تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

جۇڭگو تەرەپنىڭ قىرغىزىستانغا ياردەم بەرگەن بىر تۈركۈم يۇقۇمغا قارشى ماددىي ئەشيالىرى قىرغىزىستان تەرەپكە تاپشۇرۇپ بېرىلدى

  3-ئاينىڭ 25-كۈنى، جۇڭگو-قىرغىزىستان چېگرىسى تورغات پورتىدا، جۇڭگو-قىرغىزىستان ئىككى تەرەپ ۋەكىللىرى ياردەم بېرىش ماددىي ئەشيالىرىنى تاپشۇرۇپ بېرىش-تاپشۇرۇۋېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتتى)

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بىشكەك، 3-ئاينىڭ 26-كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر گۇەن جيەنۋۇ، نۇران): جۇڭگو تەرەپنىڭ قىرغىزىستانغا ياردەم بەرگەن بىر تۈركۈم يۇقۇمغا قارشى ماددىي ئەشيالىرى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى كەچتە جۇڭگو-قىرغىزىستان چېگرىسى تورغات پورتىدا قىرغىزىستان تەرەپكە تاپشۇرۇپ بېرىلدى.

  بۇ ماددىي ئەشيالارنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى ياردەم قىلغان. شۇ كۈنى كەچتىكى تاپشۇرۇپ بېرىش-تاپشۇرۇۋېلىش مۇراسىمىدا «ئۆزئارا ھەمدەم بولۇش، ۋاقىتلىق قىيىنچىلىقنى ئورتاق يېڭىش» مېھىر-شەپقەت لوزۇنكىسى ئېسىلىپ، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى ۋە قىرغىزىستان نارىن ئوبلاستىنىڭ مەسئۇللىرى تاپشۇرۇپ بېرىش-تاپشۇرۇۋېلىش گۇۋاھنامىسىگە ئورتاق ئىمزا قويدى.

  قىرغىزىستان سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، قىرغىزىستاندا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى دەپ ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى جەمئىي 44كە يەتكەن. قىرغىزىستان پارلامېنتى 3-ئاينىڭ 24-كۈنى زۇڭتۇڭ پەرمانىنى ماقۇللاپ، ئۈچ ئاساسلىق شەھەر ۋە ئۈچ رايوندا جىددىي ھالەتكە ئۆتۈپ، يۇقۇمغا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى قارار قىلغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • 2 ئالتۇن مېدال، 2 كۈمۈش مېدال، 2 مىس مېدال
  • ئەمەلىي ئىشلەشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش | تولۇق غەيرەتكە كېلىپ ئىشقا ئاتلىنىش، ئاتاكىغا ئۆتۈپ تۇنجى ئىشنى غەلىبىلىك باشلاش
  • رەڭدار قىشلىق تەتىل