تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

مەنزىرە رايونلىرى كىشىلەر بىلەن ئاۋاتلاشتى

3 - ئاينىڭ 19 - كۈنى، ئارتىسلار شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازار مەنزىرە رايونىدا ئۇسسۇل ئوينىماقتا. شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازار مەنزىرە رايونى 3 - ئاينىڭ 10 - كۈنى تىجارەتنى ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كەلتۈردى، ساياھەتچىلەر كۈنسېرى كۆپەيدى.

(شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى جوۋ پېڭ فوتوسى)

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى رېن جياڭ، ياۋ گاڭ خەۋەر قىلىدۇ: «مەن ھەر يىلى بوغدا كۆلىگە بىرنەچچە قېتىم كېلىمەن، لېكىن بۇ قېتىم كەلگەندىكى ھېسسىياتىم پۈتۈنلەي ئوخشىمايدۇ، مەن ھېس قىلغان گۈزەللىكتىن كۆپچىلىكنى تەڭ بەھرىلەندۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىگە شىنجاڭنى چۈشەندۈرىمەن، شىنجاڭنى تونۇتىمەن» دېدى 3 - ئاينىڭ 18 - كۈنى ساياھەتچى ليۇ جيې خۇشال ھالدا. شۇ تاپتا بوغدا كۆلىدە «يېرىمى سۈزۈك مۇز، يېرىمى سۇ»دەك ئاجايىپ مەنزىرە نامايان بولغان بولۇپ، ليۇ جيې ساياھەت قىلغاچ سىنغا ئالدى ھەم دوۋيىنغا يوللىدى.

شۇ كۈنى تىيانشان بوغدا كۆلى مەنزىرە رايونىغا كەلگەن ساياھەتچى 600 كىشىدىن ئاشتى. «مەنزىرە رايونى ئېچىۋېتىشنى ئەسلىگە كەلتۈرگەندىن بۇيان، ساياھەتچىلەرنىڭ سانى كۈنسېرى كۆپەيدى» دېدى تىيانشان بوغدا كۆلى مەنزىرە رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى تەشۋىقات - تەربىيە - قانۇن - نىزام باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى ليۇ ۋېنيى تونۇشتۇرۇپ.

شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت - ساياھەت ساھەسىدە ئىش ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كەلگەندىن بۇيان، پۈتۈن شىنجاڭدىكى 440 مەنزىرە رايونى، مەنزىرە نۇقتىسى ئومۇميۈزلۈك تەرتىپلىك ئېچىۋېتىلىپ، مەنزىرە رايونى، مەنزىرە نۇقتىلىرىدىكى ساياھەتچىلەر كۈنسېرى كۆپەيدى.

ماسكا تاقاش، بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەش، قولنى پات - پات يۇيۇش... تىيانشان بوغدا كۆلى مەنزىرە رايونىدىكى رادىيودا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەزمۇنلىرى تەكرار ئاڭلىتىلىپ، ساياھەتچىلەرنىڭ ماسكا تاقاپ، تەرتىپلىك ئۆچرەتتە تۇرۇشى ئەسكەرتىلدى؛ مەنزىرە رايونىدىكى تازىلىق ئۆيىگە قول يۇيۇش سۇيۇقلۇقى سەپلەنگەن، تاشلاندۇق ماسكا مەخسۇس ئەخلەت ساندۇقى ئورۇنلاشتۇرۇلغانىدى. ساياھەتچىلەر ئېقىمىنى ئۈنۈملۈك كونترول قىلىش ئۈچۈن، بۇ مەنزىرە رايونى ساياھەتچىلەرنىڭ توردا راست نام تۈزۈمى بويىچە بېلەت سېتىۋېلىشىنى يولغا قويدى.

خاس پائالىيەتلەر ھەم ئېتىبارلىق تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، ساياھەت ئېسىل لىنىيەلىرىنى كۆپەيتىپ، يېڭى ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنى لايىھەلەپ، ماركېتىڭ ۋە تەشۋىقاتنى كۈچەيتتى... ئالتاي ۋىلايىتى كۆپ خىل تەدبىر قوللىنىپ، ساياھەتچىلىكنىڭ تەدرىجىي جانلىنىشىغا تۈرتكە بولدى. قاناس مەنزىرە رايونى مەنزىرە رايونىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرى ۋە ساياھەتچىلەر بىلىشكە تېگىشلىك ئىشلارنى ۋاقتىدا ئېلان قىلىپ، تەشۋىق قىلىش، يېتەكلەشنى ياخشى ئىشلەپ، ئەسلىدىكى لىنىيە مەھسۇلاتلىرىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، قاناس مەنزىرە رايونىنىڭ يېڭى خاسلاشقان لىنىيە مەھسۇلاتلىرى قاتارلىقلارنى بارلىققا كەلتۈردى؛ كۆكتوقاي مەنزىرە رايونى، ۋۇسەيتەن مەنزىرە رايونى ئۈندىدار، دوۋيىن قاتارلىقلار ئارقىلىق مەنزىرە رايونىنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلىرىنى تونۇشتۇرۇپ ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى.

3 - ئاينىڭ 17 - كۈنى ئۈرۈمچى تىيانشان چوڭ جىلغىسى، شىنجاڭ يىپەك يولى خەلقئارا ئىستىراھەت رايونى قاتارلىق مەنزىرە رايونلىرى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى بىر كۈنلۈك ساياھەت ئۆمىكىدىكى ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋالدى. «ئىش ئەسلىگە كەلگەن تۇنجى كۈنىلا مەن 100گە يېقىن مەسلىھەت سوراش تېلېفونىنى قوبۇل قىلدىم» دېدى شىنجاڭ يوۋمېيلې خەلقئارا ساياھەت كوپىراتىپى چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى شيەن مېي كۈلۈپ تۇرۇپ.

تۇرپاندىكى ھەرقايسى مەنزىرە رايونلىرىمۇ نۇرغۇن ساياھەتچىنى كۈتۈۋالدى. «تۇرپان مەنزىرە رايونىدا ئېچىۋېتىش ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەندىن كېيىن، 3 - ئاينىڭ 17 - كۈنى بىز تۇنجى تۈركۈم ئۆمەكتىكى ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋالدۇق، 3 - ئاينىڭ 18 - كۈنى تۇنجى تۈركۈمدىكى ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ كەلگەن ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋالدۇق» دېدى تۇرپان تۇڭيى ساياھەت چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى لى فېڭ تونۇشتۇرۇپ.

خوتەن ۋىلايىتىنىڭ مەنزىرە رايونلىرى، مەنزىرە نۇقتىلىرىدىكى ساياھەتچىلەرنىڭ سانىمۇ تەدرىجىي كۆپەيدى. دۆلەت 3A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى خوتەن كەچلىك بازىرىدا 3 - ئاينىڭ 11 - كۈنى تىجارەت ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەندىن بۇيان، ھەر كۈنى كەچتە ساياھەتچىلەر ئېقىمى ئۈزۈلمىدى. تىجارەت ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن بەش كۈندە 20 مىڭغا يېقىن ساياھەتچى كۈتۈۋېلىندى، ساياھەتچىلىك كىرىمى 500 مىڭ يۈەنگە يېقىنلاشتى.

بىرنەچچە كۈندىن بۇيان، لوپنۇرلۇقلار كەنتى مەنزىرە رايونىدا ساياھەتچىلەر ئۈزۈلمىدى، مەنزىرە رايونىنى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ليۇ يەن ئىنتايىن ئالدىراش بولۇپ كەتتى، ئىككى كۈندە سەككىز ساياھەت كوپىراتىپىنى زىيارەت قىلىپ، ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىش ئىشلىرىنى مەسلىھەتلەشتى. «بۇ يىل، بىز كۆپ تۈرلۈك مەدەنىيەت - ساياھەت - تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈپ، كېچىلىك ساياھەت تۈرىنى كۆپەيتىمىز» دېدى ليۇ يەن.

«بىز ئۈرۈمچى شەھىرى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى ئەتراپىدا ساياھەتچىلەر كۆپ بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە قارىتا، لەگلەك بايرىمى قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ، ئەتىيازلىق ساياھەتنى جانلاندۇرىمىز.» ليۇ ۋېنيى مۇنداق دېدى: بۇ مەنزىرە رايونى يەنە ئاۋاتسىز پەسىلدىكى ئىشىك بېلىتى باھاسىنى يولغا قويۇش ۋاقتىنى يەنە بىر ئاي ئۇزارتىپ، 4 - ئاينىڭ ئاخىرىغىچە داۋاملاشتۇرىدۇ.

بۇ يىل، شىنجاڭ ساياھەتچىلىكتە كۈتۈۋېلىنىدىغان ئادەم سانىنىڭ 300 مىليون ئادەم قېتىم ئەتراپىدا بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تىرىشىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن، ھەرقايسى جايلارنىڭ ھەممىسى مەدەنىيەت - ساياھەت كەسپىنىڭ ئەسلىگە كېلىش سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، يۇقۇم كەلتۈرۈپ چىقارغان زىياننى قەتئىي تولۇقلاپ، يۇقۇم دەخلى يەتكۈزگەن ۋاقىتنى قايتۇرۇپ كەلمەكتە.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى