تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونىمىزدا ئاممىۋى چوكا، ئاممىۋى قوشۇق ئىشلىتىش ھەرىكىتى قىزغىن دولقۇنى قوزغالدى

3 - ئاينىڭ 26 - كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ نۇرباغدىكى شياۋگازى ئاشخانىسىدىكى خىزمەتچىلەر ئاشخانىغا ئاممىۋى قوشۇق، ئاممىۋى چوكا ئىشلىتىش تەشۋىقات ئېلانى چاپلىماقتا.

(شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى زوۋ يى فوتوسى)

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى جاۋ يۆ، يۈ شى خەۋەر قىلىدۇ: يېقىندا، مەركەز مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىش كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشى، ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، ئاممىنى مەدەنىيلىك ساپاسىنى ئۆستۈرۈشكە يېتەكلەش ۋە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش، ئاممىۋى چوكا ئىشلىتىشنى تەشەببۇس قىلىپ، مەدەنىي، ساغلام غىزالىنىش، ئاممىۋى تازىلىق سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىش كومىتېتى ئىشخانىسى «ئاممىۋى چوكا ئىشلىتىشنى تەشەببۇس قىلىش ئاممىۋى پاراۋانلىق ئېلان تەشۋىقاتىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش»نى ئېلان قىلىپ، ئاممىۋى چوكا ئىشلىتىپ غىزالىنىش مەدەنىيلىكى تەشەببۇسىنى ئومۇميۈزلۈك قوزغىدى.

«ئۇقتۇرۇش»نىڭ باش تېمىسى «ئاممىۋى چوكا ئىشلىتىش مەدەنىي غىزالىنىش ساغلام تۇرمۇش». 3 - ئاينىڭ 26 - كۈنىدىن باشلاپ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەرقايسى چوڭ تاراتقۇلار ئاممىۋى چوكا ھەرىكىتى باش تېمىسىدىكى ئاممىۋى پاراۋانلىق ئېلانلىرىنى ئارقا - ئارقىدىن چىقاردى. گېزىت، تور، يېڭى تاراتقۇ قاتارلىقلار بەس - بەستە «ئاممىۋى چوكا ھەرىكىتى، تاماق ئۈستىلى مەدەنىيلىكى» «ئاممىۋى چوكا، ئاممىۋى قوشۇق سىز ھەم قاتناشقۇچى ھەم مەنپەئەتلەنگۈچى» قاتارلىق مەزمۇنلاردا ئاممىۋى پاراۋانلىق تەشۋىقاتى ئېلانلىرىنى چىقاردى، جەمئىيەتتە بىر مەيدان ئاممىۋى چوكا، ئاممىۋى قوشۇق ئىشلىتىپ غىزالىنىش مەدەنىيلىكى ھەرىكىتى قىزغىن دولقۇنى قوزغالدى.

نۆۋەتتە، ئاممىۋى چوكا، ئاممىۋى قوشۇق تاماق ئۈستىلىدىكى ئۆلچەملىك سەپلىمىگە ئايلاندى، شىنجاڭنىڭ يېمەك - ئىچمەك كارخانىلىرىنىڭ «چوكا» ھەرىكىتى ناھايىتى تېز بولدى.

«يېمەكلىك مەنبەلىك كېسەلنىڭ تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، بىز ئاممىۋى چوكا، ئاممىۋى قوشۇق ۋە ئايرىم غىزالىنىش تۈزۈمىنى كۈندىلىك يېمەك - ئىچمەك مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇشقا كىرگۈزۈپ، تاماق چىقىرىش، قورۇما توشۇش، يۇيۇش، دېزىنفېكسىيەلەش قاتارلىق ھەرقايسى ھالقىلاردىكى مۇلازىمەت تەرتىپىدە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ھەم ئېلېكتىرونلۇق ئېكران، تاماق ئۈستىلى ئەسكەرتىش تاختىسى، ئېلېكتىرونلۇق تاماق بۇيرۇتۇش سىستېمىسى قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، تەشۋىقات سالمىقىنى زورايتتۇق» دېدى 3 - ئاينىڭ 27 - كۈنى ئۈرۈمچى چاڭفۇگۇڭ مېھمانسارىيىنىڭ مەسئۇلى چۆ فېڭشيا مۇخبىرغا.

ئىگىلىنىشىچە، كۆلەملىك يېمەك - ئىچمەك كارخانىلىرى ئاھالىلەرنى ئاممىۋى چوكا، ئاممىۋى قوشۇق ئىشلىتىشتەك ياخشى غىزالىنىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشكە پائال يېتەكلەپلا قالماي، يەنە بىر قىسىم كىچىك ئاشپۇزۇل، قاۋاقخانا، ئاشخانا ھەتتا شەھەر ئەتراپىدىكى دېھقانلار ئارامگاھى ئىگىلىرىمۇ «چوكا» ھەرىكىتىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن پائال قاتناشقان.

«بۇ بىخەتەر غىزالىنىش تەدبىرلىرى كىچىك ئىش ئەمەس، ئادەتتىكى <كىچىك ئادەت> ئارقىلىق <چوڭ مەدەنىيلىك>كە تۈرتكە بولغىلى بولىدۇ.» يۈەنشەن ساغلاملىق زىياپەتخانىسىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى دۇ جىنفېڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئەنئەنىۋى يىغىلىپ تاماق يېيىش ئۇسۇلىنىڭ مۇئەييەن خەۋپ - خەتىرى بار. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەدەنىي غىزالىنىش ئادىتىنى قايتىدىن جەمئىيەتنىڭ ئورتاق تونۇشى قىلىپ مۇجەسسەملىدى، كەڭ يېمەك - ئىچمەك كەسپى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارغا ئاڭلىقلىق بىلەن جەمئىيەت مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، ۋەزىيەتكە بېقىپ ئىش كۆرۈپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن رول ئويناپ، مەدەنىي غىزالىنىش يېڭى ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشىنى تەشەببۇس قىلىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : 库尔班江·克衣木

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • 2 ئالتۇن مېدال، 2 كۈمۈش مېدال، 2 مىس مېدال
  • ئەمەلىي ئىشلەشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش | تولۇق غەيرەتكە كېلىپ ئىشقا ئاتلىنىش، ئاتاكىغا ئۆتۈپ تۇنجى ئىشنى غەلىبىلىك باشلاش
  • رەڭدار قىشلىق تەتىل