تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭ: ئوقۇش باشلاشتىكى تۇنجى دەرس يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش

  3-ئاينىڭ 23-كۈنى، ئۈرۈمچىدىكى شىنجاڭ مائارىپ شۆيۈەنى تەجرىبە باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ 2-يىللىق 2-سىنىپىدا، ئوقۇتقۇچى ئەمدىلا سىنىپقا كىرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچىمەكتە. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ۋاڭ فېي فوتوسى

  شىنخۇا تورى خەۋىرى: يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل ياخشىلىنىشىغا ئەگىشىپ، 3-ئاينىڭ 16-كۈنى تولۇقسىز ئوتتۇرا 3-يىللىق، تولۇق ئوتتۇرا 3-يىللىق ۋە ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇش پۈتكۈزىدىغان يىللىقلىرى تۇنجى تۈركۈمدە ئوقۇش باشلىغاندىن كېيىن، شىنجاڭ (شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)دىكى 5004 ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەردىكى 4 مىليون 367 مىڭ 900 ئوقۇغۇچى 3-ئاينىڭ 23–كۈنى ئومۇميۈزلۈك ئوقۇش باشلىدى. ھەر قايسى مەكتەپلەر «ئوقۇش باشلاشنىڭ تۇنجى دەرسى»دە، ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلارغا مەكتەپتە دېزىنفېكسىيە قىلىش، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش بىلىملىرى، شەخسىي تازىلىق، ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق مەزمۇنلارنى تەپسىلىي چۈشەندۈردى.

3-ئاينىڭ 23-كۈنى، ئۈرۈمچىدىكى شىنجاڭ مائارىپ شۆيۈەنى تەجرىبە باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ 2-يىللىق 2-سىنىپىدا، ئوقۇغۇچىلار ئوقۇتقۇچىدىن «يەتتە قەدەملىك قول يۇيۇش ئۇسۇلى» نى ئۆگەنمەكتە. 

3-ئاينىڭ 23-كۈنى، ئۈرۈمچىدىكى شىنجاڭ مائارىپ شۆيۈەنى تەجرىبە باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ 2-يىللىق 2-سىنىپىدا، سىنىپ مەسئۇلى ليۇ جۈەن ئوقۇغۇچىلارغا ماسكىنى توغرا تاقاش ئۇسۇلىنى چۈشەندۈرمەكتە. 

3-ئاينىڭ 23-كۈنى، شىنجاڭ قەشقەر شەھىرى دوڭچېڭ تولۇقسىز 8-ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئوقۇغۇچىلار تازىلىق قىلماقتا. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى دىڭ لېي فوتوسى

3-ئاينىڭ 23-كۈنى، شىنجاڭ قەشقەر شەھىرى دوڭچېڭ تولۇقسىز 8-ئوتتۇرا مەكتىپىدە، ئوقۇغۇچىلار يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش بىلىملىرىنى ئەستايىدىل ئۆگەنمەكتە. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى دىڭ لېي فوتوسى

3-ئاينىڭ 23-كۈنى، شىنجاڭ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى قورغاس ناھىيەسىدىكى جەندې ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ سىنىپىدا، دەرس مۇنبىرىگە ماسكا، ئىسپىرتلىق دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقى قاتارلىق بۇيۇملار قويۇلدى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى سادات فوتوسى

3-ئاينىڭ 23-كۈنى، شىنجاڭ خوتەن ۋىلايىتى قاراقاش ناھىيەسى ئاقساراي يېزىسىنىڭ ئۇزۇنئېرىق باشلانغۇچ مەكتىپىدە، 1-يىللىق ئوقۇغۇچىلىرى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش بىلىملىرىنى ئۆگەنمەكتە. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جاۋ گې فوتوسى

3-ئاينىڭ 23-كۈنى، شىنجاڭ خوتەن ۋىلايىتى قاراقاش ناھىيەسى ئاقساراي يېزىسىنىڭ ئۇزۇنئېرىق باشلانغۇچ مەكتىپىدە، 4-يىللىقنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئوقۇغۇچىلارغا يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش بىلىملىرىنى ئۆگەتمەكتە. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جاۋ گې فوتوسى

3-ئاينىڭ 23-كۈنى، شىنجاڭ ئىلى قازاق ئوبلاستى قورغاس ناھىيەسىدىكى جەندې ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ئوقۇش باشلانغاندىكى تۇنجى دەرستە، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش بىلىملىرىنى ئۆگەنمەكتە. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى سادات فوتوسى

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى