شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى. «ئاپتونوم رايون ۋە ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ئالاقىدار سىياسەتلىرىنىڭ ياردىمىدە، ئاپتونوم رايوندىكى 26 زەنجىرسىمان دۇكىنىمىزنىڭ تىجارىتى ئەسلىگە كەلدى. بىز يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش شەرتى ئاستىدا، يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىپ، سېتىشنى تېزلىتىش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق نورمال تىجارەتنى ئەسلىگە كەلتۈرىمىز. » دېدى شىنجاڭ ماشى يېمەك - ئىچمەك زەنجىرسىمان چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى گاۋ شياۋچۈەن.
ئاپتونوم رايونلۇق بازارنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىدارىسى، ئالاقىدار ئورۇنلار يېمەكلىك كارخانىلىرىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش، ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، تىجارەت قىلىش جەريانىدا دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىق ۋە مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشىغا پائال ياردەم بەردى. ھازىر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى سودا ساراي، يېمەك - ئىچمەك، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرى قاتارلىقلار ئاساسىي جەھەتتىن تىجارەت باشلاپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىنىڭ %90ى ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈردى .
« يېمەكلىك كارخانىلىرىنىڭ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كەلتۈرۈشىنى قوللاش ئۈچۈن، بىز يېمەكلىك بىخەتەرلىكى مۇلازىمەت ئەترىتى قۇرۇپ، يېمەكلىك تىجارىتى ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرى، چوڭ تىپتىكى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرى، تاللا بازىرى قاتارلىقلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ياردەم بېرىش، يۆلەش مۇلازىمىتى ئېلىپ بېرىپ، ھەربىر كارخانا ئوتتۇرىغا قويغان ئوخشاش بولمىغان مەسىلىلەرگە قارىتا، بىر كارخانىغا بىر سىياسەت قوللىنىپ، كارخانىلارنىڭ مەسىلىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىشنى تېزدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە ياردەم بەردۇق.» ئاپتونوم رايونلۇق بازارنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى جەي شاۋيۇڭ مۇنداق دېدى: «بىز يەنە ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى تەسىر كۈچى بار يېمەكلىك كارخانىلىرى بىلەن سۆھبەتلىشىپ، بازارنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش جەھەتتىكى مەسىلىلەرنى تور ئىچى ۋە سىرتىدا تېزدىن ھەل قىلىپ، كارخانىلارنى ئەڭ ئەلا مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىدۇق. »
كارخانىلارنىڭ ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتىكى مەبلەغ يېتىشمەسلىك مەسىلىسىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، ئۈرۈمچى شەھەرلىك يېمەك - ئىچمەك مۇلازىمەت كەسپى جەمئىيىتى شىنجاڭ تىيانشان يېزا سودا بانكىسى بىلەن ھەمكارلىق كېلىشىمى ھاسىل قىلىپ، مىكرو كارخانىلارنى تۆۋەن ئۆسۈملۈك قەرز پۇل بىلەن تەمىنلىدى، ھازىر بەزى كارخانىلار قەرز پۇل ئارقىلىق ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى تېز ئەسلىگە كەلتۈردى .
يۇقۇمنىڭ شىنجاڭدىكى يېمەكلىك كارخانىلىرىغا ئېلىپ كەلگەن تەسىرىگە قارىتا، مېيتۈەن زاكاس قىلىش سۇپىسىمۇ ياردەم بېرىش تەدبىرلىرىنى قوللاندى، يىللىق ھەقنى ئۇزارتىش، ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش «ئېقىم مىقدارى قىزىل بولىقى»نى يولغا قويۇش، «سودىدىكى ھەمراھلارنىڭ شېرىنكانە قايتۇرۇش پىلانى»نى قوزغىتىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، كارخانىلارنى دەل جايىدا، ئۈنۈملۈك يۆلەش، قوللاش بىلەن تەمىنلىدى. بۇنىڭدىن باشقا، مېيتۈەن داشۆسى 1500دىن ئارتۇق ھەقسىز نادىر دەرسلىك تەسىس قىلىپ، تىجارەتچىلەرنىڭ تىجارەت بىلىملىرىنى ئۆگىنىشىگە ياردەم بېرىپ، تىجارەتچىلەرنىڭ بالدۇرراق ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە ياردەم بەردى .
« بىز يېمەكلىك كارخانىلىرىنىڭ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە ياردەم بېرىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى جەھەتتىكى يېتەكچىلىك ۋە نازارەت قىلىش-باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، كارخانىلارنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكى قانۇنى ۋە كارخانىنىڭ سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىشلەپچىقىرىپ ساتقان يېمەكلىكلەرنىڭ سۈپىتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى ياخشى ئىشلەپ، ئاممىنىڭ تۇرمۇشىنى تېخىمۇ مول، ساغلام يېمەكلىكلەر بىلەن تەمىنلەپ، ئاممىنىڭ ساغلام، بىخەتەر، خاتىرجەم ئىستىمال قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشغا ھەيدەكچىلىك قىلدۇق » دېدى جەي شاۋيۇڭ.