تىيانشان تورى خەۋىرى: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ ئەڭ يېڭى ئۇقتۇرۇشى: 3-ئاينىڭ 18-كۈنى سائەت 00:00دىن 24:00كىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى(شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)دا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى دەپ ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى يېڭىدىن كۆپەيمىدى، ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى ئۇدا 30 كۈن كۆپەيمىدى.
3-ئاينىڭ 18-كۈنى سائەت 24:00كىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى(شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى دەپ ئېنىق دىياگنور قويۇلغان ئاغرىق مىسالىدىن جەمئىي 76نى دوكلات قىلدى، جەمئىي 73 ئاغرىق مىسالى ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىقتى، ئۈچ بىمار قازا قىلدى. ھازىر يەنە 27 ئادەم تېببىي كۆزىتىشنى قوبۇل قىلىۋاتىدۇ.