تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

قارشى يۆنىلىشتە ماڭغان پەرىشتىلەر ئۆيىگە قايتىپ كەلدى

− شىنجاڭنىڭ خۇبېيغا ياردەم بېرىش داۋالاش ئەترىتىدىكى تۇنجى تۈركۈم ئەترەت ئەزالىرىنىڭ شىنجاڭغا قايتقانلىقى توغرىسىدا تېز يازما

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى چاۋ جىن، جاڭ يەنفاڭ

3 - ئاينىڭ 17 - كۈنى، داۋالاش ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى يۇرتىدىكى قېرىنداشلىرىغا قول ئىشارىسى قىلماقتا. شۇ كۈنى، شىنجاڭنىڭ خۇبېيغا ياردەم بېرىش داۋالاش ئەترىتىنىڭ تۇنجى تۈركۈم ئەترەت ئەزالىرى يۇرتىغا قايتىپ كەلدى.

(شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى خەن لياڭ فوتوسى)

«شىنجاڭ، بىز قايتىپ كەلدۇق!» 3 - ئاينىڭ 17 - كۈنى سائەت 20دىن 45 مىنۇت ئۆتكەندە، مېڭخۇەن ناملىق بوئېئىڭ 787 ئايروپىلانى ئۈرۈمچى دىۋوپۇ خەلقئارا ئايروپورتىغا قوندى، شىنجاڭنىڭ 2 - تۈركۈمدە خۇبېيغا ياردەم بېرىش داۋالاش ئەترىتىدىكى 102 ئاق خالاتلىق جەڭچى ئامان - ئېسەن قايتىپ كەلدى، ئۇلار قوللىرىنى پۇلاڭلىتىپ زەپەر قۇچۇپ قايتىپ كەلگەنلىكىگە تەنتەنە قىلىشتى.

بەش ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرنىڭ كۆپلىگەن داۋالاش ئاپپاراتلىرىدىكى پەرۋىش خادىملىرىدىن تەشكىللەنگەن بۇ داۋالاش ئەترىتى 2 - ئاينىڭ 4 - كۈنى بۇ جايدىن ۋۇخەنگە ياردەم بېرىشكە ئاتلانغانىدى. ئۇلار ۋۇخەن مەدەنىيەت يىغىن - كۆرگەزمە مەركىزىدىكى فاڭساڭ دوختۇرخانىسىدا 30 كېچە - كۈندۈز جاسارەت بىلەن جەڭ قىلىپ، كۆڭۈل قويۇپ مۇلازىمەت قىلىش، تۈجۈپىلەپ پەرۋىش قىلىش ئارقىلىق 254 ئاغرىقنى داۋالاپ ساقايتىپ، ئاغرىقلارنىڭ «بىرىمۇ ئۆلمەسلىك، بىرىمۇ يۇقۇملانماسلىق، بىرىمۇ قايتا ئاغرىماسلىق، بىرمۇ ھادىسە چىقماسلىق، بىرمۇ ئەرز - شىكايەت بولماسلىق»تەك خىزمەت نىشانىنى ئىشقا ئاشۇردى.

«دادا، ئاپا، مەن قايتىپ كەلدىم، بىز تېزلا كۆرۈشەلەيمىز.» داۋالاش ئەترىتىدىكى ئەڭ ياش ئەر سېسترا كامىلجان ئالىم قولىنى پۇلاڭلىتىپ تۇرۇپ: «خۇبېيغا ياردەم بېرىش ھاياتىمدىكى ئەڭ ئۇنتۇلغۇسىز ئىش، ئوغلۇڭلار سىلەرنى ئۈمىدسىزلەندۈرمىدى، مەن بىر ھەقىقىي ئەركەك بولۇپ ئۆسۈپ يېتىلدىم!» دەپ توۋلىدى.

«ۋۇخەنگە بارغاندا، مەن ئۆيگە قايتقان ۋاقتىم ئەڭ خۇشال بولغان ۋاقتىم بولىدۇ، دەپ ئويلىغانىدىم، لېكىن راستىنلا ئايرىلىدىغان چاغدا، نۇرغۇن نەرسىلەرگە قىيالماي قالدىم.» ئەترەت ئەزاسى باھارگۈل بۈدەش خوشلىشىدىغان چاغدا ۋۇخەن خەلقىنىڭ ئۆزلۈكىدىن تەشكىللىنىپ، بايراق كۆتۈرۈپ داۋالاش ئەترىتىنى ئۇزاتقىلى كەلگەنلىكىنى ئۇنتۇيالمايدۇ، فاڭساڭ دوختۇرخانىسىدا باشقا ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ داۋالاش ئەترەتلىرى بىلەن مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ جەڭ قىلغاندىكى ھاياجانلىق ھېسسىياتىنى ئۇنتۇيالمايدۇ، ئاغرىقلارنىڭ ئاشۇ سەمىمىيلىك بىلەن ئېيتقان رەھمەت سۆزلىرىنى تېخىمۇ ئۇنتۇيالمايدۇ. «مەن ياد ئېتىۋاتقان ئاشۇ كىشىلەرنىڭ سالامەتلىكىنىڭ بالدۇرراق ئەسلىگە كېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن، بىز شىنجاڭدا كۆرۈشۈشكە كېلىشىپ قويدۇق، بۇ كۈننىڭ يىراق ئەمەسلىكىگە ئىشىنىمەن» دېدى باھارگۈل.

«ئاپا، مەن ئۈرۈمچىگە كەلدىم، بۇ مەزگىلدە جاپا تارتتىڭىز. مەن سىلەرنىڭ نەزەرىڭلاردىكى بەڭباش <90 - يىللاردا تۇغۇلغان>لاردىن ئەمەس، مەنمۇ چوڭ بولدۇم.» ئەترەت ئەزاسى جاڭ شىن ئايروپىلاندىن چۈشۈپلا ئانىسى بىلەن تېلېفوندا سىنلىق كۆرۈشتى.

«ئاپا، يۇقۇم ئاخىرلاشقاندا، مەن سىزنى خۇبېيغا مومام، بوۋامنى يوقلاپ كېلىشكە ئاپىرىمەن، بىز بىللە رېگەنميەن يەيمىز...» «90 - يىللاردا تۇغۇلغان» پارتىيە ئەزاسى خەن لىن قولىدا كىچىك سوۋغات قۇتىسى كۆتۈرۈۋالغانىدى، «بۇ ۋۇخەننىڭ ئۆردەك بوينى قاتارلىق ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرى، ئالغاچ كېتىپ ئېرىم ۋە ئاپامغا بېرىمەن.» خەن لىن مۇنداق دېدى: «بۈگۈن بالام سەككىز ئاي ئون كۈنلۈك بولدى، ئېرىم ۋە ئاپامنىڭ بالامغا شۇنچىلىك ئوبدان قارىغانلىقىغا رەھمەت».

مۇخبىرنىڭ ئېسىدە قېلىشىچە، 2 - ئاينىڭ 4 - كۈنى ئايرودۇرۇمغا ئۇزاتقىلى كەلگەندە، خەن لىننىڭ چىرايلىق ئۇزۇن چېچى بار ئىدى، قايتا كۆرۈشكەندە ئۇنىڭ چېچىنى ئىنتايىن قىسقا قىلىپ ئالدۇرۇۋەتكەنلىكىنى كۆردى، ئۇ بېشىنى سىيلاپ تۇرۇپ بىمالال ھالدا: «ئېرىم ھازىرقى قىياپىتىمنى ئەڭ گۈزەل ھېس قىلىدىكەن!» دېدى.

«بىزنىڭ بۇ پەرۋىش كوللېكتىپىمىز ماڭىدىغان چاغدا، مەن ئۇلارنى ئامان - ئېسەن ئۆيىگە قايتۇرۇپ كېلىمەن دېگەنىدىم. مەن قىلالىدىم!» شىنجاڭنىڭ 2 - تۈركۈمدە خۇبېيغا ياردەم بېرىش داۋالاش ئەترىتىنىڭ يېتەكچىسى چېن خۇينىڭ كۆزلىرىدىن بەخت ياشلىرى تاراملاپ تۆكۈلدى.

ئايروپىلان كۈتۈشكە چىققان مۇخبىرلارنىڭ ئالقىش سادالىرى ئىچىدە، داۋالاش ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى ئاپتوبۇسقا چىقىپ، مېھمانخانىدا ئارام ئېلىش ئۈچۈن يۈرۈپ كەتتى.

خەن لىن ياتاققا كىرىپ چامادانىدىن قەدىرلەپ ساقلاۋاتقان ئىككى پارچە ئايروپىلان بېلىتىنى ئالدى. 2 - ئاينىڭ 4 - كۈنىدىكى ئايروپىلان بېلىتىنىڭ ئۈستىدە: «قەھرىمانلارغا ھۆرمەت، سىلەر قىيىنچىلىقتا قالغانلارغا ياردەم بېرىپ، قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلدۇردۇڭلار، تېببىي خادىملارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلدىڭلار» دېگەن خەتلەر بار ئىدى، 3 - ئاينىڭ 17 - كۈنىنىڭ ئايروپىلان بېلىتىدىكى ئۇچۇرلار تېخىمۇ ئۆزگىچە ئىدى: «نۆۋەتچى ئايروپىلان: غالىبىيەت ناملىق، مەنزىل: گۈزەل يۇرت، ۋاقتى: يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشتا غەلىبە قىلغان كۈن، ئايروپىلانغا چىقىش ئېغىزى: زەپەر دەرۋازىسى، ئورنى: vvip» بېلەتنىڭ ئارقا تەرىپىدىكى يىڭخۇا گۈلى پورەكلەپ ئېچىلغان مەنزىرە سۈرىتىگە دوختۇر بىلەن ئاغرىقنىڭ بىرلىكتە قولى بىلەن مېھىر - مۇھەببەتلىك يۈرەك شەكلىنى چىقىرىپ تۇرغان سۈرىتى كىرىشتۈرۈلگەن بولۇپ، ئۈستىگە: سىز بولغاچ باھار تېخىمۇ نۇرلۇق، سىز بولغاچ خۇبېي تېخىمۇ گۈزەل، دەپ يېزىلغانىدى.

خەن لىن ئۈندىدار دوستلار چەمبىرىكىنى كۆردى. «لېي لېي ھەدە 1014» يېڭى ھەرىكەتلىك ئۇچۇر يوللىغانىدى: «شىنجاڭلىق تېببىي خادىملار ئۆيىگە قايتتى، يىغلاپ كۆزلىرىمىزمۇ ئىششىپ كەتتى.» خەن لىننىڭ ئېيتىشىچە، لېي لېي ھەدە ئۇ ھالىدىن خەۋەر ئالغان 1014 - كارىۋاتتا ياتقان ئاغرىق ئىكەن، ھازىر خوشېنشەن دوختۇرخانىسىغا يۆتكىلىپتۇ. «بىز شىنجاڭغا قايتىپ كەلدۇق، بىزنى ھەر ۋاقىت ياد ئېتىپ تۇرغىنىڭىزغا رەھمەت. سىزمۇ مېنىڭ ۋۇخەندىكى ياد ئېتىدىغان ئادىمىم، دوختۇرخانىدىن چىققان چاغدا چوقۇم يىراق شىنجاڭدىكى مېنىڭدەك تۇغقىنىڭىزغا ئېيتىپ قويۇڭ» دەپ ئۇچۇر يوللىدى خەن لىن. «بولىدۇ، چوقۇم سىزگە ئېيتىمەن، كۆپچىلىككە ئېيتىمەن. قايتقان كۈنۈم سىنغا ئېلىپ سىلەرگە يوللايمەن.» لېي لېي ھەدىنىڭ ئۈمىدۋارلىقىدىن خەن لىننىڭ چېھرىدە تەبەسسۇم جىلۋىلەندى، «ئۆيگە قايتسا ھەقىقەتەن ياخشى ئىكەن».

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى