تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

زاۋۇتلاردا ماشىنىلار ھەرىكەتلەندى

3 - ئاينىڭ 17 - كۈنى، ئىشچىلار تۆمۈريول قۇرۇلۇش ئېغىر سانائىتى شىنجاڭ چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا مەشغۇلات قىلماقتا. ھازىر، بۇ شىركەت پۈتۈن كۈچنى ئىشقا سېلىپ پاختا تېرىش ماشىنىسى ئىشلەپچىقىرىپ، بازار تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلماقتا.

(شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى شيې لۇڭ فوتوسى)

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى ما يىنىڭ خەۋەر قىلىدۇ: 3 - ئاينىڭ 19 - كۈنى ئۈرۈمچى ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى)غا جايلاشقان گۇاڭچى گۇرۇھى يولۇچىلار ئاپتوموبىلى چەكلىك شىركىتى شىنجاڭ شۆبە شىركىتىنىڭ باش قۇراشتۇرۇش سېخىدا قاينام - تاشقىنلىققا چۆمگەن ئىشلەپچىقىرىش مەنزىرىسى نامايان بولدى، ئىشچىلار يېڭىدىن ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىگە قويۇلغان SUV يولۇچىلار ئاپتوموبىلىنى قۇراشتۇرۇۋاتقان بولۇپ، ئەقلىي ئىقتىدارلىق كۆچمە ماشىنا ئادەم، يۇقىرى ئېنىقلىق دەرىجىسىدە ئورۇن بەلگىلەپ ئەينەككە يېلىم سۈركەش ماشىنا ئادىمى، AGV ئادەمسىز يۈك توشۇش كىچىك ئاپتوموبىللىرى موكىدەك ئۆتۈشۈپ تۇراتتى. «كارخانا پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشىپ، يۇقۇم دەخلى قىلغان ۋاقىتنى قايتۇرۇۋېلىپ، يۇقۇمنىڭ تەسىرىنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈردى.» شىركەت ياسىمىچىلىق بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى لو خەيتيەن مۇنداق دېدى: «بۇ يىل كارخانا گۇاڭچى چۈەنچى GS4 ئاپتوموبىلىنىڭ 2 - ئەۋلاد دەرىجىسى ئۆستۈرۈلگەن تىپىنى ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدە ئىشلەپچىقىرىشنى پىلانلىدى، بىزنىڭ پۈتۈن يىللىق ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىپىسىنى تاماملاشقا ئىشەنچىمىز كامىل».

باھار بىباھادۇر. باھارنىڭ قەدىمىگە ئەگىشىپ، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش سۈرئىتىمۇ ئومۇميۈزلۈك تېزلەشتى، 3 - ئاينىڭ 19 - كۈنىگىچە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا كۆلەملىك سانائەت كارخانىلىرىنىڭ ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش نىسبىتى %99.4كە يەتتى.

ئىش ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەندىن بۇيان، شىنجاڭ خېڭئەن قەغەزچىلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ خادىملىرى يېڭىچە «زاۋۇتقا كىرىش ھالىتى»گە: بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەش، قول يۇيۇپ دېزىنفېكسىيەلەش، بىر - بىرلەپ مەيدانغا كىرىشكە ئادەتلەندى. 3 - ئايدىن بۇيان، خېڭئەن قەغەزچىلىكى تۇرمۇشتا ئىشلىتىلىدىغان ئېسىل قەغەزدىن 120 مىڭ قاپ ئىشلەپچىقاردى، بۇ، بۇلتۇرنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %20 ئاشتى. «ئالدىنقى مەزگىلدە تاپشۇرۇۋالغان توققۇز رايوننىڭ زاكازىنىڭ ھەممىسىنى قەرەلىدە مال بىلەن تەمىنلەشنى تاماملىدۇق.» شىركەتنىڭ باش دىرېكتورى ليۇ چۈەنخۇي مۇنداق دېدى: «غەربىي شىمالدىكى ئاساسلىق تۇرمۇشتا ئىشلىتىلىدىغان قەغەز ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بىز شىنجاڭدا %50 بازار ئۈلۈشىنى ئىگىلىدۇق، نۆۋەتتە، كارخانىمىز ئومۇميۈزلۈك مەھسۇلات كۆزلىمە نىشانىنى ئىشقا ئاشۇردى، بازار تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلالايدۇ».

قومۇل يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونىدا، شاڭخەي ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى جابدۇقچىلىقى شىنجاڭ چەكلىك شىركىتىنىڭ نەچچە ئون ئىشچىسى ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى. بۇ يىل، شامال ئېلېكتىر ساھەسى جىددىي ئورنىتىش دولقۇنىنى كۈتۈۋالدى، شىركەتنىڭ پۈتۈن يىللىق ئىشلەپچىقىرىش زاكازى تىزىلىپ توشۇپ كەتتى. «بىز ئىسمېنا ئالماشتۇرۇش ۋە ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەش تۈزۈمىنى قوللىنىپ، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنىڭ قىسقا مۇددەت ئىچىدە يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشى ۋە قويۇپ بېرىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىش بىلەن بىللە، بەزى ئىشلەپچىقىرىش ئەسۋابلىرىنى قايتىدىن لايىھەلەش ۋە ياساش ئارقىلىق، ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمدارلىقىنى ئۆستۈردۇق. ھازىر، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى بۇلتۇرنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %50تىن %60كىچە يۇقىرى كۆتۈرۈلدى» دېدى شىركەتنىڭ ئىشلەپچىقىرىشقا مەسئۇل خادىمى باۋ ۋەنلىن.

تۈرلۈك چارە - تەدبىرلەرنى قوللىنىپ سىياسەت بىلەن تەمىنلەش، ئەمەلىي تەدبىر كۆرسىتىش، تەننەرخنى تۆۋەنلىتىش ئارقىلىق، كارخانىلارنىڭ نورمال ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە پۈتۈن كۈچ بىلەن يار - يۆلەك بولۇش... ئاپتونوم رايوندىكى ھەرقايسى جايلارنىڭ ئىللىقلىق يەتكۈزۈش تەدبىرلىرى ئارقا - ئارقىدىن ئۈزۈلمەي، كارخانىلارنى خاتىرجەم قىلدى. ھەرقايسى جايلار «بىر كارخانىغا بىر سىياسەت بولۇش»، تەكشۈرۈپ تەستىقلاشتا يېڭىلىق يارىتىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، كارخانىلارنىڭ ئەمەلىي قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئىشىك ئالدىغىچە بېرىپ مۇلازىمەت قىلدى. سانجى دۆلەت يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى كارخانىلارغا 77 كادىر ئەۋەتىپ، يۈزتۇرا، يېقىندىن سىردىشىپ مۇلازىمەت قىلىشنى يولغا قويۇپ، كارخانىلارنىڭ خام ماتېرىيال ۋە مەھسۇلاتلىرىنى توشۇش يوللىرىنى راۋانلاشتۇردى. ئاراتۈرۈك ناھىيەسى «ئالدى بىلەن تەستىقلاپ ئاندىن قۇرۇش»نى «ئالدى بىلەن قۇرۇپ ئارقىدىن تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش»قا ئۆزگەرتىپ، ئاراتۈرۈك سانائەت باغچە رايونىدا باغچە رايونىغا كىرىشنى ئالدىن تەكشۈرۈش ئارقىلىق، ھەم قانۇنىي كۈچكە ئىگە ۋەدە بەرگەن كارخانىلار ئۈچۈن ئومۇمىي مۇساپىلىك ئىز قوغلاپ مۇلازىمەت قىلىشنى يولغا قويۇپ، تەكشۈرۈپ تەستىقلاش مۇلازىمەت ئۈنۈمدارلىقىنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق، ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش سۈرئىتىنى تېزلىتىشكە تۈرتكە بولدى.

پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنىڭ ھەرقايسى ھالقىلىرىدا ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش تېزلىتىلىپ، نۇقتىلىق سانائەت تۈرلىرى قۇرۇلۇشىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، تۈرلۈك ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە سىجىل كۈچ سەرپ قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق بىلدۈردى: ۋاقىت بىلەن بەسلىشىپ، زىياننى قايتۇرۇۋېلىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى سانائەت كارخانىلىرى كۆتۈرەڭگۈ روھ بىلەن، پۈتۈن يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى نىشان - ۋەزىپىلەرنى تاماملاشقا قاراپ جاسارەت بىلەن ئۇچقاندەك ئىلگىرىلىمەكتە.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى