تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا كۆلەملىك سانائەت كارخانىلىرىنىڭ ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش نىسبىتى %99.3كە يەتتى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى ما يىنىڭنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، 3 - ئاينىڭ 18 - كۈنىگە قەدەر، پىلان بويىچە يۇقىرى پەللىدىن چەتنەپ ئىشلەپچىقىرىشتىن توختىتىلغان سېمونت كارخانىلىرى، بېتون، ئالدىن ياسالغان تاختا، پولات قۇرۇلما قاتارلىق بىناكارلىق - قۇرۇلۇش كارخانىلىرى ھەمدە ھەر يىلى پەقەت 3 -، 4 - پەسىلدىلا ئىش باشلىنىدىغان شوخلا قىيامى، ئۆرۈك مۇرابباسى، قىزىلچىدىن شېكەر ئىشلەپچىقىرىپ پىششىقلاش كارخانىلىرىنى چىقىرىۋەتكەندە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا كۆلەملىك سانائەت كارخانىلىرىنىڭ ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش نىسبىتى %99.3كە يەتكەن، ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن خادىملار نورمال ئىشلەپچىقىرىشقا كېتىدىغان ئادەم سانىنىڭ %91.2ىنى ئىگىلىگەن.

ئاپتونوم رايونلۇق سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن نازىر ئىسرائىل ئىسمائىلنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، يېقىندا، ئاپتونوم رايون يۇقۇم ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى توغرا ئىگىلەپ، كارخانىلارنىڭ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە مەدەت بېرىدىغان تۈرلۈك ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى تۈزۈپ، كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تىرانسپورتتا ساقلىنىۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلىلىرىنى ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلىپ، كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ، كارخانىلارنىڭ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە تۈرتكە بولغان.

ئىسرائىل ئىسمائىل مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايوندا ھازىر كۆلەملىك سانائەت كارخانىسىدىن 2246سى بار. ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە قاتناش - تىرانسپورت گۇرۇپپىسىدىكى باشلامچى ئورۇن بولۇش سۈپىتى بىلەن سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتى بىر تەرەپتىن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ماددىي ئەشيالىرىنى ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرى، ئېنېرگىيە ۋە ئاشلىق، ياغ، يېمەكلىك پىششىقلاش قاتارلىق خەلق تۇرمۇشى كارخانىلىرىنى نورمال ئىشلەپچىقىرىشقا ۋاقتىدا تەشكىللىدى، پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلدى؛ بىر تەرەپتىن قاتناش - تىرانسپورتنى راۋانلاشتۇرۇپ، خادىملارنىڭ شىنجاڭغا قايتىشى، ئىش ئورنىغا قايتىشىنى تېزلىتىپ، كارخانىلارنىڭ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە تۈرتكە بولدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، نېفىت، كۆمۈر، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى قاتارلىق نۇقتىلىق ساھە كارخانىلىرىنىڭ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىنى كۈچەپ چىڭ تۇتۇپ، خىمىيەۋى ئوغۇت، يېزا ئىگىلىكىدە ئىشلىتىلىدىغان سولياۋ يوپۇق، تېمىتىپ سۇغىرىش شىلانكىسى قاتارلىق يېزا ئىگىلىكى ئەشيالىرىنى ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىنى تېزلىتىپ، ئەتىيازلىق تېرىلغۇ، تېرىلغۇ تەييارلىقىنى يېتەرلىك ماددىي ئەشيا كاپالىتى بىلەن تەمىنلىدى. شىنجاڭدىكى ئالتە چوڭ نېفىتلىك ۋە تۆت چوڭ نېفىت ئايرىش زاۋۇتى يۇقۇم مەزگىلىدە ئۇدا نورمال ئىشلەپچىقىرىشنى ساقلىدى. ھازىر، خىمىيەۋى ئوغۇت ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىنىڭ ھەممىسىدە ئىشلەپچىقىرىش باشلاندى.

سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل 1 - ئايدىن 2 - ئايغىچە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ تاش كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 37 مىليون 510 مىڭ توننا بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %17.7 ئاشقان. پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ توك كۆمۈر، ئىسسىقلىق كۆمۈر بىلەن تەمىنلىشى مۇقىم، تەرتىپلىك بولغان؛ 800±، 1100± كىلوۋولتلۇق شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈشتە نورمال توك يەتكۈزۈلۈپ، 1 - ئايدىن 2 - ئايغىچە سىرتقا يەتكۈزۈلگەن توك مىقدارى 12 مىليارد 363 مىليون كىلوۋات سائەتكە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %31.2 ئاشقان. 1 - ئايدىن 2 - ئايغىچە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا جەمئىي 1 مىليون 49 مىڭ 200 توننا خىمىيەۋى ئوغۇت ئىشلەپچىقىرىلىپ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %27 ئاشقان. خىمىيەۋى ئوغۇت، يېزا ئىگىلىكىدە ئىشلىتىلىدىغان سولياۋ يوپۇق، تېمىتىپ سۇغىرىش شىلانكىسى قاتارلىق يېزا ئىگىلىكى ئەشيالىرى مەھسۇلاتلىرى پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدۇ.

يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتى 2020 - يىلىدىكى 108 نۇقتىلىق سانائەت قۇرۇلۇش تۈرى ۋە 11 نۇقتىلىق باغچە رايونى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى تۈرىنى رەتلەپ چىقتى، بۇ تۈرلەر نېفىت خىمىيە سانائىتى، كۆمۈر خىمىيە سانائىتى، يېڭى ماتېرىيال، ئىلغار جابدۇق ياسىمىچىلىقى، يېنىك سانائەت توقۇمىچىلىقى، بىيو تېببىي دورا قاتارلىق ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئاساسلىق سانائەت ساھەسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بۇ يىل 135 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىش پىلانلاندى.

«ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتى ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي ئادا قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە سانائەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەپ، كارخانىلارنىڭ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشى، مەھسۇلات كۆزلىمە نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈشىگە پۇختا تۈرتكە بولىدۇ» دېدى ئىسرائىل ئىسمائىل.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى