تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

تاماق ئۈستىلى مەدەنىيلىكى ئاممىۋى چوكىدىن باشلىنىدۇ

يۆ يەنيۈن

«شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ 3 - ئاينىڭ 17 - كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى بىر ئاشخانا ئۆزگەرتىش قىلغان: ھەربىر ئۈستەلگە قورۇما قىسقۇچى، ئاممىۋى قوشۇق ۋە بىر جۈپ ئاممىۋى چوكا قويۇپ، خېرىدارلارغا ئاممىۋى تاماق بۇيۇملىرىنى ئىشلىتىپ تاماق ئېلىشنى ئەسكەرتكەن. ئاشخانا ئاممىۋى چوكا، ئاممىۋى قوشۇق بىلەن تەمىنلىگەن، خېرىدارلار ئاڭلىق ئىشلەتكەن، بۇنداق تۇرمۇش ئۇسۇلى مەيلى يۇقۇم مەزگىلىدە ياكى يۇقۇم ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن بولسۇن، زور كۈچ بىلەن تەشەببۇس قىلىشقا ئەرزىيدۇ. ئاممىۋى چوكا، ئاممىۋى قوشۇقنى ئىشلىتىش - ئىشلەتمەسلىك كىچىك ئىشتەك كۆرۈنگەن بىلەن، ئەمما ساغلام، مەدەنىي تۇرمۇش قارىشىنى يەتكۈزىدۇ، كۆپچىلىككە ئايان، ئۆز چوكىسىنى ئىشلىتىپ ئاممىۋى قاچا - قۇچىلاردىن تاماق ئېلىش، ئۇرۇق - تۇغقان، دوست - بۇرادەرلەر ئۆزئارا قورۇما ئېلىپ بېرىش بىر خىل ساغلام بولمىغان ئادەت. تەكشۈرۈشتىن بايقىلىشىچە، بۇ قېتىمقى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىدا، نۇرغۇن يۇقۇملانغۇچى ئوپچە غىزالىنىش ياكى قويۇق ئۇچرىشىشتىن يۇقۇملانغان.

ئاممىۋى چوكا ۋە ئاممىۋى قوشۇقنى ئىشلىتىش ھەربىرىمىزنىڭ ساغلاملىقىغا مۇناسىۋەتلىك بولۇپلا قالماي، يەنە جەمئىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ تەرەققىيات قەدىمىنى نامايان قىلىدۇ. جەمئىيەت، ئىقتىسادنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، بىزنىڭ خىزمەتداشلار، دوستلار، خېرىدارلار، ھەتتا تۇنجى كۆرۈشكەن كىشىلەر بىلەن بىللە غىزالىنىش پۇرسىتىمىز بارغانسېرى كۆپەيمەكتە، نۇرغۇن ۋاقىتتا، بىر - بىرىمىزنىڭ ساغلاملىق ئەھۋالىمىزنى ئۆزئارا بىلىپ كەتمەيمىز، ئاڭلىق ھالدا ئاممىۋى چوكا ئىشلىتىش بىر - بىرىمىزنى خاتىرجەم قىلىدۇ، شۇنداقلا بىللە ئولتۇرغان ھەممەيلەن ئۈچۈنمۇ بىر ھۆرمەت.

مەدەنىيلىك چوكا ۋە قوشۇقتا ئىپادىلىنىدۇ. بىز ھازىردىن باشلاپ، ھەممىمىز ئەمەلىيىتىمىزدە كۆرسىتىپ، ھەربىرىمىز ئۆزىمىز ئۈلگە بولۇپ، ئاممىۋى چوكا ئىشلىتىشتىن باشلاپ، تاماق ئۈستىلى مەدەنىيلىكىنى يېتىلدۈرەيلى.

(«سۆز ھەممىگە» ئىستونىغا ماقالە ئەۋەتىش خەت ساندۇقى: xjrbplb@126.com)

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合曼

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • 2 ئالتۇن مېدال، 2 كۈمۈش مېدال، 2 مىس مېدال
  • ئەمەلىي ئىشلەشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش | تولۇق غەيرەتكە كېلىپ ئىشقا ئاتلىنىش، ئاتاكىغا ئۆتۈپ تۇنجى ئىشنى غەلىبىلىك باشلاش
  • رەڭدار قىشلىق تەتىل