تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭنىڭ خۇبېيغا ياردەم بېرىش داۋالاش ئەترىتىنىڭ تۇنجى تۈركۈم ئەترەت ئەزالىرى زەپەر قۇچۇپ قايتىپ كەلدى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى جاڭ يەنفاڭ، چاۋ جىن خەۋەر قىلىدۇ: شىنجاڭنىڭ 2 - تۈركۈمدە خۇبېيغا ياردەم بېرىش داۋالاش ئەترىتىنىڭ بىر ئايدىن كۆپرەك جاپالىق كۈرەش قىلغان جەمئىي 102 ئەترەت ئەزاسى 3 - ئاينىڭ 17 - كۈنى ۋۇخەندىن ئۈرۈمچىگە ئايروپىلان بىلەن قايتىپ كەلدى، بۇ ئاپتونوم رايونىمىزدىن خۇبېيغا ياردەمگە بېرىپ، تېببىي قۇتقۇزۇش - داۋالاش ۋەزىپىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاپ زەپەر قۇچۇپ قايتىپ كەلگەن تۇنجى تۈركۈم داۋالاش ئەترىتى ئەزالىرى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى تيەن ۋېن ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتكە ۋاكالىتەن داۋالاش ئەترىتى ئەزالىرىنىڭ تىنچ - ئامان قايتىپ كەلگەنلىكىنى قارشى ئالدى، كۆپچىلىككە چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتتى ھەم ئالىي ئېھتىرام بىلدۈردى.

تيەن ۋېن مۇنداق دېدى: بىر تەرەپ قىيىنچىلىققا ئۇچرىسا، ھەممە تەرەپ ياردەم بېرىدۇ. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش كۈرىشىدە، كۆپچىلىك باش شۇجى شى جىنپىڭ ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ چاقىرىقىغا ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇپ، قۇربان بېرىشتىن قورقماي، ئالدىدا ئاتاكىغا ئۆتۈپ، ئۆلۈمگە ئامال، ئاغرىققا سەۋەب قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ، تۆھپە قوشۇپ، بۇرچى، ۋەزىپىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاپ، تېببىي خادىملارنىڭ مېھرىبان ئالىيجاناب روھى ۋە يېڭى دەۋردىكى تېببىي خىزمەتچىلەرنىڭ ياخشى ئوبرازىنى نامايان قىلىپ، خۇبېينى قوغداش جېڭى، ۋۇخەننى قوغداش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتۇڭلار! سىلەر ھەقىقىي قەھرىمانلار، يېڭى دەۋردىكى ئەڭ سۆيۈملۈك كىشىلەر. خۇبېيغا ياردەمگە بارغان مەزگىلدە، يولداشلار ئىككىلىنىپ تۇرماي، كېچە - كۈندۈز جاسارەت بىلەن ئېلىشىپ، پىداكارلىق كۆرسىتىپ، قەيسەرلىك بىلەن جەڭ قىلىپ، جەڭ مەيدانىدا مۇستەھكەم تۈۋرۈكلۈك رولۇڭلارنى جارى قىلدۇردۇڭلار. بۈگۈن كۆپچىلىك تىنچ - ئامان قايتىپ كەلدى، يولداشلارنىڭ مەركەزلىك دەم ئېلىش نۇقتىسىدا روھىي ھالىتىنى تەڭشەپ، ياخشى ئارام ئېلىپ، تېخىمۇ كۆتۈرەڭگۈ كۈرەش ئىرادىسى بىلەن بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلەرگە ئاتلىنىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقى ئۈچۈن داۋاملىق كۈچ بېغىشلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

ئىگىلىنىشىچە، بەش ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەردىكى كۆپلىگەن داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ پەرۋىش خادىملىرىدىن تەشكىللەنگەن بۇ داۋالاش ئەترىتى 2 - ئاينىڭ 4 - كۈنى ئۈرۈمچىدىن ۋۇخەنگە بېرىپ، ئاساسلىقى ۋۇخەن مەدەنىيەت يىغىن - كۆرگەزمە مەركىزىدىكى فاڭساڭ دوختۇرخانىسىدا قۇتقۇزۇش - داۋالاش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، «مەملىكەتلىك سەھىيە ساغلاملىق سىستېمىسى بويىچە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىدىكى ئىلغار كوللېكتىپ» دېگەن نامغا ئېرىشكەن.

شۇ كۈنى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنىڭ جىددىي تېببىي قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش ئەترىتىدىكى 74 پەرۋىش خادىمىمۇ مۇھىم تاپشۇرۇقنى يەردە قويماي، ياردەم بېرىش ۋەزىپىسىنى ئورۇنداپ غەلىبە بىلەن قايتىپ كەلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ