تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر جاڭ شۇاڭ خەۋىرى، فوتوسى): 3- ئاينىڭ 23- كۈنى، ئوقۇرمەنلەر بايىنغولىن ئوبلاستلىق كۇتۇپخانىدا ئاپتوماتىك كىتاب ئارىيەت ئېلىش ماشىنىسى ئارقىلىق كىتاب ئارىيەت ئالماقتا. شۇ كۈنى، بايىنغولىن ئوبلاستلىق كۇتۇپخانا ئېچىلدى، تەكرار قىلىش ئۆيى، گېزىت-ژۇرنال ئوقۇش ئۆيى ۋاقتىنچە سىرتقا ئېچىۋېتىلمىدى.
بايىنغولىن ئوبلاستلىق كۇتۇپخانا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش بىلەن بىرگە، ئۈندىدار ئاممىۋى نومۇرى ئارقىلىق ئوقۇرمەنلەرنى كۇتۇپخانىغا كىرىشكە ئالدىن كېلىشىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدى، ئوقۇرمەنلەر ئۈندىدار ئاممىۋى نومۇرىدا ھەقىقىي ئىسىم بىلەن تىزىملىتىپ، ئالدىن كېلىشسە بولىدۇ.