ۋىرۇسنىڭ تارقىلىشىنى توسۇشتا، شەخسىي تازىلىق ئادىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىلدى. قولنى پات-پات يۇيۇش، سىرتقا چىققاندا ماسكا تاقاش، چۈشكۈرگەندە قول بىلەن ئېغىز-بۇرۇننى توسۇش قاتارلىقلار كېسەللىكنىڭ يامرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ئۈنۈملۈك رولىنى جارى قىلدۇردى. ئەمەلىيەتتە، بۇنىڭ ئىچىدىكى بەزى ياخشى ئادەتلەر كۆپ يىللاردىن بۇيان ئىزچىل زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىنىپ، كەڭ دائىرىدە تەشەببۇس قىلىنغان.
ياخشى تازىلىق ئادىتىنى «مۇستەھكەملەش»تە ئالاقىدار تارماقلار، ليەندۈيلەر، مەھەللىلەر، ساھە جەمئىيەتلىرى، جەمئىيەتتىكى كۈچلەر قاتارلىقلارنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىگە موھتاج، شۇنداقلا ھەربىر كىشىنىڭ ئاكتىپ قاتنىشىشىغا تېخىمۇ موھتاج. «يۇقۇم»دىن كېيىن، كىشىلەرنىڭ تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەپ، ھازىردىن باشلاپ، ئۆزىدىن باشلاپ، ياخشى تازىلىق ئادىتىنى تېخىمۇ ياخشى يېتىلدۈرۈپ، ساغلام تۇرمۇش ئۇسۇلىدا چىڭ تۇرۇپ، كېسەلگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشى كېرەك.
شىنجاڭ بىڭتۇەن ئۆگىنىش سۇپىسىدىن تەرجىمە قىلىندى