تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىرىشگۈل ئېچىلدى، قەھرىمانلار قايتىپ كەلدى! «ئەڭ گۈزەل قارشى يۆنىلىشتە يۈرگۈچىلەر» ئالاھىدە ئايروپىلانغا چىقىش تاختىسىنى تاپشۇرۇۋالدى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرلىرىمىز جاڭ ۋەندې، جوڭ جاۋفېڭ، ئىختىيارىي مۇخبىرلار جاڭ ۋېنلىڭ، لى سىسى خەۋىرى، فوتوسى): شىرىشگۈل «قارشى يۆنىلىشتە يۈرگۈچى قار-مۇز»نىڭ قەيسەرلىك بىلەن ئېچىلىدىغان مەزگىلىدە، بىز «ئەڭ گۈزەل قارشى يۆنىلىشتە يۈرگۈچى» قەھرىمانلارنىڭ قايتىپ كېلىشىنى كۈتۈۋالدۇق. 3- ئاينىڭ 17- كۈنى سائەت 20:45 لەردە، شىنجاڭ (بىڭتۇەننىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)نىڭ خۇبېيغا ياردەم بېرىش داۋالاش ئەترىتىنىڭ 176 نەپەر ئەزاسى جەنۇب ئاۋىياتسىيەسىنىڭ CZ5242 نۆۋەتچى ئايروپىلانىغا ئولتۇرۇپ ۋۇخەندىن ئۇچۇپ ئۈرۈمچى دىۋوپو خەلقئارا ئايروپورتىغا يېتىپ كەلدى. شىرىشگۈل ئېچىلدى، قەھرىمانلار قايتىپ كەلدى. ھېلىمۇ ياخشى سىز بولغاچقا، يۇرت-ماكان تىنچ –ئامان تۇرماقتا. ئۆيگە قايتىپ كەلگىنىڭىزنى قارشى ئالىمىز، ھاياتلىقنى قوغدىغان «يۇقۇم»غا قارشى ھەربىر قەھرىمانغا ئېھتىرام بىلدۈرىمىز! خۇبېيغا ياردەم بەرگەن داۋالاش ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى ئۈچۈن ئالاھىدە ياسالغان ئايروپىلانغا چىقىش تاختىسىغا چوڭقۇر مىنەتتدارلىق ھېسسىياتى مۇجەسسەملەنگەنىدى. (سۈرەتنى جەنۇب ئاۋاتسىيەسى خۇبېي شۆبە شىركىتى تەمىنلىگەن.)

ئايروپورتقا يېتىپ كەلگەن تېببىي خادىملار كۆپچىلىككە قول ئىشارىسى بىلەن ئېھتىرام بىلدۈرمەكتە.

  3- ئاينىڭ 17- كۈنى، جەنۇب ئاۋىياتسىيەسىنىڭ خۇبېي يەر يۈزى خىزمەتچىلىرى شىنجاڭنىڭ داۋالاش ئەترىتىنى ئۇزىتىپ قويماقتا. (ئىختىيارىي مۇخبىر جاڭ ۋېنلىڭ فوتوسى)

  ئايروپورتقا ئەمدىلا يېتىپ كەلگەن تېببىي خادىملار كوللېكتىپ خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.

  3- ئاينىڭ 17- كۈنى، شىنجاڭنىڭ خۇبېيغا ياردەم بېرىش داۋالاش ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى ئولتۇرغان نۆۋەتچى ئايروپىلان ۋۇخەندىن يولغا چىقتى.

  تېببىي خادىملار ۋۇخەن تيەنخې خەلقئارا ئايروپورتىدا ئايروپىلانغا چىقماقتا.

  جەنۇب ئاۋىياتسىيەسىنىڭ ئايروپىلان خادىملىرى تېببىي خادىملار بىلەن ئايروپىلاندا خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى. (ئىختىيارىي مۇخبىر لى سىسى فوتوسى)

  بۇ خۇبېيغا ياردەم بەرگەن داۋالاش ئەترىتىنىڭ ئەزالىرىغا ئالاھىدە ياسالغان ئايروپىلانغا چىقىش تاختىسى ____ «نۆۋەتچى ئايروپىلان: غالىبىيەت ناملىق، بۆلمە ئورنى: ئوردېن بۆلمىسى؛ بارىدىغان جاي: گۈزەل يۇرت»، بۇنىڭغا چوڭقۇر مىننەتدارلىق ھېسسىياتى مۇجەسسەملەنگەن. (سۈرەتنى جەنۇب ئاۋاتسىيەسى خۇبېي شۆبە شىركىتى تەمىنلىگەن.)

  3- ئاينىڭ 17- كۈنى سائەت 20:45 لەردە، نۆۋەتچى ئايروپىلان ئۈرۈمچى دىۋوپو خەلقئارا ئايروپورتىغا يېتىپ كەلدى.

  خىزمەتچى خادىم «سىلەر جاپا چەكتىڭلار، ئۆيگە قايتىشىڭلارنى قارشى ئالىمىز» دېگەن كۈتۈۋېلىش تاختىسى كۆتۈرۈپ ئايروپورتقا يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرغان داۋالاش ئەترىتى ئەزالىرىنى ساقلىماقتا.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • سۈرەتتىكى شىنجاڭ | چاقىلىقتىكى توغراقلار تىك قەد كۆتۈرۈپ، قۇم-بورانغا تاقابىل تۇرماقتا
  • شىنجاڭ خوتەن شۆيۈەنى يەنە 16 تولۇق كۇرس كەسپىنى ئىلتىماس قىلدى
  • شىنجاڭدىن ئىككى كىشى 2023 «جۇڭگو غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى يىللىق نامزاتى»لىقىغا كۆرسىتىلدى