى، قۇرۇلۇش ئورنى قاتارلىقلاردا ھاۋا ئۆتۈشۈپ تۇرۇشقا قانداق كاپالەتلىك قىلىش، ئۈسكۈنىلەرنى قانداق دېزىنفېكسىيەلەش كېرەك؟

شى شياۋمىڭ ئالاھىدە ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: قۇدۇق ئاستىدا مەشغۇلات قىلغاندا بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش شەرتى ئاستىدا دېزىنفېكسىيە دورىسى ئىشلەتكەندە، ئىسپىرت ئىشلىتىشنى چەكلەشكە دىققەت قىلىش كېرەك. قۇدۇق ئاستىدا شامالدۇرغۇچنىڭ شامال چىقىرىش مىقدارىنى ئاشۇرۇش، بولۇپمۇ قۇدۇق ئاستىدا مەشغۇلات قىلىشتىن بۇرۇن ۋە كېيىن ئۈسكۈنە، ئەسلىھە، ئەمگەك قوراللىرى ۋە قول قاتارلىقلارنى دېزىنفېكسىيەلەشكە دىققەت قىلىش كېرەك.

كوللېكتىپ ياتاققا قارىتا، ھەرقايسى جايلار كوللېكتىپ ياتاقتا ياتىدىغانلارنىڭ سانى ئۆلچەمدىن ئېشىپ كېتىش ئەھۋالىنى قاتتىق كونترول قىلىشى كېرەك. دېرىزىسى بار ياتاقلاردا قەرەللىك ھاۋا ئالماشتۇرۇش، دېرىزىسى يوق ياتاقلارغا شامالدۇرغۇچ قاتارلىق مېخانىكىلىق شامال چىقىرىش ئۈسكۈنىلىرى ئورنىتىش كېرەك. يۇيۇنۇش كۆلچىكىگە قول يۇيۇش سۇيۇقلۇقى ۋە دېزىنفېكسىيە بۇيۇملىرىنى سەپلەپ، قەرەللىك تازىلاپ دېزىنفېكسىيەلەش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى