تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭ چېگرا سىرتىدىن شىنجاڭغا كەلگەن، شىنجاڭغا قايتقان خادىملارغا قارىتا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى كۈچەيتتى

شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى چېگرا سىرتىدىن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ كىرىشىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇپ، كەڭ ئاممىنىڭ تەن ساغلاملىقى ۋە ھاياتىي بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، 3 - ئاينىڭ 18 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى قوماندانلىق ئىشتابى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، چېگرا سىرتىدىن شىنجاڭغا كەلگەن، شىنجاڭغا قايتقان خادىملارغا قارىتا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشكە ئالاقىدار خىزمەتلەرنى يەنىمۇ كۈچەيتتى.

ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: 3 - ئاينىڭ 19 - كۈنى سائەت نۆلدىن باشلاپ، چېگرا سىرتىدىن شىنجاڭغا كەلگەن، شىنجاڭغا قايتقان جۇڭگو پۇقرالىرى ياكى چەت ئەل پۇقرالىرى چېگرا سىرتىدىن ئاپتونوم رايونىمىزغا بىۋاسىتە كىرگەن ياكى دۆلەت ئىچىدىكى باشقا شەھەرلەردىن ئالمىشىپ كىرگەن بولسا، چوقۇم بىرىنچى ۋاقىتتا تەشەببۇسكارلىق بىلەن ۋوگزال، ئايرودۇرۇم قاتارلىق ئورۇنلاردىكى كارانتىن خادىملىرى ۋە مەھەللە خىزمەتچىلىرىگە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى ئەينەن دوكلات قىلىشى ھەم ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش، 14 كۈن مەركەزلىك ئايرىش قاتارلىق يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ياخشى ئىشلىشىگە پائال ماسلىشىشى كېرەك، مۇناسىۋەتلىك چىقىمنى شەخس ئۈستىگە ئالىدۇ.

ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: چېگرا سىرتىدىن شىنجاڭغا كەلگەن، شىنجاڭغا قايتقان جۇڭگو پۇقرالىرى ياكى چەت ئەل پۇقرالىرىدا ئەگەر ئايرىش مەزگىلىدە مۇناسىۋەتلىك كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلسە، تېزدىن شەخسىي مۇداپىئەنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك، ھەرقايسى مەركەزلىك ئايرىش نۇقتىلىرى مەخسۇس ئاپتوموبىل بىلەن قىزىتما ئامبۇلاتورىيەسىگە ئاپىرىپ كېسەل كۆرسىتىشى، رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرتۈشى كېرەك. تەكشۈرۈش ھەققى ھەم ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى، گۇمانىي ئاغرىق مىسالىنىڭ دىياگنوز قويۇش - داۋالاش ھەققى داۋالىنىش سۇغۇرتىسى سىياسىتى بويىچە ئاتچوت قىلىنىدۇ. داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشمىغان خادىملارنىڭ داۋالىنىش ھەققىنى پىرىنسىپ جەھەتتىن ئاغرىقلارنىڭ ئۆزى ئۈستىگە ئالىدۇ.

ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلاردىكى خىزمەتچى خادىملار ئۇرۇق - تۇغقانلىرى، دوستلىرى ھەم مۇناسىۋەتلىك خادىملارنىڭ پات ئارىدا چېگرا سىرتىدىن شىنجاڭغا كېلىش، شىنجاڭغا قايتىش ئۇچۇرىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، چوقۇم بىرىنچى ۋاقىتتا ئۆزى تۇرۇشلۇق ئىدارىگە ئەھۋالنى مەلۇم قىلىشى، ئىدارە بىرىنچى ۋاقىتتا ئۇچۇرنى شۇ جايدىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تارمىقىغا مەلۇم قىلىشى كېرەك. ئۇچرىشىش تارىخى، تۇرۇش تارىخىنى يوشۇرۇپ، كېسەللىك ئەھۋالىنى يالغان مەلۇم قىلىپ ياكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرىنى ئىجرا قىلىشنى رەت قىلىپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ تارقىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ياكى تارقىلىش خەۋپىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان چېگرا سىرتىدىن شىنجاڭغا كەلگەن، شىنجاڭغا قايتقان خادىملارنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى