تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ پاكىستانغا بېرىپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرىدىغان داۋالاش مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى يولغا چىقتى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى يۈەن لېي خەۋەر قىلىدۇ: پاكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، 3 - ئاينىڭ 28 - كۈنى، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ پاكىستانغا بېرىپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرىدىغان داۋالاش مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى ئۈرۈمچىدىن يولغا چىقتى، ئۇلار پاكىستانغا بېرىپ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشقا ھەمكارلىشىدۇ. مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنى دۆلەت سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتى تەشكىللىگەن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تاللاپ ئەۋەتكەن. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى لى پېڭشىن يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش داۋالاش مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنى ئۇزىتىپ قويدى.

مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىدا جەمئىي سەككىز كىشى بولۇپ، ئۇلار ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئاپتونوم رايونلۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەركىزى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى، شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى 1 - دوختۇرخانا، ئاپتونوم رايونلۇق جۇڭيى دوختۇرخانىسىدىن كەلگەن، كەسىپ ساھەلىرى نەپەس، ئېغىر كېسەللەر، پەرۋىش قىلىش، تەكشۈرۈش، جۇڭيى تېبابىتى قاتارلىقلارنى قاپلىغان. مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى شۇ جايدىكى دوختۇرخانا ۋە مۇتەخەسسىسلەر بىلەن تەجرىبىلەردىن تەڭ بەھرىمەن بولۇش ۋە ئالماشتۇرۇشنى قانات يايدۇرۇپ، جۇڭگونىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش تەجرىبىلىرىنى تونۇشتۇرۇپ، پاكىستان تەرەپنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرى ۋە داۋالاش تەرتىپىگە بىرلەشتۈرۈپ، پاكىستاننىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، كېسەللەرنى داۋالاش ۋە تەجرىبىخانا خىزمىتىگە قارىتا مەسلىھەت بېرىپ، پاكىستاندىكى تېببىي خادىملار ۋە مەھەللىلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خادىملىرىنى تەربىيەلەش ۋە يېتەكلەش قاتارلىقلار بىلەن تەمىنلەشتىن ئىبارەت.

مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى يەنە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئىئانە قىلغان داۋالاش - قۇتقۇزۇش ماددىي ئەشيالىرىنى بىللە ئېلىپ ماڭغان بولۇپ، 10 مىڭ دانە داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان N95 ماسكىسى، 100 مىڭ دانە بىر قېتىملىق داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان ماسكا، 5000 يۈرۈش داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان مۇداپىئە كىيىمى، 12 نەپەسلەندۈرۈش ئاپپاراتى، بەش تىترەشنى كۆزىتىش ئەسۋابى، 10 مىڭ پارچە نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش تەجرىبە دورىلىرى قاتارلىق يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش داۋالاش ماددىي ئەشيالىرى ۋە دورا بۇيۇملىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 3 - ئاينىڭ 27 - كۈنى، ئاپتونوم رايوننىڭ پاكىستانغا ياردەم بەرگەن تۇنجى تۈركۈمدىكى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش داۋالاش ماددىي ئەشيالىرى قونجىراپ پورتىدا چېگرادىن ئۆتتى.

لى پېڭشىن يولغا چىقىش مۇراسىمىدا مۇنداق دېدى: ئېغىر، زور يۇقۇملۇق كېسەل پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ دۈشمىنى. جۇڭگو بىلەن پاكىستان پۈتۈن ھاۋارايىلىق ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھلاردىن بولۇپ، دۆلىتىمىز پۈتۈن كۈچى بىلەن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ ئاچقۇچلۇق پەيتىدە تۇرۇۋاتقاندا، پاكىستان كۆپ خىل ئۇسۇللار ئارقىلىق بىزنى قوللىدى ۋە ياردەم بەردى. ھازىر پاكىستاندا يۇقۇم ئەھۋالى كۆرۈلدى، بىز ئۆزلۈكىمىزدىن پاكىستان تەرەپكە پائال ياردەم بېرىشىمىز كېرەك. ھەرقايسى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئېسىل ئىستىلنى جارى قىلدۇرۇپ، بۇرچى، مەسئۇلىيىتىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، تېخنىكا ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پاكىستان داۋالاش سەھىيە خىزمەتچىلىرى بىلەن مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ جەڭ قىلىپ، دۇچ كەلگەن كەسكىن خىرىسقا ئورتاق تاقابىل تۇرۇپ، بۇرچنى ئادا قىلىپ، ۋەزىپىنى ئورۇنداپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا جۇڭگو - پاكىستان ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ دوستلۇق رىشتىنى چىڭىتىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەرمىللەت خەلق سىلەرنىڭ بالدۇرراق، ئامان - ئېسەن زەپەر قۇچۇپ قايتىپ كېلىشىڭلارنى كۈتىدۇ.

ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن تيەن ۋېن، مەڭلىك سىيىت يولغا چىقىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى