تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

جەنۇبىي شىنجاڭدىكى كەنت باشلانغۇچ مەكتىپى بىخەتەر، تەرتىپلىك ئوقۇش باشلىدى

  ئوقۇتقۇچى سىنىپنى دېزىنفېكسىيە قىلماقتا.

  شىنخۇا تورى خەۋىرى. (شۈ جيې فوتوسى) ئىلمىي، پۇختا، بىخەتەر، تەرتىپلىك ھالدا كەنت باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ ئوقۇش باشلاش، دەرسنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلەپ، مەكتەپنىڭ بىخەتەر، مۇقىم، مائارىپ، ئوقۇتۇشنىڭ نورمال بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، بۇ ئىككى كۈندە ئاپتونوم رايونلۇق نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسىنىڭ قەشقەر ۋىلايىتى كوناشەھەر ناھىيەسىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى كەنت ئوقۇتقۇچىلىرى بىلەن بىرلىكتە ئوقۇش باشلاش، دەرسنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتىن بۇرۇنقى تۈرلۈك تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلىدى.

  ئوقۇغۇچىلار يەتتە قەدەملىك قول يۇيۇش ئۇسۇلىنى ئۆگەنمەكتە.

  «كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، مەكتەپ، سىنىپ، ئاشخانا قاتارلىقلارنى تولۇق دېزىنفېكسىيە قىلىپ، ئوقۇش باشلانغان تۇنجى كۈنىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپكە كىرىش تەييارلىقىنى ياخشى قىلدۇق.» دېدى كەنت باشلانغۇچ مەكتەپ پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى مەمتىمىن رەھمىتۇللا.

  يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش خادىمى كارىدورنى دېزىنفېكسىيە قىلماقتا.

  «مۇئەللىم تۈنۈگۈنلا ئۈندىدار ئارقىلىق ئاتا ـ ئانىلارغا ئەتە بالىلارنى مەكتەپكە ئاپىرىشتا دىققەت قىلىدىغان ئىشلارنى ئەسكەرتتى، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى بالىلارغا ئالدىن ماسكا تارقىتىپ بەردى، مەكتەپنىڭ مۇداپىئە تەدبىرلىرىمۇ ناھايىتى تولۇق بولۇپ، بىز ناھايىتى خاتىرجەم.» دېدى، ئائىلە باشلىقى ئوبۇلقاسىم ئابدۇرېھىم .

  خىزمەتچى خادىم ئوقۇغۇچىلارنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچىمەكتە.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى