3-ئاينىڭ 18-كۈنى، لوپ ناھىيەسىدىكى بېيجىڭ سانائەت باغچە رايونىدا، ئىشچىلار خوتەن جويۆ چاچ بۇيۇملىرى چەكلىك شىركىتىنىڭ زاۋۇت بىناسىدا ئىشلىمەكتە.
شىنخۇا تورى خەۋىرى: يېقىندا، شىنجاڭ خوتەن ۋىلايىتى لوپ ناھىيەسى بېيجىڭ سانائەت باغچە رايونىدىكى چاچ بۇيۇملىرى ئىشلەپچىقىرىدىغان نۇرغۇن كارخانىلار ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، پۈتۈن كۈچىنى ئىشقا سېلىپ زاكاز تالونىنى تاماملىدى. نۆۋەتتە، باغچە رايونىدىكى 21 كارخانا چاچ بۇيۇملىرى ياسىمىچىلىقى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 19 كارخانا ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈردى. ھازىرغىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كۆلەمدىن يۇقىرى كارخانىلارنىڭ قايتا ئىش باشلاش نىسبىتى %90تىن ئاشتى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جاۋ گې فوتوسى
3-ئاينىڭ 18-كۈنى، لوپ ناھىيەسىدىكى بېيجىڭ سانائەت باغچە رايونىدا، ئىشچىلار شىنجاڭ ماكايا يالغان چاچ ياساش چەكلىك شىركىتىدە خىزمەت قىلماقتا.