تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى ئاممىۋى قاتناش خاس مۇلازىمىتى كارخانىلارنىڭ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە ياردەم بەردى

   تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز سو رۇڭجى، ئىختىيارىي مۇخبىر چېن خۇي، لۇ جىنخۇي خەۋىرى، فوتوسى): ئۈرۈمچىدىكى ھەر قايسى ئاممىۋى قاتناش كارخانىلىرى بەلگىلەنگەن ئاممىۋى قاتناشنى يولغا قويۇپ، خادىملارنى بىخەتەر، قولاي سەپەرگە چىقىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدى، ئاممىۋى قاتناشنىڭ يولغا چىقىش ۋاقتى، لىنىيەسى قاتارلىقلارنى كارخانىلار بەلگىلىدى.

  3-ئاينىڭ 17-كۈنى سائەت 7 دە، ئۈرۈمچى شەھىرى بەخت شەھەر گۈللۈكى ئولتۇراق رايونى ئەتراپىدىكى ئاپتوبۇس بېكىتىنىڭ ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانىدا، شوپۇر ۋاڭ شياۋخۇا ئاپتوبۇس ئورۇندۇقى، تۇتقۇچ قاتارلىقلارنى ئەستايىدىل سۈرتتى، «ھەر كۈنى قەرەلسىز دېزىنفېكسىيەلەيمەن، بۇنداق قىلغاندا يولۇچىلارمۇ ئەنسىرىمەيدۇ.» ۋاڭ شياۋخۇانىڭ دېيىشىچە، ئۇ ھەيدەۋاتقان بەلگىلەنگەن ئاپتوبۇس جۇڭگو بىرلەشمە تور خەۋەرلىشىش چەكلىك شىركىتى ئۈرۈمچى شۆبە شىركىتىنىڭ بىر قىسىم خىزمەتچىلىرىگە مۇلازىمەت قىلىدىكەن.

  مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، نۆۋەتتە ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئاممىۋى قاتناش لىنىيەلىرى ئومۇميۈزلۈك نورمال ئەسلىگە كېلىپ، يولۇچىلار كۆرۈنەرلىك كۆپەيگەن. ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئاممىۋى قاتناش گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئاممىۋى قاتناش جېنباۋ ئاپتوبۇس چەكلىك شىركىتى بىر تەرەپتىن ئاپتوموبىللارنى دېزىنفېكسىيە قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن پائال تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، كارخانىلارنى ئېھتىياجىغا قارىتا بەلگىلەنگەن ئاممىۋى قاتناش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىگەن.

  «بەلگىلەنگەن ئاممىۋى قاتناش» دېگىنىمىز، ئاممىۋى قاتناش كارخانىلىرى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئېھتىياجىغا ئاساسەن، ئاممىۋى قاتناشنىڭ يۈرۈش ۋاقتىنى كارخانىلارنىڭ ئىش باشلاش ۋاقتىغا ئۇدۇللاپ، يۈرۈش لىنىيەسى، يۈرۈش ۋاقتى، توختاش بېكىتى، بىر كارخانىغا بىر سىياسەت بولۇش قاتارلىق خاس مۇلازىمەتلەرنى بەلگىلەپ، كارخانىلارنىڭ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش تەننەرخىنى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىتىشنى كۆرسىتىدۇ. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەزگىلىدە، خادىملارنىڭ شىركەتكە بىخەتەر، قولاي كېلىشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، نۇرغۇن شىركەتلەر ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئىشقا چىقىشى، ئىشتىن چۈشۈشى ئۈچۈن «بەلگىلەنگەن ئاممىۋى قاتناش»نى تاللىدى. نۆۋەتتە، جۇڭگو بىرلەشمە تور خەۋەرلىشىش چەكلىك شىركىتى ئۈرۈمچى شۆبە شىركىتى، ئۈرۈمچى بانكىسى، ئۈرۈمچى بېكىتى قاتارلىق 20 نەچچە كارخانا بەلگىلەنگەن ئاممىۋى قاتناشنى تاللىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • سۈرەتتىكى شىنجاڭ | چاقىلىقتىكى توغراقلار تىك قەد كۆتۈرۈپ، قۇم-بورانغا تاقابىل تۇرماقتا
  • شىنجاڭ خوتەن شۆيۈەنى يەنە 16 تولۇق كۇرس كەسپىنى ئىلتىماس قىلدى
  • شىنجاڭدىن ئىككى كىشى 2023 «جۇڭگو غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى يىللىق نامزاتى»لىقىغا كۆرسىتىلدى