تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

جۇڭگو شىنجاڭ پاكىستان، قازاقىستانغا يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان ماددىي ئەشيالارنى ئىئانە قىلدى

شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى 3 - ئاينىڭ 27 - كۈنى سائەت 12دە، جۇڭگو شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى پاكىستانغا ئىئانە قىلغان بىر تۈركۈم داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان مۇداپىئە - قوغداش ماددىي ئەشيالىرىنى شىنجاڭ قونجىراپ پورتىدا چېگرادىن ئۆتكۈزۈش تاماملاندى. ئىئانە قىلىنغان ماددىي ئەشيالار بەش نەپەسلەندۈرۈش ئاپپاراتى، 200 مىڭ دانە داۋالاشتا ئىشلىتىدىغان تاشقى كېسەللىكلەر ماسكىسى، 2000 دانە N95 ماسكا، 2000 يۈرۈش قوش مۇداپىئە تەكشۈرۈش - ئۆلچەش تەجرىبە دورىسى، 2000 قۇر ئايرىش كىيىمىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ماددىي ئەشيالىرىنىڭ چېگرادىن تېز ئۆتكۈزۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، قونجىراپ تاموژنىسى ئالدىن ئۇدۇللاشتۇرۇپ، مەخسۇس ئادەم ئورۇنلاشتۇرۇپ ماددىي ئەشيالارنىڭ توشۇلۇش ئەھۋالىنى پۈتۈن جەريانلىق ئىز قوغلىدى، بىرىنچى ۋاقىتتا «يېشىل يول» ئېچىپ، تىزىملىكنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش، ماشىنىدا تەكشۈرۈش ۋە ئېغىزدا توسۇپ تەكشۈرۈپ قويۇۋېتىش خىزمىتىنى تېز سۈرئەتتە تاماملىدى. قونجىراپ چېگرادىن كىرىش - چىقىش چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش پونكىتىمۇ جىددىي ئالاقىلىشىش مېخانىزمىنى تېزدىن قوزغىتىپ، پاكىستاندىكى مۇناسىۋەتلىك تارماقلار بىلەن يول ئەھۋالى، خادىم ئەھۋالى، ماددىي ئەشيالارنىڭ توشۇلۇشى قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئۇدۇللاشتۇرۇپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ماددىي ئەشيالىرىنىڭ پاكىستانغا بىخەتەر، تېز يەتكۈزۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

3 - ئاينىڭ 26 - كۈنى، جۇڭگو شىنجاڭ قازاقىستانغا ئىئانە قىلغان 170 مىڭ داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان تاشقى كېسەللىكلەر ماسكىسى شىنجاڭ قورغاس تاشيول پورتى ئارقىلىق چېگرادىن ئوڭۇشلۇق چىقىرىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • 2 ئالتۇن مېدال، 2 كۈمۈش مېدال، 2 مىس مېدال
  • ئەمەلىي ئىشلەشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش | تولۇق غەيرەتكە كېلىپ ئىشقا ئاتلىنىش، ئاتاكىغا ئۆتۈپ تۇنجى ئىشنى غەلىبىلىك باشلاش
  • رەڭدار قىشلىق تەتىل