تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

​كۇچا شەھىرىدە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرى مەكتەپلەرگە كىرگۈزۈلۈپ، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساغلاملىقىغا كاپالەتلىك قىلىندى

  تىيانشان تورى خەۋىرى(ئىختىيارىي مۇخبىر لى دەندەن خەۋىرى، فوتوسى): مەكتەپلەر مائارىپ سىستېمىسىنىڭ «يۇقۇم»غا قارشى جەڭ قىلىدىغان ئاساسلىق جەڭ مەيدانى. 3-ئاينىڭ 23-كۈنى، كۇچا شەھىرى دۇڭچىڭ دوختۇرخانىسى سەككىز مۇتەخەسسىسنى تەشكىللەپ تەشۋىق قىلىش ئەترىتى قۇرۇپ، ياڭمىڭ باشلانغۇچ مەكتىپى، كۇچا شەھەرلىك 8-باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە ئوچا بازىرى ساقاغۇ باشلانغۇچ مەكتىپىگە بېرىپ، تۈركۈمگە بۆلۈپ، تۈرگە ئايرىپ، دېزىنفېكسىيەش، باكتېرىيە ئۆلتۆرۈش بىلىملىرى بويىچە مەكتەپتىكى داۋالاش ۋە پەرۋىش خادىملىرى، ئارقا سەپ خادىملىرىنى تەربىيەلەپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇشنى نورمال داۋاملاشتۇرۇشىغا كاپالەتلىك قىلدى.

  بۇ قېتىمقى تەربىيەلەشتە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ تارقىلىش يوللىرى، ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش نەزەرىيە بىلىملىرى، شۇنداقلا دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقىنى تاللاپ ئىشلىتىش، تەڭشەش، دېزىنفېكسىيە ئەسۋابلىرىنى ئىشلىتىش قاتارلىقلار ئاساس قىلىنىپ، دېزىنفېكسىيەلەش تەرتىپى، ئۇسۇلى ۋە دېزىنفېكسىيە جەريانىدا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار قاتارلىقلار چۈشەندۈرۈلدى ۋە ئۈلگە كۆرسىتىلدى، شۇنداقلا سىنىپ، ھاجەتخانا، ئاشخانا، ياتاق، تەنتەربىيە سارىيى، كارىدور، پەلەمپەي ۋە رېشاتقا قاتارلىقلارنى قانداق قىلغاندا ئىلمىي، توغرا دېزىنفېكسىيەلىگىلى بولىدىغانلىقى توغرىسىدا ئەمەلىي يېتەكچىلىك قىلىندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى