
تىيانشان تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىر يەن شوۋلىن خەۋىرى، فوتوسى): 3- ئاينىڭ 17- كۈنى، ئونسۇ ناھىيەلىك مائارىپ پەن-تېخنىكا ئىدارىسى مېھىر-شەپقەت كارخانىلىرىنىڭ ماددىي ئەشيا ئىئانە قىلىپ، ئوقۇشقا ياردەم بېرىش مۇراسىمىنى ئۆتكۈزگەن بولۇپ، مېھىر-شەپقەت كارخانىلىرىنىڭ مەسئۇللىرى مەكتەپ ۋەكىللىرىگە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ماددىي ئەشيالىرىنى تارقىتىپ بەردى. شۇ كۈنى، بەش مېھىر-شەپقەت كارخانىسى ئونسۇ ناھىيەسىدىكى ھەرقايسى مەكتەپلەرگە 200 مىڭ يۈەن قىممىتىدىكى ماسكا، دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقى، پۈركۈگۈچ قاتارلىق يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ماددىي ئەشيالىرىنى ئىئانە قىلىپ، بۇ ناھىيەدىكى ھەرقايسى مەكتەپلەرنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، تەرتىپلىك ئوقۇش باشلاپ، دەرسنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلىدى.