تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

ئۈرۈمچى بىلەن سانجى ئارىسىدا يولۇچى توشۇش ئەسلىگە كەلدى

  تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىرىمىز ليۇ شىنشىن خەۋىرى): ئۈرۈمچى بىلەن سانجى ئارىسىدىكى يولۇچى توشۇش مۇلازىمىتى 3-ئاينىڭ 15-كۈنى ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كەلدى. 3- ئاينىڭ 14-كۈنى، مۇخبىر سانجى يولۇچى توشۇش بېكىتىگە بېرىپ، ئاپتوموبىللارنىڭ يولغا چىقىش ۋاقتى، بېلەت سېتىۋېلىش ئۇسۇلى قاتارلىق مەسىلىلەرنى ئىگىلىدى.

  ئىگىلىنىشىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىدىن سانجى شەھىرىگە قاتنايدىغان تۇنجى نۆۋەتچى ئاپتوموبىل سائەت 08:30دا، ئاخىرقى نۆۋەتچى ئاپتوموبىل سائەت 30 :19دا يولغا چىقىدىكەن؛ سانجى شەھىرىدىن ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتىغا قاتنايدىغان تۇنجى نۆۋەتچى ئاپتوموبىل سائەت 00: 10دا، ئاخىرقى نۆۋەتچى ئاپتوموبىل سائەت 30: 18دا يولغا چىقىدىكەن.

  ئۈرۈمچى-سانجى يولۇچى توشۇش شىركىتى ئىلگىرىكى «ئاۋۋال ماشىنىغا ئولتۇرۇپ ئاندىن بېلەت سېتىۋېلىش» ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتتى. يۇقۇم مەزگىلىدە، ھەقىقىي ئىسىم بىلەن بېلەت سېتىۋېلىش يولغا قويۇلدى، يولۇچىلار كىملىك قاتارلىق ئىناۋەتلىك كىنىشكىلىرىگە ئاساسەن سانجى يولۇچى توشۇش بېكىتىنىڭ بېلەت سېتىش كۆزنىكىدىن بېلەت سېتىۋالسا ياكى نەق مەيداندىكى بېلەت سېتىش ماشىنىسىدا ئېلېكترونلۇق بېلەت سېتىۋالسا بولىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، سانجى يولۇچى توشۇش بېكىتى ئۈرۈمچى-سانجى تېز يولۇچى توشۇش مەخسۇس بېلەت تەكشۈرۈش يولىنى ئېچىپ، يولۇچىلارنىڭ تېز سۈرئەتتە بېلەت تەكشۈرتۈپ ئاپتوموبىلغا چىقىشىغا قولايلىق يارىتىپ بەردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : 依明江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • 2 ئالتۇن مېدال، 2 كۈمۈش مېدال، 2 مىس مېدال
  • ئەمەلىي ئىشلەشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش | تولۇق غەيرەتكە كېلىپ ئىشقا ئاتلىنىش، ئاتاكىغا ئۆتۈپ تۇنجى ئىشنى غەلىبىلىك باشلاش
  • رەڭدار قىشلىق تەتىل