تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

سانجى شەھىرىدىكى 13 تېز يەتكۈزۈش شىركىتى تىجارەتنى ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كەلتۈردى

  تىيانشان تورى خەۋىرى(ئىختىيارىي مۇخبىر ما يۆ، يې خۇەن خەۋىرى): 3-ئاينىڭ 10-كۈنى، جۇڭتۇڭ تېز يوللانمىسى شىنجاڭ شۆبە شىركىتىنىڭ كەسپىي خادىمى جىن شىن شۇ كۈنىدىكى ئەڭ ئاخىرقى تېز يوللانمىنى يەتكۈزۈپ بولغاندىن كېيىن، مۇخبىرلارغا مۇنداق دېدى: 3-ئاينىڭ 6-كۈنى ئىش ئورنىغا قايتىپ كەلگەندىن بۇيان، كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 230 يۈرۈش تېز يوللانما يەتكۈزدۈم. ئالدىنقى مەزگىلدە بېسىلىپ قالغان تېز يوللانمىلار بىر قەدەر كۆپ بولغاچقا، مەن ۋە باشقا 52 خادىم ئارقا-ئارقىدىن ئىش ئورنىمىزغا قايتىپ، توختىماي تېز يوللانمىلارنى يەتكۈزدۇق.

  شىركەت باش دىرېكتورى يۈەن پېڭ مۇنداق دېدى: بىز ھازىر ئالدىنقى مەزگىلدە بېسىلىپ قالغان 20 مىڭدىن ئارتۇق تېز يوللانمىنى يەتكۈزۈۋاتىمىز. تېز يوللانمىلارنى ئەشيا ئوبوروت مەركىزىدىن ھەر قايسى تىجارەت نۇقتىلىرىغا يەتكۈزۈپ، يۈك چۈشۈرۈش ۋە تەقسىملەشتىن ئىبارەت ئىككى ھالقىنىڭ ھەرقايسىسىدا بىر قېتىمدىن دېزىنفېكسىيە قىلىپ، سىرتتىن كەلگەن تېز يوللانمىلارنىڭ يۇقۇم خەۋپىنى ئۈنۈملۈك تىزگىنلىدۇق.

  سانجى شەھەرلىك سودا ۋە سانائەت-ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىدارىسىدىكى تېز يوللانمىلارنى باشقۇرغۇچى ئاساسلىق مەسئۇل خادىمدىن ئىگىلىنىشىچە، سانجى شەھىرى تەۋەسىدىكى بىر قەدەر كۆلەملەشكەن «يۈەنتۇڭ، شېنتۇڭ، جۇڭتۇڭ، يۈندا»دىن ئىبارەت تۆت تېز يوللانما شىركىتىنىڭ كەسىپ مىقدارى پۈتۈن شەھەرنىڭ %60نى ئىگىلىگەن، شۈنفېڭ، پوچتا، جىڭدۇڭ قاتارلىق ئۈچ تېز يوللانما شىركىتىدىن باشقا، 3-ئاينىڭ 10-كۈنى سائەت نۆلدە، شەھەر ئىچىدىكى ئەڭ ئاخىرقى ئالتە تېز يەتكۈزۈش شىركىتىنىڭ ھەممىسى تىجارەتنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن. مەسئۇل خادىم مۇنداق دېدى: «يۇقۇم ئاخىرلاشمىدى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئۆلچىمى تۆۋەنلىمەيدۇ، بىر تەرەپتىن ئەشيا ئوبوروتى يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، يەنە بىر تەرەپتىن يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، ھەربىر تېز يوللانمىنىڭ ئائىلىلەرگىچە بىخەتەر يەتكۈزۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك».

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى