تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

نارات مەنزىرە رايونىدا تىجارەت ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى، بېلەتتە ئېتىبار بېرىش سالمىقى چوڭ بولدى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز خەن شاشا خەۋىرى): 3-ئاينىڭ 15-كۈنى، مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى كۈنەس ناھىيەسىدىكى نارات مەنزىرە رايونىدىن ئىگىلىشىچە، دۆلەت مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى بېسىپ تارقاتقان «ساياھەت مەنزىرە رايونىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ئېچىۋېتىشتىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرى قوللانمىسى»غا ئاساسەن، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، نارات ساياھەت مەنزىرە رايونى 3-ئاينىڭ 13-كۈنى ئېچىۋېتىلىپ، ھازىر تەرتىپلىك ھالدا ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋېلىۋېتىپتۇ. مەنزىرە رايونى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەزگىلىدە ھەر كۈنى سائەت 10دىن 19غىچە ئېچىلىدىكەن، ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن تىجارەت دائىرىسى پەقەت دەريا ۋادىسىدىكى ئوتلاق لىنىيەسىلا بولۇپ، مەنزىرە رايونىدىكى يېپىق سورۇنلار ۋاقتىنچە ئېچىلمايدىكەن. ئېچىۋېتىلگەن مەنزىرە نۇقتىلىرىدىن يەنە كۈنەس ناھىيەسى تۇرگۇن يېزىسىدىكى ئۆرۈك چېچىكى جىلغىسى بار ئىكەن.

  مۇخبىر نارات مەنزىرە رايونىدا خىزمەتچى خادىملارنىڭ مىكروب ئۆلتۈرۈش خىزمىتىنى ئالدىراش، تەرتىپلىك ئىشلەۋاتقانلىقىنى كۆردى، مەنزىرە رايونىغا كەلگەن ساياھەتچىلەر كۆپ ئەمەس، ھەر بىر ئادەمنىڭ ئارىلىقى 1.5 مېتىر بولۇپ، تەرتىپلىك رەتكە تىزىلىپ ئاپتوموبىلغا چىقىۋاتاتتى.

  نارات مەنزىرە رايونىنى باشقۇرۇش كومىتېتى تىجارەتنى باشقۇرۇش بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى ۋاڭ سۇۋېن مۇنداق دېدى: «3-ئاينىڭ 13-كۈنى نارات مەنزىرە رايونى ئېچىۋېتىلگەندىن كېيىن، ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرى قوللانمىسىدىكى ئالاقىدار تەلەپلەرگە ئاساسەن، ساياھەتچىلەردىن مەنزىرە رايونىغا كىرگەندە ئالدى بىلەن بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەشنى، بېلەت سېتىش زالىغا كىرگەندىن كېيىن ئۆزئارا 1.5 مېتىر ئارىلىق ساقلاشنى تەلەپ قىلدۇق، بىزمۇ 30 كىشىلىك ئاپتوموبىلنى 15 ئادەم ئولتۇرۇشقا ئۆزگەرتتۇق. ھەر بىر ئاپتوموبىل يولغا چىقىشتىن بۇرۇن، بىز مىكروب ئۆلتۈرۈش خىزمىتىنى ئىشلىدۇق. ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرى قوللانمىسىدىكى ئالاقىدار تەلەپلەر بويىچە، نۆۋەتتە، مەنزىرە رايونى ھەر كۈنى كۈتۈۋالىدىغان ساياھەتچىنى 3000دىن ئاشۇرۇۋەتمىدۇق، كېيىنكى مەزگىلدىكى ساياھەتچىلەرنىڭ سانى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋەزىيىتىگە ئاساسەن تەڭشىلىدۇ.»

  كەڭ ساياھەتچىلەرنىڭ بېلەت سېتىۋېلىشىغا قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن، نارات مەنزىرە رايونى توردا ھەقىقىي ئىسىم بىلەن بېلەت زاكاز قىلىشنى يولغا قويغان بولۇپ، ساياھەتچىلەر شيېچېڭ، مېيتۈەن قاتارلىق OTA سۇپىلىرى، شىيۈ ساياھەت تورى قاتارلىق سۇپىلار ئارقىلىق ھەقىقىي ئىسمى بىلەن بېلەت زاكاز قىلسا بولىدىكەن، نەق مەيداندا ئىككىلىك كود ۋە ئاپتوماتىك بېلەت سېتىش ماشىنىسى ئارقىلىق بېلەت سېتىۋالسىمۇ بولىدىكەن.

ئىلى گېزىتىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى