تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى شىنجاڭ شۆبە شىركىتى 46 شەھەردىكى ھاۋا لىنىيەسىنى ئەسلىگە كەلتۈردى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر گو لىڭ، ئىختىيارىي مۇخبىر لى دېشېڭ خەۋىرى): يېقىندا، جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى شىنجاڭ شۆبە شىركىتى نۇرغۇن ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرگە قاتنايدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى ئارقا-ئارقىدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتىكى بوشلۇق يولىنى بەرپا قىلدى. نۆۋەتتە، 46 شەھەرنىڭ ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئاۋىياتسىيەنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن بولۇپ، 3-ئاينىڭ ئوتتۇرا، ئاخىرىلىرىدىن باشلاپ، كۈندىلىك يولۇچى توشۇش مىقدارى 18000 ئادەم قېتىمدىن ئېشىپ كەتتى.

  3-ئاينىڭ 24-كۈنى، مۇخبىرنىڭ جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى شىنجاڭ شۆبە شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، دۆلەت ئىچىدىكى غول لىنىيە جەھەتتە: ئۈرۈمچىدىن بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭجوۋ، چېڭدۇ، شېنجېن، شىئەن قاتارلىق 35 شەھەرنىڭ ھەممىسىدە قاتناش نورماللاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە ئۈرۈمچىدىن يولغا چىقىپ بېيجىڭ، گۇاڭجوۋ، شاڭخەي، شىئەن، چېڭدۇ قاتارلىق ئاساسلىق شەھەرلەرگە بارىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلانلار ئەسلىدە بار بولغان نۆۋەتچى ئايروپىلان سانى ئاساسىدا ئايروپىلاننى كۆپەيتكەن، ئۈرۈمچىدىن بېيجىڭغا بارىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلاننى مىسال قىلساق، ھەر كۈنلۈك نۆۋەتچى ئايروپىلان يۇقۇم مەزگىلىدىكى بىر-ئىككى قېتىمدىن بەش-ئالتە قېتىمغا كۆپەيتىلگەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، نۇقتىلىق شەھەرلەر، مەسىلەن: بېيجىڭ، گۇاڭجوۋ، شاڭخەي، چېڭدۇ قاتارلىق جايلار كەڭ گەۋدىلىك يولۇچىلار ئايروپىلانىنى ئىشلىتىپ، پايدىلانغىلى بولىدىغان ئورۇن سانىنى كۆپەيتكەن.

  شىنجاڭ ئىچى ھاۋا لىنىيەسى جەھەتتە: ئۈرۈمچىدىن شىنجاڭ ئىچىدىكى 11 ئايرودۇرۇمغا ئۇچىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلانلار ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن. شىنجاڭ ئىچىدىكى يولۇچىلارنىڭ ئېھتىياجى نىسبەتەن چوڭ ئاۋىياتسىيە نۇقتىلىرى، مەسىلەن: قەشقەر، خوتەن، غۇلجا قاتارلىق جايلار نۆۋەتچى ئايروپىلان سانىنى كۆپەيتكەن. بۇنىڭ ئىچىدە خوتەنگە بارىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلان كۈنىگە بەش-ئالتىغىچە كۆپەيتىلگەن، قەشقەرگە بارىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلان كۈنىگە ئالتە-يەتتىگىچە كۆپەيتىلگەن، غۇلجىغا بارىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلان كۈنىگە ئۈچ-تۆتكىچە كۆپەيتىلگەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەنلەردىن يەنە خوتەن، قەشقەر قاتارلىق جايلاردىن يولغا چىقىدىغان، ئۈرۈمچىدە ئايروپىلان ئالماشماي شىئەن، جېڭجوۋ قاتارلىق شەھەرلەرگە بارىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلانلارمۇ بار بولۇپ، يولۇچىلارنى كۆپ خىللاشقان سەپەرگە چىقىش تاللىشى بىلەن تەمىنلەپلا قالماستىن، يەنە ۋاقىت تەننەرخىنى ئازايتقان.

  3-ئاينىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ، جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى شىنجاڭ بازىرىغا سالغان نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ سانى ھەركۈنى 150 نۆۋەت قېتىمغا يېتىپ، كۈندىلىك ئوتتۇرىچە ئورۇن سانىنىڭ 26 مىڭغا يېتىشى مۆلچەرلەنگەن. يۇقۇمنىڭ مۇقىم تىزگىنلىنىشىگە ئەگىشىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش سانى ئاستا-ئاستا يۇقۇمدىن بۇرۇنقى نورمال سەۋىيەگە قايتىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىنىڭ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە ئىقتىسادى، ئىجتىمائىي ئالاقىسىنى بىخەتەر، قولايلىق قاتناش تىرانسىپورت يولى بىلەن تەمىنلەيدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ