تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

شىنجاڭلىق «كاۋاپچى» ئەر - خوتۇن مېھىر - مۇھەببەت يەتكۈزدى

خەندەندە 18 يىل ئىشلەمچىلىك قىلىپ، ياردەمگە ئېرىشىشتىن 260 مىڭ يۈەن ئىئانە قىلىپ قىيىنچىلىقى بار كىشىلەر توپىغا ئىقتىسادىي ياردەم بېرىشكىچە

شىنجاڭلىق «كاۋاپچى» ئەر - خوتۇن مېھىر - مۇھەببەت يەتكۈزدى

3 - ئاينىڭ 19 - كۈنى، تۇنىياز مەمەت ئەر - خوتۇن كالا قوتىنىدا ئالدىراش بولۇپ كەتتى.

(جاۋ مىنيۈەن فوتوسى)

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى جاڭ جىلى، ئىختىيارىي مۇخبىر ليەن شۆتىڭ خەۋەر قىلىدۇ: توقسۇ ناھىيەسىنىڭ ئىچئېرىق بازىرى توما كەنتىدىكى كەنت ئاھالىسى تۇنىياز مەمەت ئىزچىل تۈردە يىراقتىكى خېبېي ئۆلكىسى خەندەن شەھىرى فېڭفېڭ كان رايونىدىكى بالىلارنىڭ غېمىنى يەپ كەلدى. «فېڭفېڭ كان رايونىدىكى تۆت بالىنىڭ بۇ مەۋسۇملۇق ئوقۇش ھەققىنى كان رايونىدىكى مۇناسىۋەتلىك تارماقلارغا ئەۋەتىپ بەردىم ھەم تاپشۇرۇپ بېرىشنى ھاۋالە قىلدىم» دېدى 3 - ئاينىڭ 18 - كۈنى تۇنىياز مۇخبىرغا.

تۇنىيازنىڭ ئۆيىگە ئۇنىڭ مېھىر - شەپقەت ئىئانە ياردىمىگە رەھمەت ئېيتىلغان بىرقانچە لەۋھە ئېسىلغانىدى. يېقىنقى يىللاردا، ئۇ ۋە خوتۇنى ھوشۇخان توختى ئۇدا 260 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇل ئىئانە قىلىپ، فېڭفېڭ كان رايونى ۋە يۇرتىدىكى قىيىنچىلىقى بار كىشىلەر توپىغا ياردەم بەردى ھەم ۋېنچۇەندىكى يەر تەۋرىگەن ئاپەت رايونغا، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىگە پۇل ۋە ماددىي بۇيۇم ئىئانە قىلدى.

«بىز فېڭفېڭ كان رايونىدا 18 يىل تۇردۇق، ئۇ يەردە نۇرغۇن دوستلىرىمىز بار. بىز ئەڭ قىيىن ۋاقىتتا، نۇرغۇن ياردەمگە ئېرىشكەن. شۇڭا، بىزنىڭ ئىقتىدارىمىز بار چاغدا، قىيىنچىلىقى بار كىشىلەر توپىغا ياردەم بېرىشىمىز تېگىشلىكتۇر» دېدى تۇنىياز.

2001 - يىلى، توي قىلغىنىغا ئۇزاق بولمىغان تۇنىياز ئەر - خوتۇن ئارزۇ - ئارمانلىرىنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، يۈك - تاقلىرىنى يۈدۈپ، سىرتقا چىقىپ ئىشلەمچىلىك قىلىش يولىغا ئاتلانغان.

بىر دوستى ئۇلارنى خېنەنگە بېرىپ كاۋاپ ساتىدىغان يۇرتدىشىنىڭ ياردىمىگە تايىنىشقا تونۇشتۇرغان، ئەر - خوتۇن ئىككىسى بارغاندىن كېيىن بۇ يۇرتدىشىنى تاپالماي، قايمۇقۇپ قېلىپ خەندەن شەھىرى فېڭفېڭ كان رايونىغا بارىدىغان بىر نۆۋەتچى ئاپتوبۇسقا ئولتۇرغان. پۈتۈنلەي ناتونۇش فېڭفېڭ كان رايونىدا، ئاشخانا ئاچىدىغان شۇ يەرلىك كىشى خۇ جيەنبو ئۇلارنى ئېپقالغان ھەم ئۇلارنى ئاشخانا ئالدىدا كاۋاپ ساتىدىغان ئۈسكۈنە ۋە دەسمايە بىلەن تەمىنلىگەن. بىر نەچچە ئايدىن كېيىن، ئەر - خوتۇن ئىككىسى 1200 يۈەن پۇل يىغقان.

2003 - يىلى 6 - ئاينىڭ بىر ئاخشىمى، ھوشۇخاننىڭ تۇيۇقسىز سوقۇر ئۈچەي ياللۇغى قوزغىلىپ، قورسىقى قاتتىق ئاغرىپ كەتكەن. شۇ چاغدا، كەچلىك بازارغا چىققىنىغا ئۇزاق بولمىغان تۇنىيازنىڭ خوتۇنىنى دوختۇرخانىدا ياتقۇزۇپ ئوپېراتسىيە قىلدۇرغۇدەك پۇلى بولمىغاچقا، تىت - تىت بولۇپ يىغلاپ كەتكەن، ئەزەلدىن تونۇشمايدىغان دوختۇر جاۋ شىنگو بىلگەندىن كېيىن پۇل چىقىرىپ ھوشۇخانغا دوختۇرخانىدا يېتىش رەسمىيىتىنى بېجىرىپ بەرگەن.

«بىز بۇ يەرگە ناتونۇش بولساقمۇ، بىراق شۇنچە كۆپ ياخشى ئادەمنىڭ ياردىمىگە ئېرىشىپ ناھايىتى مىننەتدار بولدۇق» دېدى تۇنىياز.

2015 - يىلىدىن باشلاپ، ئەر - خوتۇن ئىككىسى يول بويىدىن دۇكان ئىجارە ئېلىپ كاۋاپچىلىق قىلىپ تاپقان پۇلى بىلەن ئۇزاق مۇددەت تۆت يېتىم بالىغا ئىقتىسادىي ياردەم بەرگەن.

بوۋا - مومىسى بىلەن بىللە تۇرمۇش كەچۈرىدىغان بۇ تۆت بالا تىلغا ئېلىنغاندا، ھوشۇخاننىڭ سۆزلىرىدىن مېھرىبانلىق چىقىپ تۇراتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: «مەن ئامال قىلىپ ئۇلارغا كۆپرەك مېھىر - مۇھەببەت بېغىشلاپ، ئۇلارنى بالىلىرىمغا ئوخشاش بەختلىك تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈشنى ئويلايمەن».

بۇلتۇر 7 - ئايدا، تۇنىياز بىلەن خوتۇنى كەنتكە قايتىپ ئىگىلىك تىكلەشنى قارار قىلدى. كان رايونىدىكى دوستلىرى، قوشنىلىرى ھەمدە ئىقتىسادىي ياردەمگە ئېرىشكەن تۆت يېتىم بالىنىڭ ئۇلاردىن ئايرىلىشقا كۆزى قىيمىدى.

كەنتكە قايتىپ كەلگەن تۇنىياز ۋە خوتۇنى كالا، قوي باقمىچىلىقى بىلەن شۇغۇللاندى. بۇنىڭدىن كېيىن، ئۇلار توقسۇ ناھىيەسىدە بىر ئاشخانا ئاچماقچى. «بىز ئىزچىل ئاممىۋى مەنپەئەتنى داۋاملاشتۇرۇپ، بىز ھېس قىلغان مېھىر - مۇھەببەتنى داۋاملاشتۇرىمىز!» دېدى تۇنىياز.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى