تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

ئونسۇ ناھىيەسى: ئوقۇش باشلانغان تۇنجى سائەتلىك دەرستە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەربىيەسى مۇھىم نۇقتا

  تىيانشان تورى خەۋىرى(ئىختىيارىي مۇخبىر جاڭ جۈنسېن خەۋىرى، فوتوسى): 3-ئاينىڭ 16-كۈنى، شىنجاڭ ئاقسۇ ۋىلايىتى ئونسۇ ناھىيەسىدىكى تولۇقسىز ئوتتۇرا 3-يىللىق، تولۇق ئوتتۇرا 3-يىللىقنىڭ 5160 نەپەر ئوقۇغۇچىسى تۇنجى تۈركۈمدە ئوقۇش باشلاپ، ئوقۇتۇش ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى. مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇ-ئوقۇتۇش خىزمىتىنىڭ بىخەتەر، ئوڭۇشلۇق قانات يايدۇرۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ناھىيە بويىچە 15 مەكتەپ كۆڭۈل قويۇپ پىلانلاپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇشنى ئوقۇش باشلانغان تۇنجى سائەتلىك دەرس قىلىپ بېكىتىپ، كۆپ خىل شەكىلدە ساغلاملىق تەربىيەسىنى كۈچەيتتى.

  شۇ كۈنى، ئونسۇ ناھىيەلىك 4-ئوتتۇرا مەكتەپ 9-يىللىق 7-سىنىپىنىڭ ئوقۇش باشلانغان تۇنجى سائەتلىك دەرسىدە، ئوقۇتقۇچى دەرسلىك ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارغا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇردى. ئوقۇتقۇچى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى دېگەن نېمە، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنىڭ ئالاھىدىلىكى، تارقىلىش يولى، بىماردىكى كىلىنىكىلىق ئىپادىلەر، قانداق قىلغاندا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ياخشى ئىشلىگىلى بولىدۇ، قاتارلىق ساۋاتلارنى تەپسىلىي چۈشەندۈردى ھەمدە ماسكىنى توغرا تاقاش ئۇسۇلى ۋە ئىلمىي ئۇسۇلدا قول يۇيۇش قاتارلىق جەھەتلەردە ئۈلگە كۆرسەتتى.

  ئىگىلىنىشىچە، ئوقۇتۇشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش تەييارلىق خىزمىتىنى ئەستايىدىل ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، ئونسۇ ناھىيەسى تولۇقسىز ئوتتۇرا 3-يىللىق، تولۇق ئوتتۇرا 3-يىللىقلاردا ئوقۇش باشلاشنى مۇددەتتىن بۇرۇن پىلانلاپ، ئىلمىي ئورۇنلاشتۇرۇپ، دەرسخانىدا ئوقۇغۇچىلارغا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش بىلىملىرىنى ئۆگەتكەندىن سىرت، ھەرقايسى مەكتەپلەر يەنە مەكتەپ رادىيوسى، تەشۋىقات تاختىسى، قارا دوسكا گېزىتى قاتارلىق ئۇسۇللاردىن تولۇق پايدىلىنىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش بىلىملىرىنى تەشۋىق قىلغان ھەمدە مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارغا ساغلاملىق تەربىيەسى ۋە پىسخىكا جەھەتتىن يېتەكلەشنى قانات يايدۇرغان، ئوقۇغۇچىلارنى ماسكا تاقاش، ئۆي ئىچى ھاۋاسىنى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىش، شەخسىي تازىلىققا دىققەت قىلىش، ئالاقزادە بولۇش روھىي ھالىتىنى تۈگىتىشكە ئەسكەرتىپ، ئوقۇتۇشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمىتىنىڭ مۇقىم، تەرتىپلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى